ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندىكى يېمەك ـ ئىچمەك توغرىسىدىكى بىلىملەردىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-02-15
ئاۋاتلىقى: 665 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندىكى يېمەك ـ ئىچمەك توغرىسىدىكى بىلىملەردىن خۇلاسە
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا، ھامىلدار ئايال ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىشى كېرەك، تاماق يىيىش قېتىم سانىنى بەش قېتىمغا ئۆرلىتىشى، كۆپ قېتىم ئازدىن ئىستېمال قىلىشى، گۆش قاتارلىق ھەجىمى كىچىكرەك، ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىشى، تاتلىق ياڭيۇ دېگەندەك ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەن، ھەجىمى چوڭ بولغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ئازايتىشى كېرەك.
ھامىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئايدا ماي ۋە كاربون سۇ بېرىكمىلىرى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم. تۇغۇتتا سەرپ بولىدىغان كۈچنى توپلاش ئۈچۈن، ئاقسىل تەكىبى مول، قەنت تۈرىدىكى ئېنىرگىيەنى تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ ۋاقىتتا ھامىلە ئاساسەن يېتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە داۋاملىق كالتسىي بىلەن بېلىق مېيىنى ئىستېمال قىلىپ، مېتابولىزم بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.