ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىل

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىل

ۋاقتى: 2016-09-08 ئاۋاتلىقى: 615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1)ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىك بېرىش
كىچىك بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، بالىلارغا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئاسان قوبۇل بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يېمەكلىكنى سۇيۇق تائامدىن سۇيۇق – سەلەڭ تاماققا( شوۋىگۈرۈچ، ئۇماچ، سۇيۇقئاش قاتارلىق) ئاندىن قويۇق تاماققا( يۇمشاق تاماق، بولكا قاتارلىقلارغا) ئۆزگەرتىشى كېرەك. 3 ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى چوڭلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ، كىراخمالنى ھەزىم قىلىشى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. 2 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قوشۇلىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك چوقۇم پىششىق پىشقان، ئۇششاق، يۇمشاق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، كەرەپشىنى ئېزىپ، ئۇششاق پارچىلاپ، سەي بوتقىسى قىلىۋىلىش كېرەك. 2 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 16 دىن 20 تالغىچە سۈت چىشى بولغاچقا، يېمەكلىك ئازراق قاتتىق بولسا بولىدۇ، بىراق، گازىر،پۇرچاق،يەر ياڭىقى،مىۋە ئۇيۇتمىسى بالىلارغا نىسبەتەن بەك خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ، كىچىك بالىلار بۇلارنى ئاسانلا يۇتۇۋېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىش، ئۇششاق ئېزىپ ئاندىن يېگۈزۈش كېرەك.
2.بەك كۆپ يېڭى يېمەكلىكلەرنى بېرىش
مەسىلەن، بەزى بالىلار تۇنجى قېتىم راك يېگەندە، بەك تېتىپ كېتىپ، بىر قېتىمدىلا كۆپ يەۋالىدۇ- دە، نەتىجىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يېڭى يېمەكلىكنى تېتىتقان ۋاقتىدا، ئۇنى ئاستا-ئاستا كۆندۈرۈش كېرەك. بىر قېتىمدىلا كۆپ بېرىۋەتمەسلىكى كېرەك، بارا-بارا كۆپەيتىپ، بالىنىڭ ماسلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
3.يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق
بوۋاقلار 4 ئايلىقتىن ئاشقاندا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارغا سۈتتىن باشقىمۇ قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. تەڭپۇڭ يېمەكلىك دېگىنىمىز بوۋاقلارنىڭ يېگەن يېمەكلىكى ئۇنىڭ ياش ۋە سالامەتلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مەسىلەن ئاقسىل، ماي، كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى، ۋېتامىن، مىنرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنت، سىلولوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار. ئاشلىق بولسا ئەڭ ئاساسىي يېمەكلىك، گۆش، بېلىق، تۇخۇم، سەي- كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ماددىلاردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئەستايىدىللىق بىلەن بالىنىڭ يېمەكلىكىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، تاماق تاللاپ، تاماقنىڭ بىر خىل بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى