ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟ قانداق دىياگنوز قويۇش كېرەك؟

جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟ قانداق دىياگنوز قويۇش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-10-14 ئاۋاتلىقى: 778 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىلارنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدە كۆپ يىغلاش، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش، تاماق يېيىشى قىيىنغا توختاش، چوڭ-كىچىك تەرىتى رېتىمسىز بولۇش، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەرىكىتى كۆپ بولۇش، ھەرىكىتى ماسلاشماسلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق ياكى ناھايىتى دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇش ئىشنى مۇددىئاسىز قىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، دەرس قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق، ئۆگىنىشتە قىينىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بالىنىڭ ئەقلى نورمال، بىراق دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئاڭلاش سۆزلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىك ئۆگىنىشى ناچار بولىدۇ.


1.  كېسەللىك ئالامىتى ئۆلچىمى: ئوخشاش ياشتىكى كۆپ ساندىكى بالىلارغا نىسبەتەن تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1› دائىم قول ۋە پۇتى جىم تۇرماسلىق ياكى ئولتۇرغان ئورنىدىن توختىماي قىمىرلاش. ‹ئورنى بىخەتەر ئەمەستەك سۇبيېكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ›
2› جىم تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان چاغدا تىنچلىنىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.
3› ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچراپ دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ.
4› ئويۇن ياكى كوللېكتىپ پائالىيەتتە سەھنىگە چىقىشنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرالمايدۇ.
5› دائىم باشقىلارنىڭ جاۋابى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا تالىشىپ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ.



6› باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلمايدۇ. ‹قارشىلىشىش قىلمىشى ئەمەس، چۈشىنەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان› مەسىلەن، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماسلىق.
7› تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغان چاغدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك.
8› دائىم بىر ئىشنى قىلىپ بولالماي تۇرۇپلا يەنە بىر ئىشنى قىلىشقا باشلاش.
9› تىنىچ ئوينىيالماسلىق.
10› كۆپ گەپ قىلىش
11› باشقىلارنىڭ ئىشنى توختىتىپ قويۇش ياكى كاشىلا قىلىش. مەسىلەن، باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا كاشىلا قىلىش.
12› باشقىلار ئۇنىڭغا گەپ قىلغان چاغدا دائىم ئاڭلىمايدۇ.
13› دائىم ئۆيدە ياكى مەكتەپتە ئۆگىنىش ياكى پائالىيەتتە ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش. ‹مەسىلەن: ئويۇنچۇق، قېرىنداش، كىتاب، دەپتەر قاتارلىقلار›
14› دائىم خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتنى ئويلاشمايدۇ. ‹غىدىقلاش ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس›
2.  كېسەللىك جەريانى ئۆلچىمى: ئادەتتە يەتتە ياشتا كېسەل قوزغىلىدۇ. كېسەلنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 6 ئايدىن يۇقىرى بولىدۇ.
3.  چىقىرىپ تاشلاش ئۆلچىمى: بۇ خىل كېسەل كەڭ دائىرىلىك يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پىسخىكا يېتىلىشى كېچىكىش، پىسخىكا يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئورگانىك روھى توسقۇنلۇق قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان   كېسەللىك ئەمەس. بەلكى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە دورا ئەكىس تەسىر قىلىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى