تور بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئوپئوخشاش بولۇپ قالسا تور بېكەت ئىگىسىنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولىدىكەن. مەن كەسپى بلوگېر بولمىساممۇ بەزى-بەزىدە بلوگ يېزىپ قويىمەن. شەخسىي بلوگىمنىمۇ WordPress تە قۇرۇۋالغان ئىدىم. باشتىلا ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈرۈپ WPSummer ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ بلوگنىمۇ ئېچىۋالدىم. شۇ ئىشلارغا يېرىم يىلدىن ئاشتى.
دەسلەپتە بۇ WPSummer ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنلەر يوق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلقۇت ئەپەندىم بۇ ئۇسلۇبن...
تولۇق مەزمۇنى
Transformers (变形金刚) 3 بىز ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كىلىۋاتقان كىنولارنىڭ بىرى ئىدى. ئەسلىدىلا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇلۇشى كېرەك بولغان بۇ كىنو دۆلىتىمىز بازىرىدىكى بەزى فىلىملەرنىڭ قويۇلۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ۋاقتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولالماي قالىدىكەنمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى بولىدىغان توپ كۆرگۈچىلەر بىلىتى(团购票)نى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا سېتىۋېلىپ بولغان ...
تولۇق مەزمۇنى
قۇرۇق گەپنى قويايلى، ئاۋۋال ئېلاننى كۆرۈڭ.
ئەسلى ئېلاننى بۇنداق ئىشلىسىمۇ بولىدىكەن
...
تولۇق مەزمۇنى
1-كۈلكە دورىسى: خۇشال ياشاڭلار(ئىتوت)
خۇلاسە: 3000 نان يەيدىغان پۇلغا بىر كۆينەك ئالسا بولىۋېرىدۇ دەمدۇق؟
2-كۈلكە دورىسى: «تىراگىدىيە» (ئىتوت)
خۇلاسە: بۇ ئىتوت ئىشلەشنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىما؟ «MTV ئىشلەش» تىن كىيىن بۇ خىل ئۇسلۇب مودا بولىۋاتامدۇ؟
...
تولۇق مەزمۇنى
بلوگىم قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇ بىرلا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئۇسلۇب يېڭىلاشقا ۋاقت چىقمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئىدى. بولۇپمۇ رەڭلەر كۈزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈنەتتى.
مانا يېرىم بوپتۇ، ئەمدى بىر كىيىم ئالماشتۇرۇپ باقايمۇ-يا دەپ تورنى مىڭ ئىزدىسەممۇ تۈزۈكرەك بىرەر ئۇسلۇب ئۇچرىمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىرى مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىشنى ئويلىدىم. ھەرخىل ئۆزگەرتىش ئا...
تولۇق مەزمۇنى
يېقىنقى ئۇزاق مەزگىللىك ئالدىراشچىلىق ۋە داۋالغۇشتىن كىيىن، بېكەت بوشلۇقى نورمالسىزلىشىپ بلوگ يېزىشقا مۇمكىن بولمىدى. ھازىرمۇ FTP نى ئىشلەتكىلى بولمايۋاتىدۇ. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ.» دېگەن شۇ ئوخشايدۇ. FTP ئوڭشالسا يېڭى قىياپەتنى بىلەن بلوگنى باشلىۋالسام بولاتتى …
...
تولۇق مەزمۇنى
ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كىلىدۇ. ھاياتلىق شۇنچىلىك ئاجىزكى، قىلچىلىك زەربە مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۇزۇندىن بىرى ھەممە جايدا IPAD2 قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. تېلىۋىزور ئېلانلىرى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە تور يۈزى شەخسىي مەتبۇئاتلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، IPAD2 نى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى. ئاقىۋەتتىچۇ؟ ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك بولىدۇ. تەشۋىقات دولقۇنىنىڭ زەربىسى ۋە قايمۇقتۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن بىر قىسىم ياشلاردا، يۇتقانغا ق...
تولۇق مەزمۇنى
ئاز-كەم بىر ئايدىن بىرى بلوگ يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى. پەقەت تور ئارىلاش بىلەنلا كۇپايىلەندىم. بۇنداق بۇلۇپ قېلىشى بۇ نەچچە يىللىق ئوقۇشنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىدىغان ۋاقتنىڭ كىلىپ قالغىنىدىن ئىدى. ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ ھەر خىل ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماي باشقىنى يازىدىغانغا ۋاقت چىقماي قويدى.
ئەمما بۇ جەريانىدا مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئاز گەپ بىلەن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما مەن بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقىمەن. بەلكىم مەن ئۈچۈن بىر ئەسل...
تولۇق مەزمۇنى
رەسىملەرنى كۆرۈڭ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كىنولار بەك ئېسىلكەن. كۆرۈشكە نىسىپ بولغاي. پەقەت بىر نەچچىسىنى ئالدىم، بۇنىڭدىن باشقا ياخشى كىنولارمۇ جىق جۇمۇ
...
تولۇق مەزمۇنى
مۇشۇ خەقنىڭ بېكارچىلىقتا قىلمايدىغان ئىشى يوق جۇمۇ! ماۋۇلار بېكارچىلىقتا HTC, Wp7, iPhone لارنى كۆيدۈرۈپ بېقىپتۇ. كۆرۈپ بېقىڭلار ھە …
...
تولۇق مەزمۇنى
ئىسمى: بومباي ماشىنا ئادىمى مۇھەببىتى (Bollywood)
خەنزۇچە: 宝莱坞机器人之恋
بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈش: كىرىڭ
بۈگۈن كەچتە بۇ كىنونى كۆرۈپتىمەن. كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىكەن. گەرچە كىنو ھىندىستاننىڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى ھىندىستان كىنولىرى بىلەن كونا ئوخشاشلىقىنىمۇ ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە (ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدىغان يىرى) يەنە يۇقىرى پەنتېخنىكىلىق فانتازىيەلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە بولۇپ چىقىپتۇ. ۋاقتىڭلار بولسا كۆرۈپ قويۇڭلار. بىرلا يىرى سەل ئۇزۇنكەن،...
تولۇق مەزمۇنى
ئىسمى: شاھنىڭ نوتۇقى
خەنزۇچە: 国王的演讲
ئىنگىلىزچە: The King’s Speech
2011-يىى 1-ئايدا چىققان كىنو. ۋەقەلىكىدىن چوقۇم رازى بولىسىز. ۋاقتىڭىز چىقسا چوقۇم كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى چىقتىمۇ-يوق بىلمىدىم. فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت قوشىدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى تەييارلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
...
تولۇق مەزمۇنى
نېمىشقىكىن تۇيۇقسىزلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە يادلىغان «چۈنكى ، مەن _ ئادەم» ناملىق شېئىر ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھەر بىر كۇبلىتنىڭ ئاخىرىدا تەكرارلانغان «چۈنكى ، مەن _ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم» مىسراسى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندەك بولۇپ قالدىم. توۋا دەيمەن، توۋا …
ھاياتىمىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا بىلمەسكە سېلىپ ياشاۋىرىدىكەنمىز. يېگەن تاماقنىڭ جېنىمىزغا جاپا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا شۇ خىلدىكى خىللاپ يەۋىر...
تولۇق مەزمۇنى
كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نامى : ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
ئىنگىلىزچە نامى : The Social Network
خەنزۇچە نامى: 社交网络
ناۋادا سىز كومپيۇتېر، تور ، IT قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز، ياكى كىنو كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، ھاياتى كۈچىڭىز ياكى قىزغىنلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان كىشى بولسىڭىز، بۇ كىنونى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىنو ھەققىدە تەدبىركار ئەپەندىم بلوگىدا خېلى تەپسىلىي توختىلىپتۇ. قىزىقسىڭىز كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خۇشخەۋەر شۇكى، شاھ بلوگىدىكى ئەزىمەتلەر بۇ فىلىمن...
تولۇق مەزمۇنى
ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندان «ئاتالمىش 2.14 بايرىمى» ئۆتكۈزۈش توغرا بولمىسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ بايرام ئۈچۈن پايپىتەك بولىۋاتىدۇ. جۈپى بارلارغۇ بايرىمى بىلەن ئۆتىۋەرسە، بويتاقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسە بولاتتى. ئەمما جاھاندىكى ئىشلارغا باھانە تاپقىلى بولمايدۇ. بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يىلللىق 2.14 بايرىمىدا قايسى ئىشنىڭ ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز چوقۇم خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئەمىسە ق...
تولۇق مەزمۇنى