تۇغماسلىقنىڭ ئالامىتى
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 3052 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
زەكەرنىڭ ئەگرى ياكى قىسىقا بولىشىدىن بولغان تۇغماسلىقنىڭ ئالامىتى مەلۇملۇقدۇر.
كۆپ قان ئېلىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، بىمارنىڭ كۆپ قان ئالدۇرغانلىق تارىخى بولىدۇ. چىرايى تاتىراڭغۇ، بەدىنى ئاجىز بولىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزىغا پەردە ئۆسۇپ قالغان بولسا، بۇنداق ئايالنىڭ ھەيزى كەلمەيدۇ ياكى ناھايىتى ئاز كېلىپلا توختاپ قالىدۇ. جىمادا زەكەرنىڭ كىرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئايال جىمادا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ. بالىياتقۇ ياللۇغلانغاندىن پەيدا بولغان بولسا، بالىياتقۇ ياللۇغىدا بايان قىلىنىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇ كېين تەپسلىي بايان قىلىنىدۇ. بالىياتقۇغا يەل قاپسىلىۋېلىشدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىمادا خۇددى ئوسۇرۇق ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىدۇ. بالىياتقۇدا يارا پەيدا بولۇپ ئاقمىغا ئايلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ھەيزنىڭ كۆپ كېلىشى ۋە بالىياتقۇ يارىسىنىڭ بابىدىن كۆرۇۋېلىنسا بولىدۇ.
تۇغماسلىق بالىياتقۇنىڭ بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قېلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، جىما ۋاقتىدا ئاغرىق سىزىلىدۇ، مەنى بالىياتقۇغا ماڭماي ئېقىپ چىقىدۇ. تۇغماسلىق جىنسى ئەزالار مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بولسا، بىمارنىڭ تومۇرى، چىراي رەڭگى، جىنسى ئەزالارنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىقى، ئابى مەنىنىڭ قويۇق-سۇيۇقۇقى، ئاز-كۆپلىكى، رەڭگى قاتارلىقلاردىن مەلۇم بولىدۇ. يەنى قايسى خىلدىكى مىزاج بوزۇلۇش بولسا ماس بولغان ئالامەتلەر يۇقىرىقى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
مىزاج ئىسسىقتىن بۇزۇلغان بولسا، ئابى مەنى ئىسسىق سېزىلىدۇ، مەنىي كەلگەندە مەنىي يوللىرى كۆيۈشىدۇ، ئابى مەنىنىڭ رەڭگى سېرىق بولىدۇ. مىزاج سوغۇقتىن بۇزۇلغان بولسا، ئابى مەنىمۇ سوغۇق سېزىلىدۇ، رەڭگى ئاق، سۇيۇق بولىدۇ. مىزاج قۇرۇقتىن بۇزۇلغان بولسا مەنىنىڭ مىقدارى ئاز، قويۇق، شىلمىشىق، بولىدۇ. پەرزەنت تۆرۈلىدىغان ئورۇنغا يىتىپ بارالمايدۇ. مىزاج قۇرۇق ئىسسىقتىن بۇزۇلغان بولسا، مەنىي رەڭگى سېرىق، قويۇق، ئىسسىق بولىدۇ. مىزاج ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلغان بولسا ئابى مەنىنىڭ مىقدارى كۆپ، رەڭگى ئاق، سۇيۇق بولىدۇ. مىزاج ھۆل ئىسسىقتىن بۇزۇلغان بولسا، جىمادا مەنى يوللىرىدا كۇيۈشۈش بولىدۇ، ھەيز قېنى كۆپ، قىزىق، رەڭگى سېرىق، پاقىراق بولىدۇ. مىزاج سوغۇقتىن بۇزۇلغان بولسا، بالىياتقۇ ئېغىزى داۋاملىق نەم بولۇپ تۇرىدۇ، ھەيز مىقدارى كۆپ، رەڭگى سۇس بولىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ كۆزى بالىياتقۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. كۆز ئەتراپى ئىششىغان، كۆكەرگەن ياكى قارىدىغان بولسا بالىياتقۇدا زىيادە ھۆللۈكنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.