ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

(تەۋسىيە)ئەرلەرنىڭ جورا تاللاش دەستۇرى

(تەۋسىيە)ئەرلەرنىڭ جورا تاللاش دەستۇرى

ۋاقتى: 2016-06-05 ئاۋاتلىقى: 935 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسنى-جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە، مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت) ئىسلام دىنى نەزەرىدە، ئايال كىشىلەر سۈپەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ”ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرنى قويۇۋەتسە پەرۋەردىگارى (ئۇنىڭغا) سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى(ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ) ئەمرىگە بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى بېرىشى مۇمكىن.“ (تەھرىم سۈرىسى 5 ـ ئايەت)بۇ ئايەت، خاتىرجەم، بەرىكەتلىك ۋە ئېسىل بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىشتا ئايال كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


ﻳۇﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ:
 1. ”بويسۇنغۇچى“ دېگەن سۈپەت بايان قىلىنغان، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان ئايال ئېرىنىڭ خاھىشىغىمۇ چوقۇم بويسۇنىدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تونۇيدۇ.
 2. ”ئىمان ئېيتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئايال كىشى ھەر قانداق ياخشى ئىشنى رىياسىز ھالدا، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ. ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلاردىن يىراق بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئېرىگە ھەمىشە ۋاپا قىلىدۇ.



 3. ”تەۋبە قىلغۇچى “دېگەن سۈپەت بولۇپ، بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى بەختلىك قىلىشنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ.
 4. ”ئىبادەت قىلغۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە، ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ھەققىنى تونۇپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئورۇنلايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىشنىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر.
 5. ”روزا تۇتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، روزا تۇتۇش بىلەن بولسۇن، مەيلى باشقا نەپلى (ئىختىيارى) ئىبادەتلەر بىلەن بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى خالىغان ئايال كىشى ھەر ھالدا ئېرىنىمۇ رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئايالىنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ. يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىسلام نەزەرىدىكى ئەڭ ئۆلگىلىك ئايال كىشىنىڭ مىسالىدۇر. ئۆلگىلىك ئايال-ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرـ پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن قورقىدىغان، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئايال دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: ”دۇنيا مەنپەئەتتۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۆلگىلىك ئايال كىشىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسىبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاش، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بەزى كىشىلەر چورىسى بولىدىغان ئايالنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇنىڭ بايلىقىنىلا كۆزلەپ ئۇنى تاللايدۇ. بەزى كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ مەنسىبى ۋە جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ.


 ”دىيانەتلىك“ دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېڭىلسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى)يەنە بىر ھەدىستا مۇنداق دېيىلگەن: ”ئايال كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دىدەك، دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر“. (ئىبىن ماجە رىۋايىتى)ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىشىدىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال ـ دۇنياغا ۋە ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۈلۈك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى-ھەۋەسلەرنىڭ سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال مۇتەكەببىر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كىشى كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋىر-تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرويغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.


 

 11ـ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى ”قۇتادغۇ بىلىك“ تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن:


دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،
ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،
بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر،
ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر،
يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،
ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.
بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى،
 بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا،
ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا،
ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۇچى جان،
 ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان،
 گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى،
ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى.
ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن،
ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.
ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر،
قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.
ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل،
ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتمۇ بىل.



يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىسىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پرىنسىپى كۈندىن-كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمئىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجرىبىلەرمۇ، بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. ئىسلام نەزەرىدىكى ئۆلگىلىك ئايالنىڭ سۈرىتىنى تۆۋەندىكى ھەدىستا كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال كىشى ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايال كىشى سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ” ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسا ئۇنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئۇنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇنلايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال، ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايالدۇر.“ (نەسائىي رىۋايىتى)ئىمۆم غازالى ”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: ”ئەي قىزىم! سەن ئۆسۈپ-يېتىلگەن ئۇۋاپدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! سەن ئۇنىڭغا زېمىن بولساڭ، ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بولساڭ، ئۇ ساڭا تۈۋرۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما، ئۇ سەندىن زىرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشما، ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن ئۇزاقلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭدىن ئوزاقلاشقىن. ئۇنىڭ نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا پۇرسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكنىلا كۆرسۇن.“ (”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ 4 ـ جىلد 163 ـ بەت)

مەنبە: "ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى" ناملىق ئەپتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى