ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قانداق ئەھۋاللاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قانداق ئەھۋاللاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2014-02-21 ئاۋاتلىقى: 681 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋە تۇغۇت ئالدىدىكى تەكشۈرتۈشتە ھامىلىدار ئايالنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىسە، بالا جىنسىي يول ئارقىلىق ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق تۇغۇلىدۇ. ئەكسىچە، تۇغۇت ئالدىدىكى تەكشۈرتۈشتە جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇش ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالسا، بالا ۋە بالا ھەمرىيى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى  ئارقىلىق تۇغدۇرۇلىدۇ. ئۇنداقتا بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قانداق ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدۇ؟

 
ھامىلىدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى بەك كىچىك بولۇپ، نورمال چوڭلۇقتىكى بالىنى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا؛ يۇمشاق تۇغۇت يولى تارتۇق ياكى يارا ئىزىدىن تارايغان بولۇپ، تۇغۇتتا كېڭىيەلمەسلىك ئېھتىماللىقى بولسا، داس بوشلۇقى ياكى بالىياتقۇدا ئۆسمە بولۇپ، بالىنىڭ تۇغۇلۇشى توسالغۇغا ئۇچرىسا؛ تۇغۇتتىن ئىلگىرى جىنسىي يولدىن قان كەلگەن، بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلىشىپ قالغانلىقى ياكى بالدۇر ئاجراپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا؛ يېشى 35 تىن ھالقىغان، شۇ قېتىمقى تۇغۇتى تۇنجى تۇغۇتى بولۇپ، ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسا؛
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئايالنى تۇغۇت مۆلچەر ۋاقتىدىن ئىلگىرى دوختۇرخانىدا يېتىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشتە ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما تۇغۇت جەريانىدا كۆتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، تۇغۇت ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كېتىپ باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئامال بولماسلىق؛ ئىلگىرى  بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاچقا ئوپېراتسىيە ئورنى قاتتىق ئاغرىپ، بالىياتقۇ يېرىلىپ كېتىش خەۋپى بولۇش قاتارلىقلار.
ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش، باش سۈيىگە ھامىلە تەرىتى ئارىلاش كېلىش؛ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، كىندىك ساڭگىلاپ قىلىش؛ ئانىنىڭ داس سۆڭىكى نورمال بولسىمۇ، بالا زىيادە چوڭ بولغانلىقتىن جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغالماسلىق؛ ھامىلە توغرىسىغا يېتىۋېلىپ. ھامىلە ئورنىنى توغرىلىغىلى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا يەنە بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. ئەمما، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئانا –بالىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش، ھەرگىزمۇ سەۋەبسىزلا ئوپېراتسىيە قىلماسلىق كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى