بالىلاردىكى ئوتتۇرا دېڭىز كەمقانلىق كېسىلىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى(2)
ۋاقتى: 2016-05-18
ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېنىك دەرىجىدىكى:
بىماردا كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ ياكى يېنىك دەرىجىدىكى كەمقانلىق، تالنىڭ يېنىك دەرىجىدە چوڭىيىپ قېلىش ياكى نورمال بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك جەريانى ياخشى، قېرىغىچە ياشىيالايدۇ. بۇ كېسەلگە ئاسانلا سەل قارىلىدىغان بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئېغىر كېسەللەر ئائىلە نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىلىدۇ.
لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش: يېتىلگەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ شەكلى يېنىك دەرىجىدە ئۆزگىرىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوسموس چۈرۈكلۈكى نورمال ياكى تۆۋەنلەيدۇ، ھىموگىلوبىننى ئېلېكتىروفورېزلىغاندا(电泳) HbA2 نىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولىدۇ‹0.035~0.060› بۇ بولسا بۇ خىل تىپتىكى كەمقانلىق كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى. HbF نىڭ مىقدارى نورمال.