بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.
مەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن
ئوقۇرمەن دوستلىرىمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيىتىنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋى تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمان قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتى. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي.
يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. چۈنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە تىل ئىنساننىڭ سول مېڭىسىدىكى بروكا رايونى ۋە ۋېرونىكا رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بروكا رايونى گرامماتىكىسى(قوشۇمچە، باغلىغۇچى، ئۇلانما، يۈكلىمە)، ۋېرونىكا رايونى سۆزنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يات تىلنى كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ مېڭىسىدىكى يۇقارقى ئىككى رايونغا شۇ تىل ياكى تىللار يېقىن ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، كىچىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر شۇ تىللارنى تەڭلا قوللىنىپ تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ، قوللۇنۇلۇشتا بىر تىل يەنە بىرسىگە ۋاسىتە بولمايدۇ، ۋە ياكى بىرسى بىرسىگە تايىنىپ قالمايدۇ دېگەن سۆز . شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىمكانىيىتى بار. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ رېتىمىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇ رېتىمىنى بىز گرامماتىكىدا ئىنتوناتسىيە ياكى جۈملە ئۇرغۇسى دەيمىز. يات تىلنى مۇنداق كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مېڭىسىگە ئورۇنلاشقان تىللاردىكى يۇقارقى ئەۋزەللىك سەۋەبىدىن يات تىلنىڭ ئىنتوناتسىيە ياكى رېتىمىنى تەبىئىى قوللىنالايدۇ. شىئېر رىتىم سەنئىتى بولغاچقا كىچىكىدىن يات تىل ئۆگەنگەنلەر شۇ تىل ياكى تىللاردىكى رېتىمىنى ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش راۋانلىقتا ئىشلىتىپ شىئېر يازالىشى مۇمكىن.
يات تىلنى ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگىلىگەنلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سول مېڭىسىنىڭ يۇقارقى ئىككى رايونىدا تىللار يىراقراق جايلاشقان، تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزدا بۇ ئىككى تىل بىر بىرىگە بېقىنىدۇ. ئانا تىل يات تىلنى بېقىندۇرۇپ ئۆز قېلىپىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ سۆزلۈك، گرامماتىكا قىسىمنى ھەر قانچە ئوبدان ئۆگەنسىمۇ رېتىمىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. شۇڭا يات تىلدا شىئېر يازالىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىق مەزگىلدە چەت تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ كاللىسىدىكى ۋېرونىكا رايونى يات تىلنىڭ گرامماتىكىغا مەنسۇپ ئۇچۇرلىرىنىمۇ سۆزلۈك قاتارىدا ساقلىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆگەنگۈچى ئۇزاق مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا يات تىلدىكى بۇ گرامماتىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۆزلۈك رايونىدىن گرامماتىكا رايونىغا يۆتىكىيەلەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يات تىل ئۆگەنگەندە قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەسلىكىمىزنىڭ ۋە ”سۇدەك“ سۆزلىيەلمەسىكىمىزنىڭ سىرى. چۈنكى كاللىمىز ئۇنى خاتا يەرگە ساقلىۋالغان ۋە گرامماتىكىسى سۆزلۈك سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. تىلدىكى رېتىمىنى قۇراشتۇرىدىغان گرامماتىكىسى راۋان قوللىنالمايۋاتقان ئۆگەنگۈچى شېئىرنى ئەلۋەتتە تولۇقىيالمايدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ تۇقۇيالمايدۇ.
مەن يۇقىردا دېگەنلىرىمنى تاگۇرنى مىسال قىلىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئۇيغۇرغا ئەڭ تونۇش قوشنا ئەل شائىرى بېنگال تىللىق شائىر تاگۇر شېئىرنى ئاۋال بېنگالىچە يېزىپ ئاندىن ئىنگلىزچىگە نەسىر شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇزغانىكەن. بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تاگۇرنىڭ مەشھۇر نەسىرلىرى دەل شۇ بېنگالچە شېئىرنىڭ ئىنگىلىزچە نەسىرلەشتۈرىلىشىدۇر، .شۇڭا يا تىلدا تىرىشسىلا نەسىرى ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، ھەم مۇنداق يازغانلارنىڭ مىسالى كۈرمىڭ، ئەمما شىئېر يازغانلارنىڭ مىسلى ئاز. بولۇپمۇ يات تىلنى ياشلىقىدا ئىگىلەپ شۇ تىلدا شىئېر يېزىپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاز بوسا كېرەك.
يۇقارقى خۇلاسىگە قاراپ بەزىلەر، ئۇيغۇرلاردا تارىختا ۋە ھازىر يات تىلدا شىئېر يازغانلار جىققۇ دېيىشى مۇمكىن. بەرھەق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىب جىق، فارابى، نەۋايى، لۇتفى، يۈسۈپ سەككاكى… لېكىن شۇ يات تىل ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك، شۇ يات تىل ئەھلىنىڭ ئاغزىدا قالغۇدەك يازغانلىرى ئاز. بىز پەقەت شۇلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغىنىنىلا بىلىمىز. فارابىنىڭ ئەرەبچە شېئىرلىرى ئەگەر راستىنلا ئېسىل بولۇپ ئەرەبلەرنى قايىل قىلالىغان بولسا ئەرەب ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتلاردا، ئەرەب ئەدەبىيات تارىخىدا نامى قالغان بولاتتى، لېكىن فارابىنىڭ نامى مەزكۇر زات قالدۇرغان تۈرلۈك پەنگە دائىر ئەسەرلەردە. بولمىسا ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى، فارىس ئەدەبىيات تارىخى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلاردا ياكى شۇ ئەدەبىياتلارغا دائىر تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمايمىز.
بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىز دەۋرداشلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇئەيەنلەشتۈرۈلمىگەن، مەسىلەن، نەۋايىنىڭ فارىسچە شىئېرلىرىنى بۈيۈك ئەجداد بابۇر ”تولىمۇ سۇس يېزىپتۇ“ دەپ باھا بەرگەنىكەن.
ئەمەلىيەتتە شىئېر تەرجىمىسنىڭ تەرس بولۇشىدىكى سىرمۇ مەن يازمىدا يازغاندەك. تەرجىمىدە شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى چىقارغىلى بولغان بىلەن رېتىمىنى چىقارغىلى بولمايدۇ. مەزمۇننى مەزمۇن بىلەن چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما يات تىلدىكى ئۆز تىلدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى بىر تىلدىكى ناخشىغا يەنە بىر تىلدا تېكىست سالسا چۈشمىگەندەكلا ئىش.
بۇ يازمىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي يات تىلغا قارىتىلغان، ئۇيغۇر قازاقچە، ئۆزبېك تاتارچە شىئېر يازسا گەپ يوق ئۇتۇق قازىنىدۇ، چۈنكى قېرىنداش تىللاردا رىتىم ئورتاقىلىقى بار. بۇ تىللاردىن شىېئىرلارنى تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس ئەمەس.
بەزىلەر تىرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەخمەتجان ئوسمان ئەرەب ئەدەبىياتىنى تاڭ قالدۇردى… دېدى. مەن ئۇلاردىن بۈگۈنكى ئەرەب شىئېرىيىتى دېگەندەك تەتقىقات كىتابلىرىغا قاراپ باقسىكەن دەيمەن. ئەگەر شۇنداق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلاردا شۇنداق دېيىلگەن بولسا بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باققساق بولىدۇ. شۇنداق ئىمكانىيەت بولسا تېخى ياخشى. بەزىلەر ھەممە ئىشنى تىرىشسا قىلغىلى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممە ئىشنى تىرىشسىلا قىلغىلى بولىدۇ دېگەنگە بۇرۇن مەنمۇ ئىشىنەتتىم، ئەمما يۇقارقىدەك رىياللىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەگەر ياشلىق دەۋرىمىزدە تىل ئۆگەنگەن بولساق، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ كالىمىزدىكى بىر ئورۇنغا پاراللىل ۋە يېقىن ئورۇنلاشمىغان ئىككى تىلنى ئوخشاش راۋانلىقتا قوزغىتالمايدىكەنمىز. تىلدىكى باشقا ئامىلنى ئۆگىنىۋالغىلى بولغان بىلەن رېتىمىنى تولۇق سىڭدۈرىۋالماق مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.
توغرا ئۇيغۇر شائىرلىرى مىڭ يىلغا يېقىن ئەرەبچە شىئېر يېزىش ئەئەنىسىگە ئېگە.(فارابىدىن تەجەللى، ئابدۇقادىر دامۇللامغىچە) بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئوچۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ رېتىمى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇرئان ۋاستىسىدە تولىمۇ تونۇش، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب شىئېرىيىتىدىكى رېتىمىنى ئۆزلەشتۈرىشىگە قولايلىق ياراتقان ئامىل. مەسىلەن، قىرائەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قارى ئەگەر ئەرەب تىلىنى بىلمىسە ئۇنىڭ ئوڭ مىڭىسىلا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى ئوڭ مىڭە مۇزىكا، رەسىم، شەكىل ئاۋاز قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق يادىلاش تىلدىكى رېتىمىنى ئېگىلەشكە پايدىلىق. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچىنى قۇرئاننى يادلىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆگەتكىنىمۇ خاتا ئەمەس، بەلكى ئىسپاتلىمىغان ئىلمىيلىك. بۇنداق بولغاندا تىلنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بۇ مىسالدا مىسالغا ئالغىنىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك بىزگە ئەرەبچىنىڭ رېتىمى تونۇش، بىر قەدەر ئۆزلىشەرلىك شۇڭا بىزدە ئارۇز شىئېرىيىتى بار. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار ئەرەبچىدىكى رېتىمىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن. پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېقىنلىشىدىغان رېتىمىنى قوبۇل قىلالىغان. شۇڭا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەممە تۈرى بىزدە يوق، پەقەت بىر قىسىم تۈرىلا مەۋجۇد.
ئۇيغۇرلارنىڭ فارىسچە شىئېر يازغانلىقمۇ ئارۇز سەۋەبلىك ئىككى تىلدا بارلىققا كەگەن رىتىم ئورتاقلىقى، مەدەنىيەتتىكى يېقىنلىق سەۋەبلىك كىچىكىدىن ئىككى تىلغا تەڭ پىشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، فارىس شىئېرىيىتىنىڭ ياراتقان پەللىسى قاتارلىق ئامىللار موھىم رول ئوينىغان. ئەمما بىز يۇقىردا توختالغاندەك ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى شۇ مىللەت شىئېرىيىتى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. ھازىر ئارىمىزدا بولۇۋاتقان مەلۇم شائىرلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىپ غالىپ بولغىنى ھەققىدىكى پاراڭلارنى توغرا چۈشنىمەن، مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن لېكىن، شىئېرىيەتتە بىر پارچىلا يات تىلدىكى شىئېر بىلەن يات تىلدا شىئېر يازالايدىغانلىقى بىلىنەر، مەشھۇر بولغاننى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختالماي.
ياشلىق دەۋرىدە يات تىل ئۆگەنگەن ئادەمگە يات تىلدىكى شېئىرنى يازماق تەرسلا ئەمەس، ئوقۇپ ھوزۇر ئالماقمۇ تەرس. سەۋەبىي يۇمتالدا ئەمەس قاتتالدا. ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرەلمىگەن رېتىمىنى ئوقۇپ ھىس قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا يات تىلدا ئۇتۇقلۇق شىئېر يازماقمۇ، يات تىلدىكى شىئېردىن ھوزۇر ئالماقمۇ ۋە شۇنى رېتىمى بىلەن تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس، بۇنى بىزنىڭ مىڭىمىزدىكى تىلغا مەسئۇل بۆلەكنىڭ خىزمىتى بەلگىلىگەن.