Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش

ھازىر كۆپىنچە ئوقۇغۇچى بالىلار ياكى iPhone غا پۇل يېتىشتۈرۈپ بولالمىغان ئەمما iOS كە ھەۋىسى بارلاردا ئاساسەن دىگۈدەك iPodTouch نىڭ ھەر قايسى دەۋر مەھسۇلاتلىرى بار. بۇ ئۈسكىنىدە GPRS سېگىنالى قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلمىغان. شۇڭا خالىغان يەردە تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئامىركىدىن كىرگەن ئەمما تور قۇلۇبىنى يېشىشكە ئۈلگۈرمىگەن iPhone لارمۇ پەقەت wifi نوقتىسى ئارقىلىق تورغا چىقالايدۇ. wifiنۇسخىدىكى ipadمۇ پەقەتلا كومپيۇتېر ياكى باشقا router دا قۇرۇلغان wifi نوقتىسى ئارقىلىق تورغا چىقالايدۇ.

كۆپىنچىمىزدە يۇقارقى ئۈسكىنىلەر يوق، ياكى بىرەر قىتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ئۈسكىنە سېتىۋىلىش ياخشى تەدبىر ئەمەس. مەنمۇ تولا ئىزدەپ يۈرۈپ نۆۋەتتىكى ئەڭ قولاي symbianمۇھىتىدا wifi نوقتىسى قۇرۇش دېتالىنى تاپتىم.بۇ دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈن symbian نىڭ 3-ياكى 5- نەشرى شۇنداقلا ئۈسكىنىدە wifi ئىقتىدار بولىشى كىرەك. ھازىرقى كۆپ قىسىم ئەقلىفونلاردا wifi دىگەن چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار.

joiku  ناملىق بۇ دېتالنى قاچىلاش، ئىشلىتىشنىڭ تەپسلىي باسقۇچى:

1. ئالدى بىلەن http://dl.dbank.com/c0poofv8mu دىن خالاستان بىلوگى تەمىنلىگەن ھەقسىز نەشرىنى چۈشۈرۈڭ.

ياكى http://www.joiku.com/ دىن ھەقلىق نەشىرنى 9 ياۋروغا سېتىۋىلىپ چۈشۈرۈڭ،

ۋە ياكى http://www.ruan8.com/soft_5864.html دىن خەنچە نەشرىنى چۈشۈرۈڭ.

2. چۈشۈرگەندىن كىيىن  قويۇپ قاچىلاڭ.ئىمزا سورىمايدۇ، ئەگەر تەلەپ قىلسا ئۇيغۇر يانفون تورى بۇ ھەقتە سىزگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىمزا قويۇش دەرسى : http://uyphone.com/a//2010/0625/405.html

3.قوزغاتقاندىن كىيىن 是否同意外部设备共享互联网设备 دىگەن تاللاشقا قوشۇلۇپ كىيىنكى قەدەمگە كىرىپ چىققان تاللاش تۈرىدىن cmnet (بىرلەشمىن ۋە تىلگىرافىڭمۇ net بىلەن ئاخىرلاشقان تاللاش تۈرىنى) تاللايسىز. باشقا بارلىق تاللاشلارنى ۋاكالىتەن قىلىپ بېرىدۇ.

4.بۇ ۋاقىتتا تور رەسمىي قۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ ھەقسىز نەشىردىكى دېتال بولغاچ تور نامى، قانىلى،پارولى قاتالىقلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەقلىق نەشىرنى سېتىۋالغاندا ئاندىن ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

سېرىتقى ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق بۇ تورنى بايقاپ تورغا چىققاندا بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ئېقىم مىقدارى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى خەنچە بولغاچ ئىشلىتىش بەكلا قولاي. مەسىلە بولسا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلق مەسلىھەت بىرىدۇ .ھازىر مۇشۇ يازمىنىڭ ئاپتورى نەزەرىمۇ مۇشۇ دېتالدا تورغا چىقىۋاتىدۇ.

 بۇ ئۈسكىنە ئارقىلىق قۇرۇلغان wifi نوقتىسى 50 مىتىر ئەتراپقا تارقىلىدۇ، wifi قوبۇللاش ئىقتىدارى بار ھەرقانداق كومپيۇتېر ياكى iphone,ipodtouch,upad لەردە تورغا چىقىشقا بولىدۇ.

«Symbianدە WiFi قۇرۇپ iPhone دا تورغا چېقىش»نىڭ 13 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئادەتتە سيمبىيان تېلفۇنلارنىڭ 40 تىپتىكى سېستىما قاچىلانغانلىرى ۋە سونىي ئەرىكسىن نىڭ ئادەتتىكى كىچىك تېلفۇنلىرى بولسىلا كۆكچىشنى ئۇلاپلا ئايتاچ تا تورغا چىققىلى بولىۋىرىدۇ… مەنمۇ شۇنداق قىلىمەنغۇ…!
    ئارتۇقچە ئىشلار ھاجەتسىز، پەقەت كۆكچىشنى ئۆز-ئارا ئۇلىسىڭىزلا بولدى…

    1. ئايتاچ قا باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ كۆكچىشىنى ئۇلاش ئۈچۈن كۆكچىشنى يېشىش كىرەك بولىدۇ. يېشىلگەن ئەھۋالدا ئاندىن ھۆججەت يـۆتكەش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ. كۆكچىش يېشىلمىگەندە ئۇلاشقا بولمايدۇ.
      مەن بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان، قىنى يەنە بىر سىناي، تولا سىناپ ئەپلەشتۈرەلمىگەن

  2. bu ning gha kokchish ni yishish ketmeydu… 4.3.1 din yuqiri neshirdikisi bolsila bolidu, peqet uz ara ulisaqla torgha chiqqili boliwiridu, bashqa hechqandaq meshghulat hajetsiz…

    1. شۇنداقكەن. مەن سىنىدىم. ھەقىقەتەن سىز دىگەندەككەن. لىكىن ipodtouch نىڭ 蓝牙 سىنى ئۇنداق ئۇلىغىلى بولمايدىكەن.

      1. Emeliyette Alma mehsulatliri toghrisida sizge aran shagirt bolalishim mumkin, biraq, yuqarqilar mining aldimda sinaqtin utken, shunga bu geplerni qildim, aldingizda aldipeshlik qilghan bolsam I’m Sorry…! :roll: :mrgreen:

  3. men uzun boldi mushundaq ishlitiwatimenghu, uz ara bir nerse yutkigili bolmaydu elwette, biraq, torgha chiqqili boliwiridu.. qeni sizmu sinap beqing… 100% bolidu, chunki men we mining 2-3 aghinem shundaq ishlitiwatimiz…

  4. men mushu hil usulda torgha chiqiwatqinimmu del iPod Touch 4 idi ghu,… ikkisining kokchishini uz ara 配对 qilsingizla bolatti… nimishqa bolmighandu sizningkide…

    1. تۈزۈت قىلماڭ.
      ھەممىمىز ئۆگەنگۈچى ئەمەسمۇ. مەن ھازىر 3-ئەۋلاد iTouch تا سىناق قىلىۋاتقان.
      لىكىن سىز دىگەندەك سىنىدىم، قەتئىي بولمىدى، ئۇلانماي تۇرۇۋاتىدۇ. مەن باشقا دېتاللارنىڭ ياردىمىدە كۆكچىش ئارقىلىق ھۆججەت يوللاۋاتىمەن، لىكىن كۆچىشتا تورغا چېقىپ باقمىدىم.
      ئەينى چاغدا 3-ئەۋلاد iPhone دىمۇ بۇ ئىشلارنى سىناپ باقماپتىكەنمەن.

  5. بۇ دېتال ئارقىلىق تېلېفون سېگىنالى تارتقان ھەر قانداق ئۇرۇندا تورغا چىقىشقا بولىدىكەن.بۇ قېتىم ئىچكىرىدىن بىر دانە ipad2 wifi نۇسخىسىنى ئالغاچ كەلگەن.سيىمبان تېلېفوننىڭ ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى 20 يۇەنلىك ئېچىپ قۇيۇپ مەكىتنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تورغا چىقىپ سىناپ كۆردۈم.سۈرئىتىمۇ خېلى تىز.بىر سائەت ئىشلەتسەم 20 مىگابايىت ئەتىراپىدا ئېقىم مىقدارى چىقىپتۇ..ipad سېتىۋالغۇچىلارغا تەكلىپىم بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بىر يىلدا 240 يۈەن خەجلىگەن پۇل،3G نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ بىر يىلدا 1200 يۈەن خەجلىگەن پۇلدىن ياخشراق تور مەشخۇلاتى ئېلىپ بارالايدىكەنسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: