قارلۇق«گۈدۈك»نى رەسمىي ئېچىۋىتىپتۇ

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، مىكروبىلوگ ھازىر خەلقئارالىق تورلاردا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كۆپ ئابونتلىق ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى.

ئۇيغۇرلاردىمۇ مىكروبىلوگدىن بىر نەچچىسى بارلىققا كەلگەن. لىكىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساننىنىڭ ئازلىقى، ھەقىقى نام قوللىنىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ مىكروبىلوگقا تونۇشىسىز بولۇشى … قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى 李开复 قاتارلىق IT ئاتامانلىرىدىن تارتىپ ماختاپ ئۇچۇرغان MicroBlog بىز ئۇيغۇرلاردىن يىراقتا قالغان. لىكىن رادىئو تىلۋىزىيە دىگەندەك ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇماتنى ئاز بەرمىدى.

ئىلقۇت بىلوگىنىڭ يازغۇچىسى ياسىنجان مىكروبىلوگ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

مىكرو بلوگ(Micro-Blogging) دېگىنىمىز بىر خىل غەيرىي رەسمىي (非正式) بولغان كىچىك تىپتىكى بلوگ. ئۇ يېقىندىن بىرى پەيدا بۇلۇپ گۈللىنىۋاتقان web2.0 دىن ئىبارەت بۇلۇپ، بىر خىل ”شۇ ۋاقىتتا يازما يوللاش“ سېستىمىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۇپلاشتۇرۇلغان ۋە API ئېچىۋېتىلگەن. سىز كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىكىز ئارقىلىق، IM دىتالى(gtalk、MSN、QQ、skype) ۋە سىرتقى API ئېغىزى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سىزنىڭ مىكرو بلوگىڭىزغا ھەر قاچان، ھەر ۋاقىت يازما يوللىسىڭىز بولىدۇ.مىكرو بلوگنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدىكى«مىكرو» خېتىدە، ئادەتتە يوللىغان يازمىلار پەقەت ئاددى-كۆڭۈل سۆزى، قىسقا ئۇچۇرلار قاتارلىقلار. ئامېرىكىدىكى Twitter بۇنداق بلوگ سېستىمىسىدا ھەر قېتىم ئاران 140 خەتلىك يازما يوللىغىلى بولىدۇ.

بەزى تورداشلار ئۆزى بىلوگىغىلا قوشۇمچە قىستۇرۇپ يەككە كىشىلىك مىروبىلوگ سۇپىسى ياسىۋالدى، لىكىن بۇنداق سۇپىدا يازغۇچى يەنە ئوقۇغۇچى، ئۆزى ئۇچۇر تارقىتىپ ، ئۆزى قوبۇل قىلىپ نامى مىكروبىلوگ لىكىن ئەمىليەتتە بىلوگنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى بارلىققا كەلدى. بىر ئادەملا يالغۇز بىر سۇپىدا ئۇچۇر تارقاتچاق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئابونت توپلاش مەقسىتىگە يىتەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە تورلاردا بۇنداق ئىجتىمائىي ئالاقە خاراكتىرىنى ئالغان تور بەتلەر كۆپ قۇرۇلدى، كۆپ توختىدى. بۇ يەردە بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلمايمىز.

ياسىنجاننىڭ يازمىسىدا يەنە مۇنداق بىر قۇر بار:

ئالدىنقى قېتىم بىلىك تورىدا «ئۇيغۇرلاردا مىكرو بلوگ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» ناملىق تاقا-تۇقۇ پاراڭلارنى قىلغان ئىدىم. بىلىكداشلا بۇ ھەقتە خېلى ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. «مىكرو بلوگنىڭ مەركىزىدە ئادەتتە داڭلىق شەخىسلەر تۇرىدۇ.
بىزدە داڭلىق شەخىسلەر تېخى تورغا ئۈگىنىپ بولالمىدى. ھىچكىم بىر بىكار تەلەپنىڭ «تۇردۇم»،«قوپتۇم»،«تاماق يىدىم»،«ئۇخلىماقچى»… دىگەندەك خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ يۈرمەيدۇ. بەلكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئەڭ يىڭى ئىددىيسى، كۆز قارىشى… قاتارلىقلارنى ئىگەللەش ئۈچۈن  «ئەگىشىدۇ». ئۇيغۇرلاردا بۇ ئىشلارغا خىلى ئاش پىشىم بار.» دەيدۇ نەزەرى. ئەلۋەتتە، نەزەرىنىڭ پىكىرى ئاساسەن مىكرو بلوگنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىپتۇ.

ئەمدى بۇ يەردە «ئۇيغۇرلاردا مىكرو بلوگ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» تېمىسىنى قايتا تىلغا ئالساق، مېنىڭچە ئۇيغۇرلاردىمۇ مىكرو بلوگ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنى قانداق ۋۇجۇدقا چىقىرىش مەسىلىسى. بىزنىڭ ئارىمىزدا مىكرو بلوگ ئۇقۇمى تېخى شەكلىللەنمىدى. ھازىر خەنزۇچە مىكرو بلوگنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھازىر ئاساسەن خەنزۇچە داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مىكرو بلوگى بار. ئەمما بىر قەدەر تەسىر دائىرىسى بارلىرىدىن: سىنا مىكرو بلوگى، تېڭشۈن مىكرو بلوگى، تىيەنيا مىكرو بلوگى، 139 مىكرو بلوگى قاتارلىق نۇرغۇن مىكرو بلوگلار بار.

ئالدىنقى مەزگىلدە قارلۇق شىركىتى «ۋاي-ۋۇي»نى چىقارغان. بۇ بىر دوستلىشىش سۇپىسى بولۇپ تەشۋىقاتى كۆپ بولمىدى، ئۇنى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ پەقەت ئاز سانلىق قارلۇق شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئىشىنىدىغانلارلا بولدى.

بۈگۈن مەن 890 ئېلانى تەستىقى ئېلىپ بۇ بەتكە قايتا كىرسەم     ئۆزلىكىدىن گۈدۈك بېتىگە يۆتكەلدى. شۇندىلا مەن قارلۇق شىركىتىنىڭ يىڭى ئابونت سۇپىسى _«گۈدۈك»-مىكروبىلوگىنىڭ رەسمىي ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدىم.

تو بەت ئادىرس: http://guduk.com/nazary

بىر ئاز ئېشلىتىپ بۇ مىكروبىلوگنىڭ ئىقتىدارىدىن ھەقىقەتەن رازى بولدۇم. بولۇپمۇ ھەقىقى ئىسىملىك ئابونتلارنىڭ كۆپلۈكى، قارلۇق شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرى ئاساسەن دىگۈدەك توپلىنىشى… ماڭا ئۇيغۇرلار ئارسىدا ھەقىقى يۇسۇندىكى مىكروبىلوگ سۇپىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلكىگە ئىشەندۈردى.

بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا مەن دىگەن:«مىكروبىلوگنىڭ مەركىزىدە داڭلىق شەخىسلەر تۇرىدۇ.» ئىلقۇت بىلوگىمۇ بۇھەقتە خىلى بۇرۇنلا بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئىلان قىلغان. شۇنداقلا 李开复 نىڭ «مىكرو بلوگ ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ» دىگەن كىتابىنىمۇ خىلى ئوبدان تونۇشتۇرغان.

شۇنداق، قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقى نام ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىۋى ئەخلاق ۋە قانۇنى يوسۇندا بېكەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالىسا تېخىمۇ كۆپ مىكروبىلوگگېرلارنى جەلىپ قىلالايدۇ. داڭلىق شەخىسلەرنىڭ تور يۈزىدە ئاشكارە مىكروبىلوگ سۇپىسىدا باشقىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسە قارلۇق شىركىتىنىڭ ئوبرازى، ۋە ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ بۇ مىكروبىلوگ سۇپىسىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

«قارلۇق«گۈدۈك»نى رەسمىي ئېچىۋىتىپتۇ»نىڭ 20 ئويلىغانلىرى بار

    1. سىزنىڭ تور كۆرگۈچىڭىزدە ئازراق سىغىشماسلىق بار ئوخشايدۇ.
      مەن ھازىر ھەممە كۆرگۈدە نورمال.
      سىزنىڭ كۆرگۈچىڭىزنىڭ نامىنى بىلىشكە بولسا مەن ئوڭشاشقا تېرىشاي.

    1. ئۇنداق ئەھۋالدا سىز ئازراق ساقلاپ ئاندىن قايتا يازسىڭىز بالكىم بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا JS تولۇق چۈشۈپ بولىدۇ.
      ياكى بولمىسا firefox نى ئىشلىتىپ بىقىڭ.

  1. dimisimu microblog hili nam chiqardi . manmu hanche micro blog yiziwatimen. yene uyghurface dep bir torbet chiqiptiken , henchi ken likin . emdi bu uyghurche microblog ni korup ejep xoh bolup kettim dise …

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتوغرىسىدىكى ئىشى قانداق بولغاندۇ؟ئۆتكەندە مۇشۇتوغرىسىدا گەپلە بولغان ئىدى.

    1. ئۇلار ئۇيغۇرچە فونىتلارنى قوشۇپ، كىرگۈزگۈچ، تىل بولىقى، ۋە لۇغەتلەرنى ياساپ بولغانىكەن.
      لىكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇكەممەلىككنى ساقلاپ تۇرۇپ قاپتۇ.

  3. قارلۇق شىركىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلانى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن

  4. مەن بۇ ئىشتىن كىينرەك خەۋەر تىپىپ ساپتىمەن گەرچە بىلوگىم كىچىكرەك بىلوگ بولسىمۇ ھازىرلا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى مىكرو بىلوگلىرىنى ئۆز بىلوگىمدا تەشۋىق قىلىمەن ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلغان بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: