لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟

لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ لىتىيلىق باتارىيسى ھەممىسى توك قاچىلىغىلى بولىدىغان لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردۇر.لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەرنىڭ سىغىمى چوڭ، خىزمەت ئىلىكتىر بىسىمى يۇقىرى،ئۆمرى ئۇزۇن،ئېغىرلىقى يىنىك،ئەستە تۇتىۋىلىش ئېففىكتى بولماسلىق،ئىغىر مېتال تەركىبى بولماسلىق،خىزمەت تىمپۇراتۇرا شەرتى كەڭرى بولوش قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە لىتىي ئىئونى خىمىيلىك بىركمىلەرگە قىستۇرۇپ قۇتۇپ ماتېريالى قىلىنغان بولوپ لىتىي ئىئونى ئېلېكترود سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق مۇسبەت ۋە مەنپىي قۇتۇپ ئارىسىداقايىتلانما ھەرىكەت قىلىپ زەرەتلەش ۋە زەرەت قويوپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.مۇسبەت-مەنپىي قۇتۇپ ئارىسىدا كۆپ تۆشۈكللۈك پەردە بار بولوپ لىتىي ئىئونىنى ئۆتكۈزۈش،قىسقا تۇتىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار.بەزىدە بىز لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەنىڭ سەمىرىپ قالغانلىقىنى بايقايمىز،بۇنى ئاساسلىقى باتارىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسسىقلىق قويوپ بىرىش،بىسىم ئارتىپ كىتىش قاتارلىق ھادىسىلەر تاشقى قاپتا شەكىل ئۆزگەرتىش تەسىرىدىن بولغان.باتارىيەنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشى ئارتۇقچە زەرەتلەش(توكنى زىيادە كۆپ قاچىلاش)،خىزمەت مۇھىت تېمپىراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئامىل كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

زىيادە توك قاچىلىغاندا ئارتۇقچە لىتىي ئىئونلىرى مۇسبەت قۇتۇپتىن ئايرىلىپ چىقىپ مەنپىي قۇتۇپقا كۆچۈپ كىرىپ ،مۇسبەت مەنپىي قۇتۇپنىڭ ئېسسسقلىق تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇسبەت قۇتۇپتىكى ماتېرياللاردىن پارچىلانغاندىكى چىققان ئوكسىگېن گازى ئېلېكترولىد سۇيۇقلۇقىنى ئوكسىدلاپ پارچىلاپ گاز ۋە ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ،مەنپىي قۇتۇپقا چۆكۆۋالغان لىتىي ئىئونى ئېلىكترود سۇيۇقلۇقى بىلەن رىئاكسىيلىشىپ ئېسسىقلىق قوتوپ بىرىدۇ.شۇنداق قىلىپ باتارىيىينىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ۋە گاز توپلىشىپ تاشقى قىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ،ھەتتا پارتلاشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.زىيادە توك قاچىلاشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۆلچەملىك توكلاتقۇ  ئىشلىتىش كىرەك.چۈنكى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ زىيادە توك قاچىلاشنىڭ ئالدىنى ئىقتىدارى بار.ئەگەر مۇنداقلا  قىلىپ ئادەتتىكى ئەرزان توكلاتقۇلارنى ئىشلەتكەندە چوقوم توك قاچىلاش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك.

مۇناسىۋەتلىك خىمىيىلىك ئىئونلۇق رىئاكسىيلەر:

  • مۇسبەت قۇتۇپ رىئاكسىيسى:زەرەت قويوپ بەرگەندە لىتىي ئىئونى يۆتكىلىپ  كىرىدۇ،توك قاچىلىغاندا لىتىي ئىئونى قويوپ بىرىلىدۇ.
  • توك قاچىلىغاندا:          LiFePO4 → Li1-xFePO4 + xLi+ + xe
  • زەرەت قويوپ بەرگەندە:Li1-xFePO4 + xLi+ + xe → LiFePO4
  •  مەنپىي قۇتۇپ رېئاكسىيسى:زەرەت قويوپ بەرگەندا لىتىي ئىئونى چىقىپ كىتىدۇ،توك قاچىلىغاندا لىتىي ئىئونى يۆتكىلىپ كىرىدۇ

             توك قاچىلىغاندا:  xLi+ + xe + 6C → LixC6

           زەرەت قويوپ بەرگەندە:LixC6 → xLi+ + xe + 6C

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا باتارىيەدىكى ئېلېكترولىد سۇيۇقلىقى ئاسان پارچىلىنىپ گاز ۋە ئىسسىقلىق قويوپ بىرىدۇ.شۇڭا باتارىينى ئۇزاق مۇددەت ئاپتاپقا قاقلاش ،پاردا قىززىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.يانفۇننى قىززىق ھىس قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەسلىك، سالقىن جايدا سوۋۇتۇش كىرەك.

پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە ئادەتتە ئۈچ خىل قوغدىغۇچى تەركىپ بولىدۇ.

1.ۋىكىليوچاتىل بىرلىكى:تىمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا توك تەمىنلەشتىن ئاپتۇماتىك توختايدۇ.

2.ئىسسىقلىققا سەزگۈرلىكى ياخشى پەردىلەرنى ئىشلىتىش.تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا پەردە مىكرو تۆشۈكچىلىرىدىن لىتىي ئىئونىنى ئۆتكۈزمەيدۇ،ئىچكى قىسىمدىكى خىمىيىلىك رېئاكسىيەلەرمۇ توختايدۇ.

3.بىخەتەرلىك جۈمىكى:باتارىينىڭ ئىچكى بىسىمى ئارتىپ كەتكەندە گاز تۆشۆكى ئارقىلىق گاز قويوپ بىرىدۇ.شۇڭا ئومومەن ئىيىتقاندا ئۆلچەملىك مەھسۇلاتلارنى نورمال  ئىشلەتكەندە سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە.

«لىتىيلىق باتارىيە(Li-ion battery)لەرنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنسىرى سەمىرىپ قالىدۇ؟»نىڭ 7 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم. سىلى ئۇزۇندىن بىرى بىلوگنى يېڭلىماي مەنمۇ يوقلىماس بوپ قاپتىمەن.
    ئايفۇننى ئاخشخمى توكقا چېتىپ قويساق تاڭئاتقىچە بەك توشۇپ كەتسە زىيىنى بولامۇ؟

    1. بەزى مىتاللاردا بۇرۇنقى بىر ھالىتىنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. يەنى مەلۇم تىمپىراتۇرىغا قايتقاندا مىتال ئۆزلىكىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر ھالەتكە ئاپتوماتىك قايتىدۇ.

  2. ئەستە تۇتىۋىلىش ئېففىكتى بولسا باتارىيەنى مەلۇم خىل مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندا كۆنۈپ قىلىش ھادىسىسى. بۇ ئاساسلىقى ئىچكى ئىېلىكترولىد قىسمىدا كرىستال شەكىللىنىۋالغانلىقىدىن بولغان بولۇپ ،باتارىيەنىڭ قايتا زەرەتلىنىشى ۋە زەرەت قويوپ بىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىتىي ئىئونلۇق باتارىيلەردە بۇ خىل ئىفففىكىت بولمىغانلىقتىن سىز توكنى لىق قاچىلىماي تۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ياكى داۋاملىق توك قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز مەخسۇس ئۆلچەملىق توكلاتقۇنى ئىشلەتسىڭىز باتارىينىڭ باتارىينى بۇزغۇچى ئاساسى سەۋەپ يەنىلا تىمپىرىتۇرا. شىۇڭا ئارتۇقچە باتارىيە بولسا ياخشىسى توڭلاتقۇدا ساقلىسىڭىز ئۆمرىنى ئۇزاراتقان بولىسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: