بىز بىرلەشتۇق!

پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ، ئۇن تارتامدۇ ئادەممۇ.

_________________________________________________خاتىرەمدىن

ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇپ مۇقەددەم 10 يىلدىن كىيىن پىقىر نەزەرىمۇ بىر بلوگنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم. ئالدى بىلەن مەندەك بالا بلوگگېرنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا ئالىي ئىھتىرام!

مەن كۆزەتسەم، ئۇيغۇر تورلىرىنى ئونىۋىرساللىشىش ۋە كەسىپلىششتىن ئىبارەت ئىككى خىل خاراكتىرنى تاللىغان توربەتلەر بىلەن توشۇپتۇ. شۇڭا نەزەرىمۇ ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشى ۋە كەسپىگە يىقىن بولغان «تور-زامانىۋى ئالاقە-يىڭى تېخنىكا» بىلىملىرىنى يېزىشنى نىشان قىلپ كەسپلىشىش يۆنىلىشنى تاللىدىم. باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈمدە بىر چىلەك سۇ بولىشى كىرەككەن، شۇڭا بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم.

لىكىن يەنە توردىكى بىلىملەرنىڭ تارقاقلىقى ۋە كەسپىمنىڭ ئىھتياجى بولغاچ كومپيۇتېرغا ئائىت تېخنىكىلىق بىلىملەرنى بلوگىمغا يوللمىدىم. شۇ ۋەجىدىن مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان پارتىدىشىم، يىقىن دوستۇم،مىنىڭ  IT ساھەسىگە كىرىشىمگە تۈرتكەم، مىنىڭ ئەينىكىم Omar14 ئەپەندىم(UKIJIntilBilikXjCfan…لەردىكى Omar14 شۇ) بىلەن بىرلىشىپ ئىككى بلوگنى تەڭ قەدەمدە ئىلىپ ماڭىدىغان، ھەر ئىككى بلوگ ئۆز خاسلىقىدا ئورتاق يېزىلىدىغان قىلىپ بىكىتتۇق.

شۇڭا كەڭ بلوگگېر دوستلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماس بلوگ ئارقىلىق تېخىمۇ مول بىلىملەرگە ئىگە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. زامانىۋى ئالاقە ئۈسكىنىلىرىگە ئائىت سودا،تېخنىكا،مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىغا خالاستان بلوگىدا ، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە «كومپيۇتېر تەجىربىخانىسى» بلوگىدا تېما يوللىنىدۇ، ھەم مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەمىنلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرقانداق مەسىلىگە ئىككى بلوگگېر تەڭداش ھوقۇقتا جاۋاب بىرىدۇ.

ئۆمەرجاننىڭ بلوگ كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ خىلى بۇرۇن قۇرۇلغان،لىكىن بەك تەشۋىق قىلىنمىغان.

ئادىرسى http://www.uyghurpc.com

ھەمكارلىقىمىز ئاستىدا ئىككى بلوگنىڭ تەڭداش قەدەم بېسىپ، ئورتاق گۈللىنىشىگە ئىشەنچىم كامىل!

نەزەرى

«بىز بىرلەشتۇق!»نىڭ 18 ئويلىغانلىرى بار

  1. سالام كۆپچىلىك. نەزەرىكام كۆپ ماختىۋىتىپتۇ :cool: ، ئەينەك بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى بىلگىنىمزدىن تەڭ بەھىرلىنىش ، ھەمكارلىقىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

  2. «بىرلەشكەن ئۇززار، بۆلۈنگەن توزار » دەيتتىم، يولداشلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچىراپ كەتتىممۇ ئانا تىلىمنىڭ موللىقىنى ئۇنتۇپ كاللامغا كەلگىنىچە «تۈپتۈزلا» دەپتىمەن. خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزكامنىڭ تەرجىمىسىدەك. :lol:

      1. سىزنى ۋە سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئازدۇر كۆپتۈر ئوقۇپ يۈرەتتىم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىڭىز ئىككى نام قوللانغانمىكىن دەيتتىم بىراق ئۆمەرجان بىلەن … نەزەرجان…… لارنى بۈگۈن ھەقىقى تونىۋاتىمەن :smile:
        قوللايمىز، قوللايمەن، قوللايلى! تىرشىڭلار يىتەكلەڭلار!

  3. نەزەرباي، ئالدى بىلەن مۇبارەك بولسۇن! ئەمدى گەپ سىلىنىڭ نورۇزلۇق سوۋغا-سالاملىرى ماياقتا توپا بېسىپ كەتتى، خاپومماي كوت-كوتنى ئاچسىلا يوللاپ بىرەي دىگەن، ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بولسا … دىمەكچى ئىدىم… ئاچچىقىم كەلمەستە ئۆزلىرىنى سورىۋالارلا…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: