بەلگە ئارخىپى: ئۇيغۇر

新浪,腾讯لەرنىڭ مىكروبىلوگلىرى ئېنكاسنى تاقىدى

دىيارىمىزغا مىكروبىلوگ دېگەن نام بىلەن كىرگەن 微博 لارنى بەزىلەر ئەمدى كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق، بەزىلەر تېخى يىڭىچە.

مەملىكىتىمىزدىكى مۇتلىق كۆپ قىسىم تورداش كۈندە دېگۈدەك كىرىۋاتقان 新浪微博ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان 腾讯微薄 بۈگۈندىن باشلاپ كىلەر ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8 گىچە ئېنكاس ئىقتىدارىنى تاقىدى. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى بىلوگ بۇرۇنقى مەزمۇنلاردىكى قانۇن، ئەخلاققا خىلاپ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىنى ئالغان مەزمۇنلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ.

ئاساسلىق سەۋەبىگە قارىتا كەسىپداشلار ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كىنوكەشلەردىن 舒淇,甄子丹,冯小刚لارنىڭ تورداشلار بىلەن ئىغىز جىڭى (مەنبەسى) شۇنداقلا كىيىنكى مىكروبىلوگدا تارقالغان «بېيجىڭغا قىسىم ماشىنىلىرى كىرىشكە باشلىدى، ئىش چىقىدىغان بولدى…» دېگەندەك سەپسەتىلەرمىش. قانداقلا بولمىسۇن نوپۇسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان مىكروبىلوگلارنىڭ ئېنكاس ئىقتىدارىنى تاقىشى ئىنىقكى تور باشقۇرۇش، نازارەت ئىشلىرىنىڭ يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلىشىدىن دىرەك بېرىدۇ.

بۇ جەرياندا SINA تورى چىقارغان يىنىك بىلوگ دا ئېنكاس چەكلەنمەيدۇ. ھەم باشقا تور بېكەتلەر نورمال ھالەتتە. مەزمۇنى

ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگلاردىن گۈدۈك، ئەلكۈيى مىكروبىلوگى، مىسرانىم مىكروبىلوگى… لارتېخى بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش چىقارمىدى. بۇ قىتىملىق شامالدىن دىيارىمىزنىڭ ئەمدى ئىشى باشلانغان مىكروبىلوگلىرى شەپىسىز قالغاي.

 

«ئېلان»شىركەتكە شوپۇر تەكلىپ قىلىمىز

سالام تورداشلار!

شىركەتكە كىچىك ماشىنا شوپۇردىن بىرى لازىم. ۋاقىت قىس، شۇڭا مەن گەپنى ئاددىيلا داۋام ئىتەي.

تەلەپ:

1.مۇكەممەل دۇنيا قارىشىغا ئىگە، ئەخلاقلىق، سالماق، ئونىۋېرسال ساپاسى ياخشى بولۇش.

2.بەلگىلىك كىچىك ماشىنا ھەيدەش تارىخى، تەجىربىسى بولۇش. مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئىقتىدارلاردىن تولۇق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولۇش.

3.چەتئەلنىڭ كىچىك ماشىنىلىرىغا ئائىت ئاسراش ۋە بەلگىلىك رېمونت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

4. جاپاغا چىدايدىغان روھ، كەسىپكە سادىق چىدام غەيرەت بولۇش.

5.جىنسى ئەر. ياش، ئونۋان جەھەتتىن شەرت قويۇلمايدۇ. خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە تىل قابىليىتگە ئىگە بولغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

6.شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگلىدە بىر قەدەر زىچ خىزمەت ئىھتياجىغا ماسلىشالايدىغان بولۇش.

خوش، يۇقارقى شەرتكە ئۇيغۇر كىلىدىغان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى دەڭسەپ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

خىزمەت ئورنى ئۈرۈمچىدە بولىدۇ. مائاش ۋە باشقا سۇغۇرتا تەمىناتلار ئوخشاش خىزمەت ئورنىدىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇكى تۆۋەن بولمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىغا، كەسپىي ساپاسىغا ئىشەنچىڭىز بولسا بۇ سىزگە بېرىلگەن پۇرسەت. ئاۋۋال ئالاقىلىشىپ يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىپ ئاندىن باشقا ئىشلارنى تەپسىلىي دېيىشكەيمىز.

«ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟

ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەي:

يەرگە تۈز قىلىپ بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى ئۇزۇن سىزىق سىزىلسا، ھەممە ئادەم بىمالال ھالدا ئۇياقتىن بۇ ياققا ماڭالايدۇ. سىز مەن ھەم شۇنداق.

خوش، ئەمدى مۇشۇ بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى سىزىقنى كۆتۈرۈپلا ئىككى ئىگىز بىنانىڭ ئارسىغا قويساقچۇ؟ جاۋاب: 90% ئادەم بۇنداق كەڭلىكتىكى يولدىن مۇئەللەقتە ماڭالمايدۇ.

داۋام، بىر تەتقىقاتچى 10 ئادەم بىلەن مۇنداق بىر تەجىرىبە ئىشلىگەن: بىر قاراڭغۇ ئۆيدە تەتقىقاتچى ئۇلارغا ئالدىدا ئىككى بىنا ئارلىقىدا بىر تار تاختاي يولنىڭ بارلىقىنى، پەقەت ئەگىشىپ يەنە بىر باشقا ئۆتسىلا بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە ھەممەيلەن تەتقىقاتچىغا ئەگىشىپ ئاستا قەدەم بىلەن شۇ تار يولدىن ئۆتۈپ كەتكەن. تەتقىقاتچى شۇ يەردىلا تۇرۇپ بىر چىراقنى يورۇتقان، ھەممەيلەننىڭ جان پىنىنى چىقارغىنى شۇكى ئەسلىدە ئۇلار ئۆتكىنى بىر تار يوللا ئەمەس بەلكى ئاستىغا چوڭ بىر كۆلچەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، كۆلچەكتە يەنە بىر نەچچە تىمساق باركەن. تەتقىقاتچى كىمنىڭ بىللە قايتىپ ئۆتۈپ كىتىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىغاندا چىققان جاۋابنى خالاستان بىلوگىنىڭ ئەقىللىق ئوقۇرمەنى چوقۇم پەرەز قىلىپ بولدى: شۇنداق، ھەممەيلەن قورقۇنىچتىن ۋاز كەچتى. تەتقىقاتچى يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەندىلا پەقەت ئۈچ قەھرىمان ئوتتۇرغا چىققان. بىرەيلەن ئوتتۇردىن ئاشقاندا قۇرقۇنىچتىن ئۆمىلەپلا ئۇ ياققا چىقىۋالغان. يەنە بىرەيلەن ئىككى قەدەمچىن كىيىنلا تىترەپ يۈرۈپ تاختايغا چاپلىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن. پەقەت بىرەيلەن مىڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنگە ھىساب بولغان. بىراق قالغان 7 ئادەم قەتئىي ماڭغىلى ئۇنىمىغان. تەتقىقاتچى يەنە ئككى چىراغنى ياققاندىن كىيىن ئۇلار تاختاي يول بىلەن كۆل ئارلىقىدا بىر تورنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ چىرايىغا قان يۈگۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچى يەنە ئۆتۈدىغانلارنى سورىغاندا 5 ئادەم ھۇدۇقۇپ يۈرۈپ تەتقىقاتچى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن. قالغان ئىككى قەھرىمانغا :“نىمىشقا شۇنچىۋالا ئادەم ئۆتسە سىلەر ئۆتمەيسىلەر؟“ دېيىلگەندە بەرگەن جاۋابى دەل بىزنىڭ بۈگۈنكى« «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟ » نىڭ جاۋابى: ”بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز ئاۋۇ تورنىڭ بىخەتەرلىكى بىزنى كۆتۈرەلىگىدەك دەرىجىدىمۇ يوق بىلمەكچى….“

مانا بۇلار بىزنىڭ «ئاددىي» ئادەملىرىمىزنىڭ «بىزدەك» ئادەملىرىمىزدىن پەرقى. خەنچە 平凡的人 دەپ ئاتايدۇ. (قوشۇمچە: ۋاقتى بار تورداشلارنىڭ 路遥 نىڭ 平凡的世界 دېگەن چوڭ ھەجىملىك رومانىنى ئوقۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن). يۇقارقىلار نىمىشقا باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار «ئاددىي» ئادەملەر، ئۇلاردا «ئاددىي» يۈرەك بار. ئۇلار شۇنداق تەمكىن، شۇڭا بىز ماڭغان بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى يولدىن شۇنداقلا ئىككى بىنا ئارلىقىدىكى بىز ماڭالمىغان يولدىن ماڭالايدۇ. ناتونۇش تاختاي يولدىن ۋە تىمساق ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان ھىلىقى كۆلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتەلەيدۇ.

ئەكسىچە ئۇلار «بىز» تەرىپىمىزدىن «ئالاھىدە، قورۇقماس، باتۇر،» دېگەندەك سۈپەتلەرگە نائىل. ئەمىليەتتە ئۇلاردا بارى پەقەتلا شۇ تەمكىن يۈرەك، سالماق خاراكتىر، ئاددىي تەپەككۇر، «ئاددىي» كىمىلك. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئىشقا شۇنداق «ئاددىي» مۇئامىلە قىلالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز تەمتىرگەندە ئۇلار ئىغىر بىسىق، بىز قورۇققاندا ئۇلار تۈرگۈن.

مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىۋاتقىلى خىلى بولغان. ئەمما تۇرمۇش، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئارتۇق نەرسە يېزىپ بولالمىغان. بۈگۈن بىلىكتە مىسرانىمدىن كۆچۈرۈلگەن «ئۈمىد غېنى بىلەن كېرەم ئاتۇش سۆھبەتتە» نى كۆرۈپ بۇ ھەقتە ئازراق سىلىشتۇرما قىلىپ ئويلاپ قالدىم. inkas: راۋرۇس پاراڭ قىپتۇ.
«ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئىرادىسىزلىك ئادەمگە ھەممە نەرسىنى يېگۈزىۋىتىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئۈمىد غېنى «كۆڭۈلدىكى سۆز» نىڭ بىرىنچى سانىدا ئېيتقانتى، مانا ھازىرغىچە ئۆزۈمگە يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ كىلىۋاتىمەن. كىيىنچە كۆپ ئىلگىرلەش كۆرمىگەن. ھىلىمۇ ھەم تەبىئي پەن بىلىملىرىنى بيتىشى كىرەككەن. خاتا يىتەكلەشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كېرەم ئاتۇشمۇ توپقا قوشۇلالمىغان، شۇنداقلا خاسلىقىنى يوقاتمىغان سەرخىل ئادەملىرىمىزنىڭ تىپىدىنكەن. ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.  ئاتۇشلۇقلار زادى بىزگە ئۈلگە.
ئەزەلدىن مىسرانىمنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرمەيتتىم. قارىغاندا مۇشۇنچىلىك ساپالىق ئادەملەرنى يۇغلاپ ، يۇقىرى ساپالىق پىروگرامما ئىشلىيەلىگەن بولسا ئۇلارمۇ بوش ئەمەسكەن.

كېرەم ئاتۇشتەك «ئاددىي» ئادەملىرىمىز بىزگە گۈلدىن شىرنە، سۈتتىن قايماق چىقىرىپ بېرىپ بىزنى ئوبدان كۆندۈرۈپ قويدى. لىكىن مەن قاتارلىق نۇرغۇنلىرىمىز شۇنچە ئىشقا كۆنۈپتۇق، ئەمما شۇ قەدەر بىر «ئاددىي» بىر ئادەملەر ياراتقان «ھاياتنىڭ قىممىتى» قاتارلىق «ئاددىي» تۇرمۇش پەلسەپىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى تاپالماي ئۆكۈنمەكتىمىز. شۇنچىلىك «ئاددىي قەلب»لەردىن ئۇرغۇغان سۆزلەرنى چۈشىنىشتىمۇ قىينىلىۋىتىپتىمىز. ئەلۋەتتە شىرىننىڭ جامالىنى پەرھادنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش كىرەك،  لەيلىنىڭ يۈرىكىنى مەجنۇننىڭ جىلۋىسىدىن كۆرۈش كىرەك، شۇنداق «ئاددىي» ئادەملىرىمىزنىڭ قەلب سادالىرىنى يەنە شۇ «ئاددىي» قەلبىمىز ئارقىلىق چۈشىنىشكە تىرىشىلى.

بىزدە كېرەم ئاتۇشتەك ئادەملەر ئاز، بىراق ئىز باسارلار ئاز ئەمەس. بىزنى بۇ ئاكىمىزنىڭ «تەربىيەنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق تەربىيلەش» دېگەن يىغمىسى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئىچكىرگە، دۇنياغا تونۇتۇش ئەقىلىنى ياراتقان ئىگىمىزدىن تىلەپ تۆۋەندىكى سۆھبەتنى مىنىڭ جۆيلىمىلىرىمنى زىرىكمەي كۆرۈپ چىققان زىيارەتچى دوستۇمنىڭ دىققتىگە سۇناي. نەزەرى، شەھرىستان_ئۈرۈمچى.

Close[SWF] - ئۈمىد

ئاخىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. پروگرامما مەزمۇنى ئەسلى ئائىلە تەربىيىسى، كارخانچىلىق، تەپەككۇر دېگەن 3 قىسىم بويىچە ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كېرەمكامنىڭ ئېسىل گەپلىرىنى يەنە ئاڭلايدىكەنمىز. مەزمۇن كۆپ بولۇپ كېتىپ ئازراق يىرى كەمدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

خالاستان بىلوگى 2012-يىللىق ئون چوڭ بىلوگدا…

تۆۋەندىكى يازما يۈكسەل بىلوگىدىن كۆچۈرۈلدى. تورداشلار قاراپ چىقىپ مۇۋاپىق بىلوگلارغا باھالاش ئېلىپ بارسا. خالاستان بىلوگىمۇ تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق باھا -ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.ئەرىشكە تەڭداش ئايپەدتە يېزىلدى.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى.  نامزات قوبۇل قىلىش ۋە نامزات بېكىتىش باسقۇچى ئارقىلىق 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 27-دېكابىردىن يەنى بۈگۈندىن باشلاپ تاكى 31-دېكابىر كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدىغان، 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلدى.

 
بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە جەمئىي 5 كۈن.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: ئىزدىنىش مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، بىلىك مۇنبىرى، نۇرقۇت مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى (جەمئىي 5 مۇنبەر)
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان مۇنبەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى ياكى بېلەت سىستېمىسىغا 27-دېكابىردىن ئىلگىرى تىزىملانغان ئەزالارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ‹‹ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى›› دىكى ‹‹ 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرى ›› دېگەن تۈردىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
6. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى
شىنجاڭ مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن مىسرانىم ئەپەندى

شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن ئوسمانجان نوھ بىلىگيار
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز)
كروران تورى ۋە بلوگىدىن كروران (قىز)
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل

10 چوڭ بلوگقا نامزات قىلىنغان بلوگلار

 

بلوگ ئىسمى  

ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرى

1

80خالتا بلوگى

630.4

2

ئالىم ئەھەت بلوگى

619

3

قىسمەت بلوگى

615.3

4

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

614.1

5

ئىلقۇت بلوگى

611.6

6

جېك بلوگى

610.2

7

تەدبىركار بلوگى

606.5

8

ۋەتەن بلوگى

604.6

9

شاھ ئۇيغۇر

598.7

10

كۆككەپتەر بلوگى

596.3

11

پرېستان بلوگى

588.3

12

پاسىبان بلوگى

585.7

13

تورخۇمار بلوگى

580.2

14

خالاستان بلوگى

580.1

15

تۇرپان تەزكىرىسى

579.4

16

نۇھ بلوگى

575.1

17

لوپنۇرى تور خاتىرىسى

574

18

ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بلوگى

570.9

19

كروران بلوگى

570.7

20

باي دادام بلوگى

569.9

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى

 
بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ بلوگنى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش›› سەھىپىسىگە نەزەر سېلىڭ!

 

ئەمسە تۆۋەندىكى مەنزىللەردىن كىرىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلاڭ!

 

1. ئىزدىنىش مۇنبىرى

2. مىسرانىم مۇنبىرى

3. بىلىك مۇنبىرى

4. نۇرقۇت مۇنبىرى

5. كروران مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

(روھلاندىن)مۇختار روزى ھەقلىق دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلماقچى

تۆۋەندىكى ماقالە روھلان تورىدىن ئاممىۋى تەشۋىقات ئۈچۈن كۆچۈرۈلدى:

ماقالە مەنبەسى: http://www.rohlan.biz/thread-7776-1-1.html

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالدىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ  دەرسلىكلىرىدىن روھلان تور بېكىتىمىزدە Photoshop نىڭ 95 قىسىملىق  دەرسلىكىنى، 195 قىسىملىق ئەمەلىي تور بېكەت ياساش دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 50 قىسىمىنى، 500 قىسىملىق VB دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 62 قىسىم دەرسلىكىنى، 600 قىسىملىق Flash  دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 95 قىسىمىنى ھەقسىز تارقاتقان ئىدۇق .

ئىلگىرى تارقىتىلىپ بولۇنغان دەرسلىكلەرنىڭ ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:
مۇختار روزى 600 قىسىملىق Flash دەرسى
http://www.rohlan.biz/thread-6180-1-1.html
مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق VB دەرسى يوللاندى، چۈشۈرۋېلىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-6071-1-1.html
مۇختار روزى تور بېكەت لايىھىلەش دەرسى (195 قىسىم)
http://www.rohlan.biz/thread-6779-1-1.html
مۇختار روزى Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html

نۆۋەتتە مۇختار روزى ئەپەندى بىزنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ روھلان تور بېكىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە بىر قىتىم ئۆزى ھەقلىق تارقىتىپ كىلىۋاتقان تور دەرسلىكى ۋە ھەقلىق ئىشلەنگەن ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسلىكلىرىدىن  flash, asp, vb, Photoshop, maya قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسىم  ئۆرنەك دەرسلىكلىرىنى ھەقسىز تارقاتماقچى ، بۇ دەرسلىكلەر ئاساسلىقى نەق مەيداندا ئوقۇتۇش جەريانىدا سۆرەتكە ئېلىنغان، بۇ قىتىم تور بېكىتىمىز ئارقىلىق ھەقسىز تارقىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ئومۇمى دەرس سانى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 دەرستىن كەم بولمايدۇ، بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇختار روزى ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .

بۇ قېتىم تارقىتىلدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇختار روزى IT گورۇپپىسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تور بېكىتىمىزدىكى بىلىم سۆيەر قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا تور بېكىتىمىز يەنە بىر قىتىم مۇختار روزى ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ دەرسلىك تارقىتىش ئارقىلىق روھلانلىقلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئاددى بولسىمۇ كۆڭۇل سوغىمىزنى سۇنماقچىمىز. بۇ بىزنىڭلا ئەمەس ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان، كەسپى ساھەدىكى دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ، چوڭراق سۆزلىگەندە ئۆز مىللىتىنىڭ ، ئاددىراق سۆزلىگەندە بولسا بېلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتېرىيال تاپالماي كىلىۋاتقان  ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ مەنپىئەتىنى ئويلايدىغان ھەر بىر بېكەت باشلىقىنىڭ قىلىدىغان ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارغانلىقىمىز ئۈچۈن  كەسىپداشلىرىمىزنى بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلىش مەخسىدىدە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مېنىڭ مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ ئىشخانسىدا تەربىيلىنىۋاتقان بىر ئىنىم بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم بۇ ئۇچۇردىن بالدۇرراق خەۋەر تاپقان بولۇشۇم مۇمكىن. دەرسلىكلەرنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى تەخمىنەن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ مۇشۇ تىما ئاستىدا دەرسلىكلەر تاكى مۇختار روزى ئىشخانسىدىكىلەر دەرسنى توختاتقۇچى تارقىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا بىزمۇ ئىمكان بار دەرسلىكلەرنىڭ ۋاقتىدا يوللىنىپ تۇرشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى روھلاندىكى مۇشۇ تىمىنى بىۋاستە ئۇلىنىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز مۇنبىرىڭىز ۋە بېكەتلىرىڭىزدە تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ. ھەم تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ تور بېكىتى بىكىتىمىزدىكى مۇشۇ تىما ئاستىدا ئالاھىدە ئۇلانما قىلىنىدۇ. قېىنى مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن كۆيۈندىغان بېكەت باشلىقلىرى، ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىرلىكتە بۇ دەرسلىكلەرنى ئۆزىمىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان ئۈگەنگۈچىلەرگە سۇنايلى.
ئۇلارمۇ پايدىلانسۇن، بىزمۇ پايدىلىنايلى.بەلىكىم بۇ بىزنىڭ ئاددى ئەمگىكىمىز ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى قىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. قېنى بۇ قىتىم مۇختار روزى ئىشخانسىدىكىلەر بىزگە قانداق سوغىلارنى تەييارلىدىكىن.

مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ كەڭ قورساقلىقىغا بولغان رەھمىتىڭىزنى ئېيتىش يۈزىسىدىن مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى بېكىتىڭىز ۋە بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتىدە دەرسلىك ئۇچۇرلىرى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .

ئاخىردا خالاستان بىلوگى بۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.