بەلگە ئارخىپى: iOS 6

Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ

بۇ قىتىملىق WWDC دىن ئاساسەن خەۋەر تاپتۇق. بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان MAC ئۈچۈن ئېچىلغان يىڭى مەشغۇلات سىستىمىسى 10.8 نەشىردىكى Mauntion Lion دا جوڭگو رايۇنىغا قارىتا يىڭى ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلىشىدىن سىرىت بۇ قىتىملىق يىغىندا ئاساسلىق تىلغا ئىلىنغان يەنە بىر نوقتا بولسا iOS 6 نىڭ جوڭگو رايۇنى ئۈچۈن ئالاھىدە قوشۇلغان يىڭى ئىقتىدارلىرى. جوڭگودىكى IT سى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا قارىتىلغان سودا سىتىراگىيىسىنى چۈشەنسەك پايدىسى باركى زىيىنى يوق. ئالپسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇستاز تۇرسۇنجان سۇلتان ئاكىمىز ئەڭ بۇرۇن Apple مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزغا ماس ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە فونتنى بارلىققا كەلتۈردى. دىيارىمىزدا غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ apple ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال – ئىجادىيەت تەجىربىخانىسى قارلۇق شىركىتىدە قۇرۇلدى. شۇنداقلا ئالما ھەمكارلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىممۇ يىغىندا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يىقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدى. يىقىندىن بىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ AppStore دىكى بىر نەچچە ئەپلىرى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىرىشىۋاتىدۇ. يۇقارقى ئۇيغۇرىمىزنىڭ IT شىركەتلىرىمۇ جاپالىق تەتقىقاتتىن كىيىن خەلقىمىزنىڭ چىھرىدىكى خۇشاللىققا تەشنا، قوللىشىغا مۇھتاج، ئەلۋەتتە. دىيارىمىز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئازراق مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.

China بولسا Appleنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. كىيىنچە بىرازلىيەدىمۇ تارماق زاۋۇت ئىشقا كىرىشىدۇ.Apple نامىدىكى بارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار دەل مۇشۇ ئەمگەك كۈچى ئەرزان، مۇھىت بۇلغىنىش جازاسى ئەڭ ئاز، دوراپ ياساش سانائىتى ئەڭ تەرەققى قىلغان ئەلدە ئىشلەپ، قوراشتۇرۇلۇپ بازارغا كىرىدۇ.لىكىن بۇ رايۇننىڭ تەبىئي ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى Apple نىڭ سابىق قۇرغۇچىسى Steve Jobs مەيلى ياش ۋاقتىدىكى ھىندىستاندىكى راھىبلىق مەزگىلى بولسۇن ياكى كىيىنكى شانلىق پۇرسەتلىرىدە بولسۇن بۇ تۇپراققا قەدەم ئېلىپ باقمىغان. ئەكسىچە Apple نىڭ يىڭى ئاتامانى Tim Cook قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە جوڭگوغا ئىككى قىتىم كەلدى. ھەم دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ بازارنى خىل زىيارەت قىلىپ Apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ جوڭگودىكى مەلىكىلىشىشىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرىدى ھەم يۇقىرى باھا بەردى. ھەم بۇنداق بىر بازارغا ئاكتىپ باھا بەرمىگىنىدىنمۇ ئۆكۈندى. مەنبە

جوڭگودا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ(China Mobile) ۋە ئىككىنچى چوڭ تېلگىراف (China Unicom) شىركىتى بار. كۆچمە ئابونت سانىمۇ 100 مىليۇن بولۇپ، دۇنيا كۆچمە ئابونت سانىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. لىكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئابونت يەنىلا تور سۈپىتى ياخشى، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغان China Mobile غا مەركەزلەشكەن. لىكىن China Mobile نىڭ يۈكى بولغان TD-SCDMA نى Apple شىركىتى تېخى قوللىمىدى.Chinaنىڭ 4- ئەۋلاد خەۋەرلىشىش سىستىمىسى بولغان TD-LTE نىمۇ تېخى قوللىمايدۇ.China Unicom ۋە China Telecomنىڭ 3-ئەۋلاد كۆچمە تورى بولمىش WCDMA ۋە CDMA2000 نى قوللايدىغان iPhoneنىڭ جوڭگودا بازارغا كىرىشى مۇقەررەرلىك ئىچىكى مۇقەرەرلىك بولۇپ ھىچقانداق تېخنىكىلىق ئۆزگىرىش يوق، لىكىن قارشى ئىلىنمىغان ئىككى تېلگىراف شىركىتىنىڭ تورىغا باغلانغان مەھسۇلاتمۇ ئەڭ ئاخىردا ئۆزى بەلگىلىگەن «يۇقىرى ساپالىق ئېستىمال قوشۇنى يىتىشتۈرۈش»كە تېخى بالدۇرلۇق قىلدى. شۇڭا جوڭگولۇقلارنىڭ Apple غا قارىتا بىتەرەپلىمە قارىشى شەكىللەنگەن. بۇ مەسىلىگە China Mobile نىڭ ھەر نۆۋەت CEOسى :“بىز Apple تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە كىڭىشۋاتىمىز“ دەپلا كىلىۋاتىدۇ. Apple شىركىتىمۇ ئەزەلدىن China Mobile بىلەن ھەمكارلىقىنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنى، ھەم تىرىشىپ China Mobile تورىغا ماس جوڭگۇلۇقلار تېخىمۇ تىز قوبۇل قىلالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.مەنبە

خوش، تاماق ئەتكەنلىك قورساق تويغانلىققا تەڭ ئەمەس. كىيىنكى تەسەللىي بۇرۇنقى دەرتكە داۋا بولالىغانمۇ ئەمەس. Apple شىركىتىمۇ يۇقارقى شارائىتلار تۈپەيلى چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش(توغرىسى پۇل تېپىش) مۇھىتلىرىنى يارىتىۋاتىدۇ. ئەمدى Apple نىڭ جوڭگوغا قاراتقان سودا ئىستىراتىگىيسىگە قارايدىغان بولساق ئالدى بىلەن 成都,深圳 قاتارلىق شەھەرلەردە Apple Store دۇكانلىرىنى قۇرۇۋاتىدۇ. بېيجىڭدىكى ئىككى Apple Store كىڭەيتىلدى، China دىكى ئەڭ چوڭ Apple Store دەپ ئاتالغان شىياڭگاڭدىكى ئىككىنچى Apple Store مۇ ئىشقا كىرىشتى. مىش -مىش پاراڭلاردىن ئاڭلىشىمچە Apple شىركىتى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ سېتىش، قوللاش نوقتىسىنى ئۈرۈمچىدە قۇرىدىكەن.

بۇ قىتىملىق WWDC نىڭ يارقىن نوقتىسى بولغان،3-ئەۋلاد iPhoneدىن تارتىپ 6-ئەۋلادقىچە،4-ئەۋلاد iPodTouch تىن تارتىپ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلاد iPad كىچە بولغان بارلىق ئۈسكىنىلەرنى قوللايدىغان 6- ئەۋلاد iOS تىمۇ جوڭگوغا خاس مەھسۇلاتلار ئەڭ كۆپ قوشۇلدى، ھەم ئەڭ بۇرۇن تونۇشتۇرۇلدى. جۈملىدىن،Siriخەنچە قوللىدى. بۇرۇنقى داڭلىق ئىزدەش ماتورى Google Search نىڭ ئورنىغا 百度 قوشۇلدى. Twitter نىڭ ئورنىغا Sina Weibo قوشۇلدى. 优酷,土豆 ئىككى ئاكا ئۇكىمۇ فىلىم قويۇش سۇپىسى شەكىلدە قوشۇلدى. خەنچە كىرگۈزگۈچ تۈرمىدىن قاچۇرۇش موھتاج بولمىغىدەك دەرىجىدە ياخشىلاندى. خەنچە- ئېنگىلىزچە لۇغەتمۇ يىڭى سىستىمىدىن ئورۇن ئالدى.

يۇقارقى چوڭ پاراڭلىرىمىزنىڭ ئاخىرى، دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقرى بولغان شىركەت-ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگوغا يەنە بىر قەدەم يىقىنلشىىشى، مەبلەغ سىلىشى دىيارىمىزغا نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلارنى تەمىنلەيدۇ. مەيلى مەھسۇلاتنىڭ باھاسى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى كۆپ تىل قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىققا كىلىشى جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى تېخنىكىلىق يۇمشاق-قاتتىق دېتال ئاچقۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتىن بولسۇن ھەممەيلەننىڭ خەلقئاراۋى سەھنىگە يىقىنلشىىشغا پايدىسى كۆپ. ئەگەر رايۇنىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يىتەرلىك بولسا مۇمكىنقەدەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ بازىرىنى ئاچسا بەكمۇ مۇۋاپىق. بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز رايۇنىمىزدىلا ئەمەس بەلكى يۇقىرى تېخنىكا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆز جۇلاسىنى تېپىشى كىرەك ھەم تاپالايدۇ.كېرەم ئاتۇش مۇنداق دەيدۇ:«بىز ھازىر ئىچكىردىكى 2مىليۇنلۇق چوڭ بازارنى تاشلاپ قويۇپ، شىنجاڭدىكى 2 مىڭ سوملۇق كىچىك بازارنى تالىشىۋاتىمىز». بۇ سۆز بىزنىڭ IT ساھەيىمىزگىمۇ ماس كىلىدۇ. بىزدە بازار تېخى ئاز. كۆپىچىمىزنىڭ ئېستىمال سەۋىيىسى تېخى ئۆزىمىز رازى بولغان باسقۇچقا يەتمىدى.

ئەمدى ئۇيغۇر ITچىلىرى ۋە IT كارخانىلىرى، «Apple تەدرىجىي China غا يۈزلىنىۋاتىدۇ» دېيىلگەن مۇشۇ باسقۇچتا بىز بۇ پۇرسەت ۋە خىرىسقا قانداق يۈزلىنىشىمىز كىرەك؟

ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى

خۇددى بۇرۇنقى پەرەزلەردە ئېيتىلغاندەك Apple دىكىلەر دادىللىق بىلەن GoogleMaps تىن ۋاز كەچتى. بۇ ئالدىنقى قىتىم Gppgle Adsense تىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ iAd نى يولغا قويغانلىقىدىن كىيىنكى يەنە بىر ئىسلاھاتى. شۇنداقلا ھازىرقى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يۈزلىنىشى. چۈنكى بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىش يەنە يىڭى قىيىنچىلىققا ۋە يىڭى پۇرسەتكە تولغان بىر يولغا ئىلىنغان قەدەم.

يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شىمالىي ئامېركا رايۇنىدا 3 ئۆلچەملىك ئوبرازلىق خەرىتە ئۇچۇرى تەمىنلەش، يۈز مىليوندىن ئارتۇق سودا نوقتىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرىشى، شۇنداقلا turn-by-turn يول باشلاش قاتارلىقلاردۇر. جوڭگو رايۇنىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك خەرىتىسى قانچىلىك ئىنىقلىقتا، بۇنى ئالدىرماي بايقايمىز.

سىناقتىن قارىغاندا iMaps نىڭ 3 ئۆلچەملىك ئىقتىدارى Google نىڭ ئىقتىدارىدىن ياخشى بولۇپ ھەم سۈزۈك، ھەم بەكلا يىنىك ئىكەن.

يۇقارقىلارغا ئوخشىمايدىغىنى Apple ھازىرقى دوستلىشىش تورلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمۈد بىلەن قاراپ Youtube نى تېخىمۇ مەركەزلىك ھالدا ئۆز مەھسۇلاتىغا سىڭدۈرگەن. Shared Photo Streams دېگەندەك يىڭى ئىقتىدارلار ئارقىلىق رەسىم ھەمبەھىرلىنىش قاتارلىق مودا ئەپلەرنىمۇ باشلامچى بولۇپ مەشغۇلات سىستىمىسىغا سىڭدۈرۋەتكەن.

ئۆزىنىڭ دوستلىشىش تورىنىڭ مەركىزى بولمىش FaceTime نى 3G تورى مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىغان قىپتۇ. ئەمدى ھەۋەسكارلىرىمىز تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ FaceTime نى خالىغان يەردە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپتۇ.