دىلسادا يانبىلوگى

123
دىلسادا گۈدۈكى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار، دىللارغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى يېقىشلىق مەزمۇنلارنى دىلسادادىن ئىزدەڭ! بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.
تەۋسىيە يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاي چېكى ئوينىمىغىنى تۈزۈك

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاي چېكى ئوينىمىغىنى تۈزۈك

ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 594 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاي چېكى ئوينىمىغىنى تۈزۈك



 
   @مەلۇم   ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  پۇل  مۇئامىلە  كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاي چېكى ئوينىغانلىق خەۋىرى تاراتقۇلارنى ئازدۇرۇش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان خەۋەر تېمىلىرى بىلەن تەمىنلىدى.« ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ۋاقتىدا يان تېلېفونىدىن كۆزىنى ئۈزمەي پاي چېكى بازىرىنى تەھلىل قىلدى، 20 ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پاي  چېكى  ئويناپ   پۇل   تاپتى». بۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلەر خېلى كۆپىيىپ قالغانىدى.
   بەزى ماقالىدە دەرس ۋاقتىدا يان تېلېفونى بىلەن پاي چېكى بازىرىنى تەھلىل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. «بىر سىنىپتىكى 20 ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پاي چېكى ئويناپ پۇل تاپتى». بۇ مەلۇم مەكتەپنىڭ مەبلەغ سېلىش كەسپى سىنىپىنىڭ ئەھۋالى بولۇپ، ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالمايتتى. لېكىن مۇنداقلا قارىغان كىشىگە بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاي چېكى ئوينىشى كۆپىيىپ قاپتۇ» دېگەندەك  تەسىر  بېرەتتى.
   بەزى خەۋەرلەرنىڭ پاكىت تۈسىنىڭ سۇسراق بولۇشى ۋە كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان ماۋزۇلارنى قويۇۋېلىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس. بىراق، يۇقىرىدىكىدەك خەۋەرلەر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى پاي چېكى بازىرىغا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.
  @ ئىقتىساد كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانچە - مۇنچە پاي چېكى ئويناپ قويۇشىنىڭ پايدىسى يوقمۇ ئەمەس. لېكىن پۈتۈن زېھنى ۋە ۋاقتىنى پاي چېكىگە سەرپ قىلىۋەتسە بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئىلمىي تاكتىكا ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆگىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مالىيە - ئىقتىساد، قانۇن ۋە باشقۇرۇش پەنلىرىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى ئىگىلىشى، سۈپەت ۋە مىقدار تەھلىلى ھەمدە چەت ئەل تىلىدا بىمالال ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى لازىم. لېكىن بۇنداق ئىقتىدار پاي چېكى بازىرىدا سوكۇلداپ يۈرۈش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ. ئىقتىساد پەنلىرى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ پاي چېكى پەقەتلا بىر چاقناش ۋاسىتىسى خالاس! پاي چېكى بازىرىدىكى ئازراق پۇلنى دەپ ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزسەك شۈبھىسىزكى، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان بولىدۇ. كىشىگە نەپ بېرىدىغىنى دەل پاي چېكى ئويناشنىڭ تەقلىدىي ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش بولۇپ، بۇ ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان، چىقىم قىلماي ئۈنۈملۈك تەجرىبىگە ئىگە بولالايدىغان ياخشى ئۇسۇلدۇر. ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ‹‹پاي چېكى بازىرى خەتەرلىكتۇر، ھەر قەدەمدە ئېھتىيات لازىمدۇر›› دېگەن ھەقىقەتنى ھەرقانداق مەبلەغ سالغۇچى چوقۇم يۈرىكىگە مۆھۈر قىلىپ بېسىشى لازىم.
   ئوقۇغۇچىلىق باسقۇچىدا چوقۇم ئوقۇش ئاساس بولسۇن. ئوقۇغۇچىلار ئۈنۈمسىز ئۆگىنىدىغان كىتاب خالتىسى بولماي، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشى، دەرسخانىدىكى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، مەكتەپتىكى ئۆگىنىش بىلەن جەمئىيەت تەجرىبىسىنى بىرلەشتۈرۈشى لازىمكى، ھەرگىزمۇ مەلۇم ئەمەلىي مەشغۇلاتلار ئۈچۈن ئوقۇشنى نابۇت قىلماسلىقى كېرەك. قارايدىغان بولساق، پاي چېكى بازىرىدا پايپاسلاپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بەزى ئوقۇغۇچىلار زېھنى ۋە ۋاقتىنى ھەقىقەتەن ئۆگىنىشكە بېغىشلىيالمايۋاتىدۇ. جەمئىيەت، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئاتا - ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرۋاقىت ھوشيارلىقنى  ئۆستۈرۈشى لازىم.

**************

بايانات

بۇلۇت بولۇپ تاغلار ئاشايلى، خۇددى يامغۇر بولۇپ ياشايلى. قۇشلار بىزگە ئېيتسۇن تەشەككۈر، چۆللەردىمۇ بوستان ياسايلى. ئېتىزلاردا قونالمىساقمۇ، كۈزدە خامان سورالمىساقمۇ. ياخشىلاردىن بولالمىساقمۇ، ياخشىلارغا تۇمار ئاسايلى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى