سەھىپە ئارخىپى: بىر مۇڭ

نەزەرى تەۋسىيە قىلغان مۇزىكا

Yanni ئورۇنلىشدا مۇزىكا If I Could Tell You

Yanniئەسلى ئىتالىيەلىك، 1954-يىلى تۇغۇلغان. كىيىن ئامىركىغا بىرىپ پەلسەپە ئوقۇش جەريانىدا ئىلىكتىرونلۇق ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ(电子合成器) چىلىشنى ئۈگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇزىكا ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ جەمئىي 31 يىللىق مۇزىكا ھاياتىدا بىزگە نۇرغۇن مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى تەقدىم ئەتتى.بۇ سەھىپىدە Yanniنىڭ يەنە باشقا مۇزىكىلىرىنمۇ تونۇشتۇرىمەن.

بۇ مۇزىكا نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇراسىملاردا، پروگراممىلاردا يانداش ئىشلىتىلىدىغان مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ بىرى بولۇپ خۇددى مۇزىكا نامى(ئەگەر ئىيتالىغان بولسام) غا ئوخشاش ئادەمگە شىرىن ھىس-تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. شۇنداقلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇزىكا دىيىشكە بولىدۇ.

ئەگەر بىزمۇ ئىيتالىغان بولساق……………

Richardئورۇنلىشىدا پىئانىنو مۇزىكىسىBallade Pour Adeline

بۈگۈنمۇ يەنە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتتى.ھىلى پروگرامما يېزىپ،ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھىلى ئاندرويد بىلەن ئېتىشىپ دىگەندەك. ئۇخلاش ئالدىدا كىچىككىنە چاقىت چىقىرىپ مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرنى يوللاشنى ئويلاپ قالدىم. ۋاقىت بەك قىس، كۆپ يېزىپ بولالمايمەن، قىنى دىققەت ئاۋۋال مۇزىكا دا بولغاي.

理查德 克莱德曼-Richard Clayderman ھەققىدە ئارتۇق توختالمىساممۇ بولىدۇ. بۇ داڭلىق پىئانسىت فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، رومانتىك شەخىس. 6 يېشىدىلا داڭىق قازانغان.16 يېشىدىن تارتىپلا ئۆز ئالدىغا مۇزىكا ئىجاد قىلغان .1990-يىلى فىرانسىيەنىڭ “90之星” تاللىشىغا قاتنىشىپ دۇنيادىكى بىردىنبىر «金钢琴奖» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

رىچارد 1977-يىلى بىر كىنوغا ئىشلىگەن يانداش مۇزىكىسى 《水边的阿狄丽娜》 ناھايتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان بولۇپ مانا ھازىرمۇ نۇرغۇن پىئانىنو دەرسلىكلىرىنىڭ ياخشى تاللىشى. مەنمۇ بۇ مۇزىكىنى چېلىشىنى ئۆگىنىمەن دەپ پىئانىنوغا ئاشىق بولغان.

نۆۋەتتە قويۇلغىنى-水边的阿狄丽娜–Ballade Pour Adeline ناملىق مۇزىكا بولۇپ مەن تولۇقسىزدىن تارتىپ ئامراق مۇزىكا ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان كەچتىمۇ مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالغىنىم ئىسىمدە….

Close[SWF] - ballade

[مۇڭ] ساكېستا ئورۇندالغان مۇڭ «تەڭرىتاغ»

بۇ ھەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ھالەكچىلىكىدە بىردەم بېسىپ ئولتۇرۇپ تورغا چىققۇدەك ۋاقىت بولمىدى، تەييارلاپ قويغان بىر نەچچە يازمىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزەلمەي ئېچىم پۇشۇپ ئالدى بىلەن مۇڭلۇق كۈيدىن بىرنى ئاڭلىغاچ تېما تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.

بۇ مۇزىكىنى «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ماڭا ھەدىيە قىلغان. بىر نەچچە مۇزىكا ئېچدىن بۈگۈن دوستلارغا بۇ مۇزىكىنى سوۋغا قىلىمەن.

ئەينى چاغدا جەنۇبتىن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن غۇلجىغا ساياھەتكە بارغاندا يول بويى مۇشۇ ئۇسلۇبتىكى مۇڭلارنى ئاڭلاپ ماڭغان. گۈزەل تەڭرىتاغنىڭ بەھەيۋەت قارغايلىرى، قول يەتكۈدەك بوشلۇقتىكى ئاپئاق بۇلۇتلار، زۇمرەتتەك تاغ سۇلىرى، ئاپئاق قامەتلىك تىك چوققىلار………

Close[SWF] - تەڭرىتاغ

[كۈي] بالىلىق تەئەججۈپلىرىSOUVENIRS D’ENFANCE

بالىلىق – بۇ بىر كونا تېما، ھەممەيلەن باشتىن ئۆتكۈزگەن، ھەممەيلەن مەڭگۈ قىيمايدىغان بىر جەريان. تالاي-تالاي شىئىرلار مۇشۇ بالىلىقنى ئەسلەش بىلەن باغلانغان. شۇڭا مەنمۇ بۇ ھەقتە تولا ئىزاھتىن تېمىغا قايتىشنى ئەۋزەل بىلەي……..

بۈگۈن توردىن بالىلىق دەپ ئىزدىسەم مۇنداق بىر مەزمۇن دىققىتىمنى تارىتتى:«مەن تۇرۇپلا شۇ بالىلىق چېغىمدىكى خوشال،غەم ئەندىشىسىز كۈنلىرىمىى سېغىنىپ قالدىم.بالىلىق چاغلىرىمىزدا تىزرەك چوڭ بولسامكەن دەپ نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمان قىلىدىكەنمىز ئەكىسچە،چوڭ بولغاندا بولسا ئەشۇ بالىلىق دەۋرىمىزنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ بەخىتلىك مىنوت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ قالىمىز .ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ئارقىغا يانمايدۇ دە-!».

ئاددىيلا بىر جۈملە ھەممەيلەننىڭ قەلبى سۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ. تۆۋەندە بۇ ھەپتىلىك «بىر مۇڭ» ئۈچۈن Richard Clayderman ئورۇنلىشىدىكى SOUVENIRS D’ENFANCE ناملىق پىئانىنو يىنىك مۇزىكىسىنى يوللىدىم.

Richard Clayderman بولسا(خەنچە 理查德·克莱德曼 دەپ يىزىلىدۇ.) نۆۋەتتىكى ئەڭ داڭلىق pianist بولۇپ 1953-يىلى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن نۇرغۇن مۇھەببەت تېمىسىدكى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە تەكرار كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى بىردىنبىر pianist تۈرى بويىچە تونۇلغان سەنئەتكار.

دىققەت تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مۇزىكىدا بولسۇن.

ئادارگۈل(ھەپتىدە بىر مۇڭ)

ھەپتىدە بىر مۇڭ سەھىپىسىگە بىرىنچى بولۇپ ھەممەيلەنگە تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان «ئادارگۈل» نى تەقدىم ئەتتىم. يىڭى يىلنىڭ ئىككىنچى كۈنى خالاستان بلوگىنىڭ تۇنجى قىتىم كۆپچىلىككە تەقدىم ئەتكىنى مۇشۇ مۇزىكا.

تونۇش____كۆڭۈل قىتىمىزدا بۇ نەي ئاۋازىنىڭ مۇڭلىرى ھىلىھەم پىنھان ساقلانماقتا. بۇ مۇڭ كەبى يۇمشاق شۇ غىرىبانە كۆڭلىمىز ھىلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدەۋاتىدۇ.

Close[MP3] - adargul

ناتونۇش____ ئالدىراش تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بىزگە مۇڭلۇق كۈيلەردىن ھوزورلىنىش پۇرسىتى ناھايتى ئاز. خالاستان بلوگىنىڭ مۇشۇ سەھىپىسىمۇ دەل چارچىغان قەلىبلەرگە دەرمان، ھارغان تېنىقلارغا مەدەت بىرىشنى مەقسەت قىلغان.

بۇ سەھىپىدىكى مۇزىكىلار تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن مۇقىم بوشلۇقتا چۈشۈرۈش تەمىنلىنىدۇ، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يىنىك مۇزىكىلارنى تەشەببۇس قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

[ئىسكىرىپكىدا مۇڭ]Moving_داڭلىق يىنىك مۇزىكا

بۇ مۇزىكىنى ياۋروپادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەتىرتى Secret Garden ئورۇندىغان بولۇپ White Stones ناملىق پىلاستىنكىسىغا قوشۇلغان.
Secret Garden بولسا 1994-يىلى داڭلىق ئىككى مۇزىكانت Rolf Lovland(نورۋىگىيە)ۋەFionnuala Sherry (ئايال، ئېنگىلاند)نىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىدا بارلىققا كىلىپ 1995-يىلى رەسمىي بىرلەشكەن.

1996-يىلدىن 2000-يىلغىچە ئارلىقتا تارقىتىلغان 4 پىلاستىنكىسىنىڭ بازىرى ناھايتى ياخشى بولۇپ 2 پىلاستىنكىسى 60 نەچچە دۆلەتتە 1مىليۇن 600 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلىپ يىنىك مۇزىكا ساھەسىدە Yanni بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ يىنىك مۇزىكا تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ يىنىك مۇزىكىدا ئالتۇن مىدال بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
Secret Garden نىڭ ئورۇندىغان مۇزىكىلىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ يىنىك، لىرىك تۇيغۇ بىرىدۇ.

بۇ مۇزىكا بۇرۇن XJTV نىڭ ھوزورلىنىش پروگراممىسىدا ناھايتى كۆپ قويۇلغان. ماڭىمۇ بەك پىششىق بولۇپ كەتكەن كۈي ئىدى.يىقىندا تولۇقسىزدىكى خاتىرلىرىمنى كۆرۈپ بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنى تېپىۋىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.
قىنى بۇ لىرىك مۇزىكىدىن ھورۇزلىنىڭ،،،،

Close[SWF] - moving

دۇتتار دىسەك ھەممىمىزنىڭ ئىڭىغا ناھايتى كونا، قەدىمىي، زاماندىن قالغان بىر سازنىڭ ئوبرازى كىلىدۇ. زامانىۋى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەر بارلىق سازلارنىڭ (ھەتتا يوق سازلارنىڭ)  ئاۋازىنى ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەرگە سىڭدۈرۈپ بىرلەشتۈرۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ قەدىمىي سازلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى ئازىيىۋاتىدۇ. بىزنىڭ سازلىرىمىزمۇ تەدرىجىي ھالدا باشقىلارغا سوۋغاتلىقلا رولىنى ئوينايدىغان ھالغا چۈشۈپ، دۇتتار، غىجەك، داپ، سۇناي …. قاتارلىق سازلارغا قىززىقىش ئازىيىۋاتىدۇ.

بۇ ھەپتە مەنمۇ ھەر خىل سىناق-ئىمتىھانلار ئۈچۈن قاتتىق چارچاپ كېتىپتىمەن. ئوقۇرمەنمۇ بەلكىم ھارغىنلىقتىن كۆڭۈل ئارامى ئىزدەپ تورغا چىققاندۇ. خوش، تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مۇزىكا ئارامىڭىزدا بولسۇن……..

Close[SWF] - گۈلى

داڭلىق سەنئەتكارىمىز خالمۇراتكام ئەينى چاغدا دىك كۈيى سەنئەت كىچلىكىدە مەخمۇت سۇلايمان ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان خەلق ناخشىسى «گۈلى رەنا» نى دۇتتارغا زامانىۋى سازلارنى ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن چالغان. بۈگۈن مەن بۇ ھەپتىلىك «ھەپتىدە بىز مۇڭ» سەھىپىسىگە بۇ ناخشىنى ئىزدەپ تاپتىم. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىسا ئاندىن دۇتتارنىڭ يەنىلا شۆھرىتىنى يوقاتمىغان ئېسىل ساز ئىكەنلىكىنى  ئېتىراپ قىلىدىكەن.

[ئۆلمەس مۇڭ] دىل كۈيى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن)

بىزدە شۇنداق بىر سەنئەتكار ئۆتكەن – تامبۇرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ ، مىىلىتىمىز قەلبىدىن ئەڭ چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. «تامبۇر شاھى» دىگەن نامغا نائىل بولغان. يۈكسەك ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە ئىجادچانلىقى بىلەن كەسپداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ئۇ قەدىناسىمىز بولسا تۆۋەندىكى مۇزىكا <دىل كۈيى> نىڭ ئىجادچىسى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن.

Close[SWF] - دىل

بۇ مۇزىكىنى ئىزدەۋىتىپ ئوكيان تورىدىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئۇچراتتىم.

ئۇيغۇرنىسا: شۇنداق بىر ئۇلۇغ سەنئەتكارلىرىمىز باركى، جىسمى تۇپراق ئاستىدا كۆمىلىپ ياتقىنىدىمۇ ،روھى مەڭگۈ مۇزىكا بىلەن بىللە ئوزى ياراتقان شان-شوھرىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك چوققىسىدا،ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ياد ئېتىلىنىدۇ. نۇرمۇھەممەت ئاكا!ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي.

غەمكىن: ھايات ۋاختىڭىزدا ئەجەپ قەدرىڭىزنى بىلمەپتىكەنمىز،قىسقا ئەمما قىممەتلىك ھاياتىڭىزدا ئۆچمەس نۇرلارنى چېچىپ كەتتىڭىز،تەڭرى ئۆمرىڭىزنى يەنە ئۇزۇنراق قىلغان بولسا يەنە قانچىلىك ئولمەس ئىزلارنى قالدۇراتتىڭىزكىن؟سىىزگە سىزنىڭ مۇزىكىلىرىڭىزغاتەشنا يۈرەكلەرنى ئەجەپ بىر ھەسرەتتە قويۇپ كەتتىڭىز،ھەق گەپنى قىلغاندا 40ياشقا كىرىپتىمەن،خۇدا يەنە 40يىل ئۆمۈر بەرگەن تەقدىردىمۇيەنە سىزدەك بىر پەۋقۇلئاددە تالانت ئىگىسىنى كۆرەلەمدىم -يوق بىلمەيمەن.بىزدە»ئۆلمىگۈچە رەھمەتلىك بولماس» دەيدىغان گەپ بار ئىكەن .خەير ،ئاللا سىزنى دەرگاھىغا بۇرۇنراق چىللاپتۇ.جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن…..

ئازارى: قەلبىمدە مەنگۈ ئەسلىنىدىغان،مەڭگۈ،ھۆرمەت قىلىدىغان ،ھەم چوقۇنىدىغان تەڭداشسىز تالانت ئىگىسى،ماھىر چالغۇچى،پەلقۇلئاددە تالانتقا ئىگىسى.ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بولسۇن.

خەيىر…………

[يىقىملىق مۇڭ] ئايدىڭ كىچىلەردە(نەزەرىم سىزدە)

بىر ھەپتە ئۈرۈمچىدە كاماندوروپكا بىلەن يۈرۈپ بلوگنى يىڭىلاشقا ئەمەس ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ۋاقىت يار بەرمىدى. مۇشۇ باھانىدە شىنجاڭنىڭ سىمسىز تور ئوموملىشىش نىسبىتىگىمۇ ئوبدانلا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
بىر ھەپتىلىك يىڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ lenovo نىڭ يىڭى 乐pad ئىلان قىلغانلىقىدىن باشقا مۇھىم ئىشمۇ بايقىمىدىم. بۇ مەھسۇلاتمۇ apple غا خىرىس قىلغۇدەك ساپادا بولمىغاچ بۇ يەردە ئارتۇق تونۇشتۇرۇپ كەتمەيمەن.
كونا ئادەت بويىچە بۇ ھەپتىلىك <ھەپتىدە بىر مۇڭ> سەھىپىسىگە بىر مۇزىكا يوللاپ ئاندىن باشقا تېخنىكىلىق ماقالىلەرنىڭ ئويىنى قىلاي.
نۆۋەتتىكى مۇزىكا بىز بەلكىم كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن، ئىلىكتىرونلۇق سازلار ناھايتى ياخشى كىرىشتۈرۈلگەن مۇڭلار ئارسىدىكى تاللانما «ئايدىڭ كچىلەردە»…..
تۆۋەندىكىسى ئىز.لا تورىدىن ئىلىنغان شۇ ناملىق شىئىر
ئايدىڭ كىچە
ئايدىڭ كىچە، ئاپپاق، سۈزۈك كۆركەم كىچە،
سانسىز كۆزلەر تولۇن ئاينى كۆرگەن كىچە.
ئىختىيارسىز تارتىۋالدى مەستىلىكىمنى،
تەنگە ئارام، جانغا ھۇزۇر بەرگەن كىچە.
شۇنچە گۈزەل ئاسمان يۈزى، ھەتتا ئۇپۇق،
پۈتۈن ئەتراپ يېپىنىپتۇ كۈمۈش يوپۇق.
ئاينى بۈگۈن مىھمان قىلدىم دەيدۇ قۇدۇق،
سۇ يۈزىدە ئاي شولىسى كۈلگەن كىچە.
ئىكىنزارلار يىشىل باغلار شۇ تۇرقىدا،
خۇددى كىلىنچەكتەك ناز ئۇيقۇدا.
لىكىن ئويغاق تەبىئەتنىڭ كەڭ قوينىدا،
سۇچى يىگىت پۇشقىقىنى تۈرگەن كىچە.
كۆكتە تورغاي چۇرۇقلىشىپ قىلار پەرۋاز،
يىشىل بۇغداي ئىرغاڭلىشىپ قىلماقتا ناز.
كەلدى شۇ چاغ شىپىر- شىپىر غەيرىي ئاۋاز،
ئەنسىزلىكتە شەپە ئىلىپ كەلگەن كىچە.
بالىلىقتا —سەبىيلىكتە تولا يولۇققان، ياشلىقتا —-شوخلۇقتا شادلىنىپ سۆيۈنگەن ………….«ئايدىڭ كىچىلەردە» بىز-سىز تالاي-تالاي ئىزگۈ خىتابلار ئىلكىدە «ئايدىڭ كىچە» لەرگە مەستخۇش بولغان………..چەكسىز يۇلتۇزلار جەمگاھىغا تەلپۈنگەن……….
خوش ، نۆۋەتتە دىققەت بۇ مۇزىكىدا بولغاي.
Close[SWF] - ئايدىڭ

مۇڭلۇق كۈي(جۇدا)__ ئاڭلىماي تۇرالمايسىز

بۇ مۇڭنى خىلى بۇرۇن ئاڭلىغان، كىيىن بىلقۇت تورىنىڭ «سەرسان روھ» رومانىغا يانداش مۇزىكا قىلغىنىنى ئاڭلاپ ئاۋازنى ئايرىپ مۇزىكا قوراشتۇرۇپمۇ باققانتىم.

كىيىن ئەلئوغلىنىڭ شاپائىتىدە بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ يۇقىرى ئىنىقلىق نەشرىگە ئىرىشكەن. مانا مۇشۇ كۈنگىچە تىڭشىغۇچلىرىمدا ئۈزۈلمەيدىغان مۇڭلۇق مۇزىكىلارنىڭ بىرى سۈپىتدە تۇرۇپتۇ.

خاتالاشمىسام «سەرسان روھ» نى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم بۇ مۇزىكىنىڭ تەسىرىدە شۇ جاپالىق سەپەر، سىغىنىش، پىراق…. ئانا يۇرتقا مۇھەببەت قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ھىس قىلالايدۇ.

چارچىغان مىڭىمىز ئازراق ئارام ئالسۇن ئەمسە، مۇڭنى ئاڭلاپ ھوزورلىنىڭ

Close[SWF] - Juda,www.../