iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قاچىلاش

apple بىرىچى داڭلىق مەھسۇلاتى ipod classic تىن تارتىپلا مۇزىكا ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن. شۇڭا iphone,ipod touch,ipad قاتارلىق كۆپ ۋاستە ئۈسكىنىلىرىدە بۇ خىل يۈزلىنىش تېخىمۇ يۇقىرى. iphone,ipod touch,ipad لار MP3、WAV、AIFF、Apple lossless قاتارلىق يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى  ئاۋاز ۋەMP4、MOV、AVIقاتارلىق فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشقا بولىدۇ.

نۇرغۇن دوستلار apple نىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلىرىنى سېتىۋىلىپ بەزى مەشغۇلات ئادىتى (چۈنكى Darwin ئاساسىدا ئىشلەنگەن mac os نىڭ مەشغۇلات ئادىتى Windows قا ئوخشىمايدۇ) تۈپەيلى بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار ساقلىنىپتۇ، شۇڭا مەن بۇ تېمىدا iphone,ipod touch,ipadلارغا  iTunes ئارقىلىق ناخشا-كىنو قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.

1.iTunes نىڭ باش بەت كۆرۈنمە يۈزىدىن ئۈسكىنىنى تاللايمىز(ئۈسكىنە نامىنى چەكسەكلا بولدى).

2.كۆرۈنگەن رەسىمدىن  بويالغان ئورۇننى چېكىمىز.

3. ئۇنىڭ ئاستىدىكى 应用 نى تاللايمىز.

4. سول تەرەپ تېزىملىكتە音乐 دىگەننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، يىڭى كۆزنەك ئېچىشنى تاللايمىز.

5. يىڭى كۆزنەكنى ناخشا بار (كومپيۇتېردىكى) كۆزنەك بىلەن بىر يەرگە ئەكىرىپ ناخشا بار مۇندەرىجىنى تارتىپلا iTunes دا يىڭى ئېچىلغان كۆزنەككە تاشلايمىز.

6.بۇ ۋاقىتتا قوللىمايدىغان فورماتتىكى ھۆججەتلەر ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنامدۇ دىگەن سوراق چىقىدۇ.

بۇنىڭغا لايىقىدا جاۋاب بەرسەكلا بىر يولدا بىرەر نەچچە (ھەتتا غول) مۇندەرىجىدىكى مۇزىكىلارنى قاچىلاشقا بولىدۇ.

*********************************************

يۇقارقى باسقۇچتىكى يڭى كۆزنەك ئاچىدىغان يەردە 电影 دىگەننىڭ ئۈسىتدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ يىڭى كۆزنەك ئىچىپ ئوخشاشلا  MP4、MOV、AVI قاتارلىق فورماتتىكى كىنو-فىلىملەرنى قوشۇشقا بولىدۇ.

ئۆچۈرۈش ئۈچۈنمۇ يۇقارقى كۆزنەكنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات ئارقىلىق ناخشا-كىنو نى ئۆچۈرۋەتسەك تامام.

«iTunes ئارقىلىقiPhoneغا ناخشا-كىنو قاچىلاش»نىڭ 4 ئويلىغانلىرى بار

  1. نەزەرى ئەپەندى بولسا مۇشۇ قوللانما قاچىلاشنىمۇ تەپىسلىراك سۆزلىۋەتسىڭىز :lol:
    سىزمۇ ئاشۇ نەدىكى ئاسانلىرنى تاللاپ قىيىنلىرنى ئاشۇرۇپ قويۇپسىز ئادەمگە …

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: