Bandari ئورۇنلىشىدا مۇزىكا «باھاردىكى دالا» 春野

Bandari بولسا دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا ئەتىرتى. ئەڭ دەسلەپتە ئېنگىلاندنىڭ شىمالىي ئورمانلىقىلىرىدا تەبىئەت ئاۋازى يۇغلاش بىلەن داڭىق چىقارغان. كىيىن بۇ ئاۋازلارنى بىرىكتۈرۈپ مۇزىكا ئىشلەش ئويى بىلەن بۇ گۇرۇپنى قۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن يىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدە ئەڭ يارقىن نوقتا بولماقتا. بولۇپمۇ كەچلىك پىروگراممىلاردا bandari نىڭ مۇزىكىلىرى يىقىشلىق رېتىمى ۋە سۈزۈكلۈكى بىلەن دىللارغا ھوزۇر بىغىشلاپ، مىڭىنى تىنىچلاندۇرۇپ تېز ئۇيقۇغا كىرىشكە پايدىلىق. مەنمۇ ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىم bandari نىڭ مۇزىكىلىرى. مەن بۇ سەھىپىگە ئۆزۈم مۇڭلۇق دەپ قارىغان 3 مۇزىكىسىنى تەييارلىدىم. ۋاقىت ئارىلاپ دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇنىمەن.

قىشمۇ كەلدى باھار تېخى يىراقمۇ؟

ناھايتى توغرا ئىيتىلغان بىر سۆز. باھار ئۇ دىللارنىڭ شادلىق ئەلچىسى؛ باھار ئۇ تەنلەرگە قۇۋۋەت بەرگۈچى؛ باھار ئۇ كائىناتىنى ئويغاتقۇچى….

خوش، شائىرانە ماختاشنى قويۇپ بۇ لىرىك مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنايلى. تۆۋەندىكىسى يۇقىرى ئىنىقلىقتا كىرىشتۈرگەن فىلىم، كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

قانداق؟ باھارنى كۆردىڭىزمۇ؟ باھار ئالدىمىزدا .

مەن تەشەببۇس قىلغان مۇزىكىلارنىڭ ئوقۇرمەنگە باھار ئازادىلىكى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ يازمامنى توختىتاي. قىنى كۆپچىلىك نىمە دەيدىكىن؟

«Bandari ئورۇنلىشىدا مۇزىكا «باھاردىكى دالا» 春野»نىڭ 4 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: