David ئورۇنلىشىدا مۇزىكا 《I Miss You 》

David ئۇيغۇرلارغا بەك تونۇشلۇق بولمىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. لىكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ياكى ئاڭلاۋاتىمىز. خۇددى bandari غا ئوخشاش تەبىيئەتتىن ئىلىنغان ئاۋازلارنى بىرىكتۈرۈپ ئاندىن مۇزىكا سىھرى كۈچى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

تۆۋەندىكىسى كەچلىك پروگراممىلارغا بەك كۆپ قويۇلىدىغان مۇزىكىسى بولۇپ ئىسمى《I Miss You 》. مەنمۇ داۋاملىق ”经济之声“نىڭ پىروگراممىلىرى ئارسىدا بەك ئۇچرىتىمەن. قىنى بۇ مۇزىكا ھوزورۇڭلاردا بولسۇن. چۈشۈرۈش ئىھتىياجى بولسا مۇشۇ قويغۇتىن چىققان بەتتىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

قىنى، مۇڭلۇقمىكەن؟

«David ئورۇنلىشىدا مۇزىكا 《I Miss You 》»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

  1. بلوگىڭىزنىڭ «ھەپتىدە بىر مۇڭ » سەھىپىسىنى بەك ياقتۇردۇم، ئاڭلايدىغان مۇزىكىلىرىمىز ئوخشاپ كېتىدىكەن ، ناخشىغا قارىغاندا مۇزىكىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ماڭا باشقىچە تۇيۇلىدۇ.

    1. شۇنداق بولسا كىرەك. مەنمۇ ھەر ھەپتىدە بىردىن مۇڭلۇق مۇزىكا يوللاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. پۈتۈنلەي دىگۈدەك يىنىك مۇزىكا. ئەسلى مەن كىچىمدىن مۇزىكانت بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن، :lol: كىيىن تەبىئىي پەنگە كاللىسى ئىشلەيدىكەن دىسە تېخىمۇ دەپ ئۈگىنىپ يۈرۈپ مۇزىكىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن. ئەمما كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ ئارامىغا بارىدىغىنى دەل مۇشۇنداق يىنىك مۇزىكىلار. كومپيۇتېرىمدا بۇنداق مۇزىكىلار بەك كۆپ، بىراق مەن تولا ئاڭلاپ يارىغانلىرىنى ئاندىن بۇ يەرگە يوللايمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: