iPhone دا DFU ھالەتكە كىرىش

نۇرغۇن دوستلارغا مەلۇملۇق، iPhone ياكى ipod,ipadدا نەشىر كۆتۈرۈش، ياكى سىستىما ئەسلىگە قايتۇرۇش قاتارلىق تۆۋەن قاتلاملىق مەشغۇلاتلار پۈتۈنلەي DFUھالەتكە كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
DFU ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن

Phone   .1ياكى ipod,ipad نى كومپيۇتېرغا چاتىمىز.

2.iPhone ياكى ipod,ipad نى ئۆچۈرىمىز. يەنى ئۈستى تەرەپتىكى power كۇنۇپكىسىنى 5 سىكونت بىسىپ تۇرساق ئىكراندا قىزىل سۈرگۈچ كۆرۈنىدۇ. ئۇنى ئوڭغا سۈرسەكلا بولىدۇ.

تۆۋەندىكسى ھالقىلىق باسقۇچ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋىلىپ باشلاڭ. بازاردا 200 سومغا تۈرمىدىن قاچۇرۇدىغانلارنىڭ تېخنىكىسى مۇشۇ! تۆۋەندىكى 3 باسقۇچ ئۇلاپ ئېلىپ بىرىلىدۇ.

3. iPhone ياكى ipod,ipad نىڭ ئۈستى تەرەپ power كۇنۇپكىسىنى 3 سىكونت بىسىپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا ئالما بەلگىسى چىقىدۇ.

4. iPhone ياكى ipod,ipadنىڭ ئىكران تۆۋەندىكى homeكۇنۇپكىسىنى 10 سىكونت باسىمىز.دىققەت! بۇ ۋاقىتتا powerكۇنۇپكىسىنى قويۋىتىشكە بولمايدۇ.يەنى ، ئىككى كۇنۇپكىنى تەڭ بىسىپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا usb بەلگىسى بىرلا چاقناپ iPhone ياكى ipod,ipad ئۆچىدۇ.

5. iPhone ياكى ipod,ipad نىڭ ئۈستىدىكى powerكۇنۇپكىسىنى  قويۇۋىتىپ ئىكران ئاستىدىكى home كۇنۇپكىسىنى 15 سىكونت بىسىپ تۇرىمىز. بۇ جەرياندا كومپيۇتېردا ئۈسكىنە تونۇغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىدۇ. iPhone ياكى ipod,ipad نىڭ ئىكرانىدا بولسا ھىچقانداق بەلگە يوق،ئىكران ناھايتى ئاجىز يورۇق (يوق دېيەرلىك)ھالەتتە بولىدۇ. تۆۋەنكى رەسىم: سولدىكىسى DFU ھالەت، ئوڭدىكىسى قايتۇرۇش ھالىتى.

مۇشۇنداق نەتىجە كۆرۈلگەن بولسا مۇۋاپقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. يۇقارقى باسقۇچلار جەمئىي 28 سىكونت بولۇپ ۋاقىتقا چوقۇم قاتتىق ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ئارقىمۇ ئارقا بىسىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچ مۇشۇ 28 سىكونتتا چوقۇم باشقا ئىشلارنى قىلماسلىق كىرەك.

iPhone ياكى ipod,ipad دا بۇ خىل ھالەتتە تۇرۇپ قىلىنغان سىستىما ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

iPhone ياكى ipod,ipad دا DFU كىرەلمىگەن ئەھۋال پەقەت قاتتىق دىتال كاشىلىسى ياكى مەشغۇلات خاتالىقى سەۋەبتىن بولىدۇ. مەشغۇلات سىستىمىغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش قىلمايدۇ، شۇڭا خاتىرجەم بولۇش كىرەك.

DFUدىن چىكىنىپ چىقىش ئۈچۈن home ۋە power كۇنۇپكىلىرىنى تەڭ بىسىپ 7 سىكونت تۇرساق بولىدۇ.