[Gulan]ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟

جېك بىلوگىدا مۇنداق بىر ئىنكاسنى كۆردۈم: غەرىپنى تىللاش ھازىر خېلى كۆپ ئۇيغۇرلاردا مودا بولۇپ قالدىغۇ،شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى يېڭىشنى ئويلىسا كېرەك.دۆلىتىمىز ئىدىئولوگىيىسىدىكى غەربتىن خەۋپسىرەش بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ غەربنى شەيتان قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

-ئامېرىكىنى ”شەيتان“ دېگەن ئۇكا ئاغىنەمگە

قەدىرلىك ئۇكام:

بۈگۈن ئانامدىن سېنىڭ تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىڭنى، ئادىتىڭ بويىچە ئانامنى يوقلاپ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ بەك مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، ئىمانىڭىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئەقلىڭنى يەنىمۇ يۈكسەك قىلسۇن. ئانامنىڭ دېيىشىچە سەن مېنىڭ ”ئەگەر ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسا ئامېرىكىغا كەلسۇن، ئەگەر مەقسىتى ھەج قىلىش بولسا ئەرەبىستانغا بارسا مەيلى“ دېگىنىمگە قايىل ئەمەسكەنسەن. ئەگەر تېلېفوننى ئامېرىكىدىن قىلمىغان بولسام، تازا بىر تەنبىھ بەرمەكچىكەنسەن. ئالدى بىلەن ساڭا شۇنى دەي. مەن مەيلى قەيەردىن تېلېفۇن قىلاي، كىملەرنىڭدۇر ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئىستىگەنلىرىمنى دېيەلمەي قالمايمەن. چۈنكى مەندە باشقىلاردىن قورقۇپ يوشۇرىدىغان بىر گەپ يوق. ئويلىغانلىرىمنى ئەزەلدىن يوشۇرماي دەپ كەلدىم، بۇندىن كېيىنمۇ دەيمەن. ساڭا ئوخشاش مېنى قەدىرلەيدىغانلار تېلېفوندا ماڭا ”يوق ئىشلارغا ئارىلاشما، ئادەم جىق يەرگە بارما، گەپ قىلغاندا ئەتراپىڭغا باق، سەن كەتكەن بىلەن بىز بۇ يەردە، بىزنى خاتىرجەم ياشىغىنى قوي، دۆلىتىمىز شىنجاڭغا ئۇنداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بۇنداق يۆلىۋالىدۇ…“ دەپ كېتىسىلەر. ئادەتتىكىچە ئەھۋال سورىساممۇ سۆزۈڭلارنىڭ بىسمىللاھسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى، كومپارتىيىنى مەدھىيە بىلەن باشلىنىدۇ. مەن گېپىڭلارنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ جۇڭگولۇق دوستلىرىمغا ئاڭلاتتىم، ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى ”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ تەسۋىرلەنگەن كىنولاردىنلا ئاڭلىغانىكەن. يا مەن سەۋەبلىك سىلەرنى مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر قاسقان شەپكىلىك ئىزدەپ كەلمىسە، يا مەن بىرەر كۈن دېگەنلىرىم سەۋەپلىك ھەپسىگە كىرمىسەم، مېنىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان تېلېفونۇمدىن نېمانچە ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر؟ شۇڭا  ھەرقانداق گەپ بولسا تېلېفوندا ئوچۇق دە، تېلېفوندا ئوچۇق دېيەلمەيدىغان گەپلىرىڭىزنى ماڭا مەڭگۈ دېمە، مەن ھېچكىمنىڭ ئوچۇق دېيەلمەس سىرلىرىغا شېرىك بولالمايمەن. ئاڭلىشىمچە سەن مېنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىمنى ”مودا قوغلاشقانلىق“، ”غەرپكە چوقۇنغانلىق“ دەپ چۈشىنىدىكەنسەن. “ ئىمان بىلەن ياشاشقا ۋە ئۇقۇشقا ماس كېلىدىغان شۇنچە جىق مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرسا بارىدىغانغا يەر چىقمىغاندەك ئامېرىكىغا كەتتى“ دەپسەن. گەپ چوقۇنۇش ھەققىدە دېيىلگەنىكەن، ساڭا شۇنى ئوچۇقلاي، مەن قىبلىگە يەنى غەرپكە قاراپ سەجدە قىلىمەن. سېنىڭ قىبلەڭ شەرقتە بولسا يول بولسۇن. مەن مۇشۇ يېشىغا كەلگىچە قىبلىدىن باشقا تەرەپكە سەجدە قىلمىدىم، ئاللاھدىن باشقىغا يۈكۈنمۈدۈم. ئۆزىنى  باشقىلارغا خۇدا دېگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان، يېزىۋاتقان، سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ئادەتتىكى ئازغۇچى بەندىلىكىنى ئېسىگە سالغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن ئىككى قېتىم ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ھېلىمۇ پات-پات كۆرەلمەس، قىتىغۇر، پۇتاقچى دېگەن تۆھمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمەن.

گۇناھىم شەخسكە ۋە شەخسلەر چوقۇنغان تەرەپكە چوقۇنمىغانلىقىمدۇر. سەن موداغا ئەگەشتى دەپ قاپسەن، مەنمۇ بىر ئازغۇچى ئىنسان بولغاچقا زاماندا ئاققاننى خەلققە ياققاننى قىلىشتىن پۈتۈنلەي خالى بولالمىدىم، ئەمما ئامېرىكىغا كېلىشىم مودىدىن ئەمەس. ساڭا دېسەم مەن ئامېرىكىدا ئوقۇشنى قارار قىلغىنىمدا ئامېرىكىغا كېلىش مودا ئەمەس ئىدى، ھازىر كەتمەسلىك مودا. ئەگەر ئەينى چاغدا ھازىرقىدەك كەتمەسكە كېلىش مودا بولسا ئىدى كەلمىگەن بولاتتىم. مانا ھازىرقى مودىغا ئەگەشمىگىنىم ئۈچۈن كېتىمەن دەپ يا ۋەتەندىكىلەرنى يا بۇ يەردىكىلەرنى ئىشەندۈرەلمەي يۈرىمەن. چۈنكى بىزنىڭ كالامىمىز خەق قىلغاننى ئەمەس، ھەق بۇيرىغاننى تەۋسىيە قىلىدۇ. سەن بىلمىسەڭ كېرەك، بىزنىڭ مۇھتىمىزدا بەندە بولۇش ئەمەس خۇدا بولۇش مودا، ئىلىمدار بولۇش ئەمەس ئەمەلدار بولۇش مودا، ئادەم بولۇش ئەمەس ئادەمخور بولۇش مودا. سورۇنلارغا بارساڭ خەق سېنىڭ خىزمەت ئورنۇڭغا، ئەمىلىڭگە، پۇلۇڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ھىچ كىم سېنىڭ نەدە ئوقۇغۇنۇڭ بىلەن ھىساپلاشمايدۇ، ئۇنۇۋانىڭغا، مۇئاشىڭغا قارايدۇ. خەق ساڭا تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچۇڭنىڭ نېمە ئىش قىلالىغىنى بىلەن ئەمەس، قانداق ئەمەل تۇتالىغىنى باھا بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ھىچ كىمنىڭ لاياقەتلىك پۇقرا، دىيانەتلىك ئىنسان بولغۇسى يوق، ئۇلارنىڭ نىشانىچە يا چوڭ بېلىق بولۇپ يۇتىسەن ياكى كىچىك بېلىق بولۇپ يۇتۇلىسەن. سەنچە ”ئىمان بىلەن ياشاشقا ماس“ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھالى يۇقىرىقىدەك ئەمەسمۇ؟ ساڭا بىر مىسال كەلتۈرەي. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تاپشۇرۇقىنى كۆچۈرىۋالغىنى ئۈچ ئەرەبىستانلىق، بىر جۇڭگولۇق. مەن پاراڭلاشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق قارىشىدا ئىمتىھاندا كۆچۈرىدېغىنى خەنزۇ ۋە ئەرەب. مەكتىپىمىزدە ئەرەبىستانلىق بىلەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئەڭ كۆپ ئالىدىغان ئىنگىلىز تىلى مەركىزىدە ئوقۇش پۈتكۈزەلمەي ئەڭ ئۇزاق ئوقۇيالايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارغا ئاتا ئانىسى پۇلنى چەكلىمىسىز بېرىدۇ، چۈنكى بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ چۆنتەكلىرىگە مېھنەتسىز، چەكلىمىسىز  كىرگەن. ئۇلار ئەڭ قىممەت ماشىنىنى نەخ پۇلغا ئالالايدۇ ۋە قائىدىگە ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلىپ ئەڭ كۆپ جەرىمانە تۆلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىزىملىتىش ئىشخانىسى (بۇ يەرگە ئوقۇغۇچىلار دەرسكە تىزىملىتىش، دەرستىن چېكىنىش، دېپلوم.. قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كىرىدۇ) غا يېزىلغان ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە ”ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ“ دېگەن خەتنى كۆردۈم. مەن بېيجىڭدا بىر قېرىنداشقا ۋىزا بېجىرىشىپ بەرگىلى بېرىپ ئەڭ قوپال مۇئامىلىنى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن كۆرگەنىدىم. سەندىن سوراپ باقاي، بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىنسان ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا ۋەكىلىنى دۈشكەللىگەنلىك ئېگىمىزنى مىننەتدار قىلامدۇ؟ قۇرئاننى قانۇن قىلغان دۆلەتنىڭ پەرزەنتلىرى تاپشۇرۇققا كۆچۈرمىچىلىك قىلسا، ئۇلارنى ئىمان بىلەن ياشاۋاتقان دېيەلەمدۇق؟ كوڭزىچىلارنىڭ ”ئەدەپ“ تەربىيىسىنى ئىككى مىڭ يىل كۆرگەن بىر مىللەت نېمىشقا ئۆچرەتتىكى ئەدەپنى ئۆگىنەلمىدى؟ بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالى مەكتەپكىچە ئالغان ”جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق“ تەربىيىسى نېمىشقا بىزگە ساختىلىق قىلماسلىقتەك ئەڭ ئەقەللى ئەخلاقنى ئۆگىنەلمىدى؟ يۇقىرىقى ئوخشىمىغان ئىدولوگىيەگە تەۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قىلىقى نېمىشقا شۇنچە ئوخشىشىدۇ؟ بۈگۈن جۈمە خۇتبەسىدە ئىمام سەن سۆيۈنگەن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمدارىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكىنى ئالقىشلىدى. مەزكۇر ھۆكۈمدار خاتىبىمىز تۇغۇلغاندىن بېرى ھاكىمىيەت سۈرگەنىكەن. بۇ ھۆكۈمداردىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل بەزى كىشىلەر بەك رازىكەندۇق. بۇ دۆلەت ئىختىسادنى گۈللەندۈرۈپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپتۇ. خاتىپ بۇنى ”ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن پەردىلەپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى ماددىي پاراغەتكە بۇرىۋەتتى. نەتىجىدە بۇ دۆلەت ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىختىسادى ئەڭ گۈللەنگەن شۇنداقلا بۇزۇقچىلىق ئەڭ يامرىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ماددىي پاراغەت سەۋەبىدىنلا كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك، مۇستەبىتلىكىگە سەبرى قىلىپ كەلگەن ئىدى. دۇنياۋىي كىرزىس سەۋەبلىك دۆلەت نامراتلىشىپ، تەمىنلەنگەن مەئىشەت توختىغان زامان خەلق كوچىغا چىقىپ نەچچە ئون يىل بوغۇلغان مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى بىراقلا پارتلاتتى“. سان پىرانسىسكودا ياشاۋاتقان مەشھۇر ئۆلىما ھەمزە يۈسۈپنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار “ مەن مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەمەس غەرپتە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىسام دەيمەن، چۈنكى غەرپتە ئىجازەت بېرىلگەن مۇسۇلمانلىق يولى مۇسۇلمانلىق يولىغا يېقىنراقتۇر“.

“I would rather to live as a Muslim in the West than in the most of Muslim countries, because the way Muslims are allowed to live in the West is closer to the Muslim way”

سەن ئېنگىلىزچىنى ياخشى بىلىسەن، شۇڭا دېگەنلىرىمگە شۈبھەڭ قالمىسۇن ئۈچۈن ئەسلى مەزمۇننى كۆچۈرۈپ قويدۇم. ھەمزە يۈسۈپ ئەلجەزىرە تېلىزىيەسىدە رىزخان بىلەن قىلغان مۇلاقاتتا يۇقاردا دېگەنلىرىنى مۇنداق نوقتىلاردا ئوچۇقلىدى. بىرى، ئامېرىكىدا ئىنسانلار ئۆزى خالىغان دىنغا، ھىچ بىر چەكلىمە ۋە قۇرقۇنچسىز ئىتىقاد قىلالايدۇ، دىن ھەققدىكى پىكىرلىرنى خالىغانچە ئىپادە قىلالايدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئىتىقادىغا ئالاقىدار پەرقلىق چۈشەنچىلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك غايىپ بولىدۇ ياكى تۇتۇپ كېتىلىدۇ. غەرپنىڭ مۇكەممەل ئەدىلىيە سېستىمىسى ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەدىلىيە سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئىنسان ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ قوغۇدالمايدۇ. ئەگەر ئىنسان ھوقۇقىنى قوغدېماقچى بولسا پارا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ… بۇلار ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىمەن ئەرەبىستانلىق، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى چۈشەنچىلىرىنى مەسجىددە بىر بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلاشقانلىرىنى كۆرگەندە ھەيران قالغانمەن. (چۈنكى ئامېرىكىدا ئىككى ئەرنىڭ ئۇنداق يېقىن پىچىرلىشىشلىرى كىشىگە جىنىسبازلارنى ئەسلىدىتىدۇ، نورمال كىشىلەر سىياسى چۈشەنچىلىرىنى ئۇنداق پىچىرلاپ سۆزلەشمەيدۇ) گەرچە ئۇلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ماڭا نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھۆكۈمدارلىرى قەلبىگە تېرىغان قورقۇنچنى ھىچ يوقۇتالمىغاندەك تۇيۇلدى. بەزى خۇتبىدىكى سۆزلەردىن ئۇلارنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ بىر برىگە قاراپ كەتكەنلىرىنى كۆرگىنىمدە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھ قورقۇنچىنى ئەمەس ئىنسان قورقۇنچىنى موھۈرلىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن. سەن شۇنىڭغا ئىشىنەلمەيسەن بەلكى، مەن نىيويورك كوچىلىرىدا، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە پارتىلىتېۋىتىلگەن قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا ئەر ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ يولدىلا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھىچكىم ھەيرانمۇ قالمىدى. ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى يۇتىيۇبتىنمۇ تاپالايسەن، ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق. يەنە شۇ نيويوركتا بىر بۆلۈك ئامېرىكلىق مۇسۇلمانلار تېرورچىلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ ۋاراقچە تارقاتتى. مۇخبىرغا “ مەن بىن لادىننى ياقتۇرىمەن، ئۇ ئۇلۇق ئىنسان“ دېگەن كۆرۈنۈشلەرنى تېلۋىزوردىن كۆردۈم. پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن مانا شۇ. شۇنىڭغا ئىشەنكى، مەن بۇ يەردە ھىچ قايسى دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلمايۋاتىمەن. پەقەت كۆرگەنلىرىمنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن.

ئەرەبىستاندا ئوقۇشنى قارار قىلغان بولساڭ مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. يۇقارىدا دەپ ئۆتكەندەك جوڭگۇلۇقلار بىلەن ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرى جىق ئورتاق. شۇڭا ئاسان كۆنۈپ كېتىسەن.  قارىغاندا مەسلىھەتنى بۇيرۇق دەپ چۈشۈنۈپ قاپسەن. ئامېرىكىدا ئارمىيەدىن بۆلەك يەردە ئىنساننىڭ مۇرەسسەسىز بۇيرۇق بېرىشى ۋە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنچە ئەرەبىستاندا ئوقۇشۇڭنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوقۇشۇمنى ئىنكار قىلىشىڭنىڭ ھىچ زۆرۈرىيىتى يوق.  ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ مەن تۇرۇۋاتقان ئامېرىكنى ”شەيتان“ غا چىقىرىشتىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاشلاردىن باشقالارنى قايىل قىلغۇدەك ئاساسىڭنىڭ بارلىقىغىمۇ گۇمانىم بار.

ئەگەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ، شەيتاننىڭ نېمىلىكىنى ماڭا قايىل قىلارلىق دەپ بېرەلىسەڭ سېنىڭ قويغان ”ساقىلىڭ“ غا ھۆرمەت قىلىپ، سۆزۈڭنى خاتا بولسۇن توغرا بولسۇن داۋاملىق ئاخرىغىچە تىڭشايمەن.

«[Gulan]ئامېرىكا ”شەيتان“مۇ؟»نىڭ 6 ئويلىغانلىرى بار

  1. نىمە دىسەم بۇلا،جىق گېپىم بار ئىدى…مەنمۇ ئەرەب دۆلىتىدە ئوقۇۋاتىمەن،مۇشۇ يەردىمۇ كۆرگەن،ئاڭلىغان،ئويلىغانلىرىمىزنى،،،،ئىچىمىزگە يۈتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بۇلىۋاتىمىز،يەنە..نۇرغۇن..نۇرغۇن ئىشلار بار….ياۋرۇپاغا كېتەي دىسەم ئاندىن تەغ..ۋەتەنگە كىتەي دىسەم يەنە بارلىق ئىشنى قايتا باشلاشقا توغرا كېلىدۇ…يەر قاتتىق،ئاسمان يىراق..روھىمىزنىڭ قات-قاتلىرىغا سىڭىپ،تامغىدەك ئورناپ كەتكەن‹‹بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ›› دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ ېلىۋاتىمەن…..
    خۇلاسە:مەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەرەب دۆلىتىگە چىقماي تۇۇرپ بۇ ي

  2. بۇ يەردىكى ئىشلار ئۈستىدە مۇلازە ۋە تالاش -تارتىش قىلماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ۋەتەندىكى مۇنبەرلەردە مۇلازە چىگرا ئاتلاپ كېتىكەن،تالاش-تارتىش بۇلۇپ مەچھۈم دۇنيادا جەڭ قىلىپ قىرغىن قىلىشىدىكەن،بەشقىلار سىلەر نادانلارنى كۈرۈپ قىرلىق ئىستاكاندا مەي ئىچىكەن…سىلەرگە دىسەم،ۋەتەندە تۇرۇپ چىگرا سىرتىدكى قانۇن،سىياسەت،بەزەن شەخىسلەرگە سىلەر باھا بىرەلمەيسىلەر،بەرگىدەك بىلىم ۋە سالاھييەتمۇ يوق.يىراقتىكى ئىشلار ئۈچۈن جەڭ-جېدەل قىلماي،كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۈلىڭلار..

  3. نەزەرى ئاداش ،ئىنكاسىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ جۇما،مەن باشقا مۇنبەردە بەك كۆپ كۈرىمەن..گۈلەن ئاكىمىزنى تېمىسىنى باشقىلار بەك كۈرۈدۇ،شۇڭا مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم،باشقىچە مەقسىتىم يوق،دىمەكچى بولغۇنۇم ۋەتەن سىرتىدىكى ئىشلارنى ئانازىل قىلىش بەك مۇرەكەپ مەسلە،مۇشۇ ئىشنى دەپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىكەن…شۇڭا ماندالا بىلىپ قالسا بولدى،باشقىلار بىر بىلەن بىر نىمە يېزىپ قويسا 2 تەرەپ بۇلۇپ كەسكىن مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىكەن…بىزنىڭ تەرەپكىمۇ ماندا ئۈتۈپ قۇيىلى ھى ھى

    1. ئۇنداق ئەمەس.
      سىزنىڭ گەپ سۆزلىرىڭىزدىن، ئىشلىرىڭىزدىن بىزگە زىيان يېتىدۇ دەپ قارىغان نوقتا يوق، شۇڭا سىزنىڭ بىزگە ياخشى بولسۇن دېگەن ئاڭدا سۆزلەۋاتقانلىقىڭىزدىن، ھەم يېزىۋاتقانلىقىڭىزدىن خەۋىرىم بار.
      بىزگە نىسبەتەن سىلەر بەكراق چۈشىنىسىلەر. ھازىر سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارغا قاراپ، ھە شۇنداق ئوخشايدۇ دەيمىز. شۇ

  4. راس دەيسىز ئاكا، «ھاۋا ئارمىيە 1-نۇمۇر»دىگەن كىنودا زۇڭتۇڭنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار:« بىزدىكى كىشلىك ھوقوققا ھەممە ھەۋەس قىلىدۇ. ۋە ھەسەت قىلىدۇ.» دېمىسىمۇ ئوبامانىڭ ئەلبېشى بۇلىشى نۇرغۇنلىغان «ئاتالمىش رەزىل ئامرىكا» قارىشىغا بىر پەشۋا بېرىش بىلەن بىللە «يالغانچى»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: