[Gulan]ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟

مەرھۇم ئا. مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرغا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىنىلەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلېۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ”مىللەتلىك دەرىجىسى“ نى بېكىتكەن، “ ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىققان، توردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ماقالە نۇتۇقلىرىدا نەقىل قىلىنغان(ئە. سىدىق)، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقدىندۇر.
ئاپتۇر ماقالىسىنى ”مىلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ”پال“ ئاچىدىغان مىزان – ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىدۇر دەپ باشلايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالىدە ئۇنېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكى، قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، نېمىشقا مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ”پال“ ئاچالايدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ نېمە دېمەيدۇ. پەقەت “ بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەمىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى…“ دېگەن بايانلىرىدىن، بىر مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئائىلە-جەمئىيەت ئەھۋالى، مەنىۋىي-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ھالبۇكى بۇ بايانلار بىزگە ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئالىنغان ”ئىقتىدار ھالىتى، سۈپەت ئىقتىدارى، ئىجادىيەت كۈچى“ دېگەن ئۇقۇملارنىڭ زادى نېمىنى كۆرستىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن باشقىسى ئەمەس ئاشۇلارلا شۇنداق رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتۇلىدىغان. مانچە ماقالىنىڭ كىرىش قىسمى مۇنداق يېزىلسا بولاتتى. 1. ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟ ئۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى بۇ ئۆلچەمدە باھالىغاندا قانداق نەتىجە چىقىشى مۇمكىن؟ دۇنيادىكى قايسى مىللەتلەر بۇ خىل ئۆلچەم بويىچە باھالانغان، نەتىجىسى قانداق بولغان، ئۇيغۇرنى بۇ ئۆلچەمدە باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېمەك، ئاپتۇر ماقالىنىڭ بېشىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوچۇقلاي، پەرەز قىلىش باسقۇچلىرىنى تاماملىمىغان.
ئاپتۇر ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىگە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. ”ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ مەلەك-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.“ بۇ بۆشۈكتىكى چاتاق كىرىش بۆلىكىدىكى مۇجمەللىكنى داۋامىدەك. ئوشتۇتۇش بىلەن كۆنكىرىتلاشتۇرساق، ئاپتۇرتارازىنى ۋە تارازىنىڭ چىكىتلىرىنى بىزگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ يۈكنى تارتىشقا باشلايدۇ.
مەن ئاپتورنىڭ مىللەتلەرنى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى بويىچە ئايرىش نەزەرىيىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم، نەتىجىدە بۇنداق بىر نەزەرىيىنى تاپالمىدىم. ناۋادا ئاپتورنىڭ يازغانلىرى ئۆزىنىڭ تەلىماتى بولسا بۇنى ئىسپاتلىشى كېرەم ئېدىل، لېكىن ماقالىدە ئىسپاتلاش جەريانى يوق ئىكەن. ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتۇر تىلغا ئالغان ئۇقۇملارنىڭ سىياسىي مىللەت(دۆلەت تەۋەلىكى) دېگەن ئوقۇم بىلەن ئېتنىك مىللەت(مەدەنىيەت تەۋەلىكى) دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بۇنى يەشمەك، جوڭگۇ توغرىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنى جۇڭخۇا مىللىتى دېسەك ( خەنزۇچىدا ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلىپ كەلگەن، بۇرۇن پەقەت تەرجىمانلار بۇ سۆزنى كۆپلۈك مەنىسىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى دەپ تەرجىمە قىلغان، ئەمما 2009-يىلدىن كېيىن بۇ تەرجىمە ئۆزگەردى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا كېيىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئالدىنقى تەرجىمىدە ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى، دېمەك يەنىلا ئايرىم مىللەت، كېيىنكى تەرجىمىدە مىللەتنىڭ بىرى يەنى جۇڭخۇا مىللىتى، خەنزۇچە ئەسلى مەنە كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى خەنزۇچە مەنىنى تەرجىمانلار ”جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش“، ”تۆت تونۇش تەربىيىسى“ قاتارلىقلاردىن كېيىن ئاقارغان بولۇشى مۇمكىن)، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مىللەت ئۇقۇمى سىياسىي مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەجدادى، تىلى، مەدەنىيىتى قانداق بولىشىدىن قەتلى نەزەر قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەت بېكىتكەن مىللەتكە تەۋە بولۇش، سىياسىي مىللەتكە تەۋە بولۇش دېگەنلىكتۇر. سىياسىي مىللەتكە تەكىتلىنىدىغان پۇقرانىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ئەمەس دۆلەت تەۋەلىكى (Seton Watson). ئېتنىك مىللەت ئۇقۇمىغا كەلسەك بۇنىڭدا تەكىتلەيدىغىنى كىشىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ( تىل، تارىخ، ئەجداد، مىللىي خاراكتېر، مىللىي ئاڭ ئورتاقلىقى ئاساسىدىكى گەۋدە)، دۆلەت تەۋەلىكى ئەمەس. دېمەك بۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگىنىمىزدە ئېتنىك مىللەت بولغان بولىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى دېگىنىمىزدە سىياسىي مىللەت بولغان بولىمىز. ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدە سىياسىي مىللەت، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئېتنىك مىللەت. جۇڭگودىكى خەنزۇلار ئۆزىنىڭ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ھەم سىياسىي مىللەت ھەم ئېتنىك مىللەت. ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي مىللەت بىلەن ئېتنىك مىللەت بىر ئۇقۇم. ئەمما مالايسىيادىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى خەنزۇلارنىڭ ئېتنىك مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ. خەنزۇ زىيالىيلىرى خېلى بۇرۇنلا بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئېدىل. 2009- يىلدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئايرىلىشى گەۋدەلەندۈرۈلۈشكە باشلىدى. (مەن ”چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈل“ دېگەن تامدا مۇشۇنىڭغا يانداش مەسىلىلەرنى دەپ ئۆتتۈم).
ئاپتورنىڭ ”ئىجتىمائىي مىللەت“ دېگەن ئۇقۇمنى نەدىن تاپقانلىقىنى بىلمىدىم. ماقالىدە بىرمۇ نەقىل يوق. مانچە ئاپتۇر ”ئېتنولوگىيىلىك مىللەت“ دېگەننى ماقالىسىدە تىلغا ئالغاندەك ”تەبىئىى مىللەت“ دەپ چۈشەنگەن بولغاچقا مەزكۇر سۆزنىڭ زىت سۆزى بولغان ئىجتىمائىي مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، ئا. مۇھەممەتئىمىن ماركسىزمچى زىيالىي. ماركىس ”ئادەم بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى“ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي مىللەت (ئېتنولوگىيىلىك مىللەت) دەپ قارىسا ماركسىزمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغانىكەن، ئىنسانلار توپى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئىي مىللەت ئەمەس ئىجتىمائىي مىللەت بولغان بولىدۇ.
ئاپتۇر ئىجتىمائىي مىللەت بىلەن تەبىئىي مىللەتنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، “ ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەن’ ئەقىلىي مەدەنىيەت ئىزچىللىق ۋە بۇ ئۇچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت“. ئاپتورنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى قارىشى باشتىكى قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرنى ئىجتىمائىي مىللەت ئەمەس دېيىشتىكى ئاساسى ”تۈركۈم ئېڭى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز، مەدەنىيەت ئىزچىللىق ئاڭسىز“، لېكىن ھىچ قايسىلا پاكىت كۆرسەتمىگەن. بۇ يەردىكى تۈركۈم ئېڭى دېگەن گەپنى مىللىي ئاڭ دەپ چۈشەنسەك ئاپتورنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئاجىز دېگىنىگە دەلىل تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرىي. ئاپتۇر ھىچ دەلىلسىز شۇنداق دېگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچلۈك. مەن بۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەلىللەشمەك. بىزدەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە موڭغۇللاردا خەنزۇچە ئىسىم قويۇش كوممونىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇملىشىشقا باشلىغان. موڭغۇللارنى جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان ۋۇلەنڧۇ خەنزۇچە ئىسىم قويغان. مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە موڭغۇللارغا دەر بەرگەن، موڭغۇلچە ئوقۇغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە 7،8 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى خەنزۇچە ئېدىل. ئەمما ئۇيغۇردىن مەركەزدە ئەمەل تۇتقانلاردىن خەنزۇچە ئىسمى بار بىرسىمۇ يوق. باشقىسىنى قويۇپ مەدەنىيەت ئىزچىللىقىغا كەلسەك، مەدەنىيەتتىكى ئىزچىللىق ئەسلىدىلا كۆپىنچە ئاڭسىز داۋاملىشىدۇ. ھىچ قايسى مىللەت ئەزالىرى بىر يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزچىللاشتۇرايلى، بۇنى تاشلايلى دەپ مەسلەھەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن، ھىچقايسى ئۇيغۇر سوقا، جۇۋازدىن ئاڭلىق ۋاز كەچمىدى. زامان ئۆزگەرسە مەدەنىيەتتىكى بەزى ساھەلەردە ئىزچىللىق توختايدۇ.
ئاپتورنىڭ سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ دەلىلسىز گەپلەر بولۇپ تەپسىلى رەددىيە ئۈچۈن ئايرىم ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يازمىمىزنىڭ مەقسىدى ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى ئاپتۇر يەھۇدىلارنى سىياسىي مىللەت دېگەن. يەھۇدىلار ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ھەققىدىكى شەرتىگىمۇ توشمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجەكلىرىدىكى يەھۇدىلار شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ. تۈركىيەدە تۈركچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى، ئۆزبەكىستاندا ئۆزبېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى بار. ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئىرقىمۇ بىر بىرگە ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك يەھۇدى، ئاق تەنلىك يەھۇدى…ئەمەلىيەتتە يەھۇدىلارنى بىر مىللەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ئۇلارنىڭ دىنى ۋە شۇ دىنىغا باغلانغان مۇراسىملىرىدۇر. مەلۇم مەنىدە يەھۇدىلار بىر دىنى گورۇپپا، ئىقتىسادى گورۇھتۇر. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يوقالغان يەھۇدى تىلىنى ئۇلار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشتا يات تىل قوللانغان بىلەن چۈشەنمىگەن تەقدىردىمۇ تەۋراتنى يەھۇدى تىلىدا ئوقۇشنى ئىزچىل داۋام قىلغانىكەن.
خۇلاسەم شۇكى، مەزكۇر ماقالە ياخشى نىيەتتە يېزىلغان لېكىن ئىلمىي يېزىلمىغان ماقالىدۇر. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللەتنى ئۈچكە ئايرىش ئۇسۇلىدا تەييار ئىلمىي ئۇقۇملار ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، يوق ئۇقۇملار ياسالغان، دەلىللىرى يېتەرسىز، ھۆكۈملەر ئىسپاتسىز بولۇپ قالغان. ماقالىنىڭ خەتەرلىك يېرى بىلىپ بىلمەي مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىدۇر. ئاپتورنىڭ مىللەتنى ئۈچكە ئايرىپ ئۇيغۇرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قويۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنتىقىسىدۇر. مۇستەملىكىچىكنىڭ تەلىماتى مىللەتلەر بىر بىرىدىن ئىلغار قالاقلىق بويىچە دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت ئەڭ يۇقۇشى دەرىجىگە مەنسۇپ بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە قىلالىغىنى ئۇلارنىڭ ئىلغارلىق بەلگىلىگەن. مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت قالاق دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكە تەقدىرىگە رازى بولشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل تەربىيەنى ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن مۇستەملىكىلەنگۈچىگە سىڭدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ خىل دەرىجە پەرقىنى تەبىئىلىك دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مۇستەملىكىچىككە قارشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەتلەرنى بىرىنجى دۇنيا ئەللىرى، ئىككىنجى دۇنيا ئەللىرى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى دەپ دەرىجىگە ئايرىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى. ھازىر دۇنيادا ئىنساننى ۋە ئىنسانلارنى ھەرقانداق سەۋەپتىن دەرىجىگە تۇرغۇزۇش ئىرقچىلىقتۇر، مۇستەنلىكىچىكتۇر، مەدەنىيەتسىزلىكتۇر.
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ھوسۇللۇق ئالىم، مىھنەتچان تەتقىقاتچى لېكىن ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىگە ئويلانمايلا ئەگىشىشنىڭ تۇغرا ئەمەسلىكى يۇقۇرىدىكى بايانلىرىمىزدىن مەلۇمدۇر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: