ئەڭ ياخشى تورسىز RSS ئوقۇش دېتالىFeedDemon


بۈگۈن مەخسۇس RSS دەپلا يازىدىغان كۈن ئوخشايدۇ. بۇ ماقالىنى ئەسلى «ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەجىربىخانىسى» غا يازغان. كىرەلمىگەچ بۇ يەرگە يوللاپ تۇردۇم.

قارىسام RSS ھەققىدكى يازمىلار بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ. ئۇچۇر ئېلىش دىگەنمۇ تەخىرسىز ئىش، شۇڭا بۇ ماقالىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۋىتەي.

feeddemon ناملىق بۇ دېتالنى مەن ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەلۋەتتە، باشقا ئوقۇغۇچلار(腾讯阅读器,抓虾,周博通阅读器)نىمۇ سىناپ باققان. يۇقارقىلار دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ خەنچە مەزمۇنلارغا قولاي، بىزنىڭ يىزىققا يات. مەن تونۇشتۇرغان بۇ دېتالنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى ئۇيغۇرچىنى ناھايتى چىرايلىق تونۇيدۇ. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە فونت بولسىلا كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشىسەك ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى ھالىتىدىنمۇ كۆركەم، ئوچۇق، راھەت. تور مۇھىتىدىكى ئوقۇغۇچلار تور ئۈزۈلسىلا بۇرۇنقى ماتىريالنىمۇ كۆرۈشكە بولمايدۇ. بۇ دېتال تورسىز مۇھىتتىمۇ بۇرۇنقى بارلىق يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، Google نىڭ RSS مۇلازىمتېرى چەتئەلدە، سۈرىتىمۇ تېز. شۇڭا دۆلەت ئىچىدە ئاستا ئېچىلىدىغان(ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار تورى، جېك بىلوگى، مەرىپەت تورى… قاتارلىق) ياكى ئېچىلمايدىغان بىر قىسىم بىكەتلەر GoogleRader نىڭ مۇلازىمتېرىدا (جۈملىدىن تۆۋەندىكى FeedDemon ۋە Iphoneنۇسخىدىكى MobileRSS  تە) نورمال ئېچىلىدۇ.

بۇ دېتالدىمۇ googlereader ۋە ياكى باشقا ئوقۇغۇچلاردىكى زاكاسلار بىۋاستە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ../1836.html دىكى يازمىلار ../1834.html دىكى يازمىلار ھەممىسى ماس قەدەم ھالەتتە.

خوش، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن. زىيارەتچىلەر http://www.newhua.com/soft/31592.htm دىن چۈشۈرۈپلا قاچىلاپ ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ باققاي. ھەقىقەتەن قولاي بىر ئۇچۇر ۋاستىسى ئىكەنلىكىگە ئىشنىدۇ.

تۆۋەندە يىڭىچىلار ئۈچۈن ئازراق ئىشلىتىش چۈشەنچىسى بىرەي:

1.قاچىلىغاندىن كىيىن تۇنجى قوزغاتقاندا تۆۋەندىكى تاللاش تۈرى چىقىدۇ. بۇ تاللاشتىن رەسىمدىكىدەك تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.

كىيىنكى قەدەمدە ../1836.html دە ئىرىشكەن Googleaccount  نى ۋە پارولىنى كىرگۈزىمىز. بۇ ۋاقىتتا GoogleRaderدىكى بارلىق Feed يازمىلىرى(ئىشلەتكۈچى ئۆزى قوشقان) ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ.

بۇ دېتالنىڭ تېلىنى tools نىڭ ئېچىدىكى options دىگەن تاللاشتىن language نىڭ تاللانمىلىرىدىن ئۆرگەرتىشكە بولىدۇ.

Font نى بولسا tools نىڭ ئېچىدىكى options دىگەن تاللاشتىن Feeddemon—Options دىگەن تاللانمىدىن ئېچىلغان كۆزنەكتىكى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاللاشلاردىن ئۆگەرتىشكە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىمىدىكىسى مىنىڭ ئۈنۈم رەسىمىم. مەنبە قوشۇش ئۈچۈن Subscribe دىن ئېچىلغان كۆزنەككە نىشان تو بەرنىڭ Feed ئادىرسنى يازساقلا بولىدۇ. Feed ئورتاقلىشىش، بەلگە قويۇش، مەنبە تارقىتىش، بىرلەشتۈرۈش، ئۆچۈرۈش …. دىگەندەك ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكۈچى ئاستا-ئاستا ھىس قىلالايدۇ.

بەزى تورداشلار Feed ئادىرسنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەن بولسا كىرەك. ئەمىليەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم تور بەتلەرنىڭ غول، تارماق مۇندەرىجىسىدىلا rssياكى atom,feed دىگەندەك مەخسۇس RSS خاتىرلىنىدىغان ھۆججەت بولىدۇ. شۇنداقلا تور بەتلەردىمۇ ئاشكارە ھالدا RSS تەمىنلىنىدۇ. ئەگەر ئاشكارا ئىلان قىلمىغان بولسا Feed ئادىرس قوشقاندا پەقەت شۇ تور بەت نامىنىلا كىرگۈزۈپ بەرسەك hunt down مۇلازىمتېرلىرى ئارقىلىق ئاپتوماتىك بايقىلىدۇ.
مەسىلەن خالاستان بىلوگىنىڭ ئۆلچەملىك Feed ئادىرسى ../comments/feed لىكىن قوشقۇچىلار ../ نى قوشسىلا يۇقارقى ئادىرىس ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ.
بىلىك كۇلۇبىنىڭ ئۆلچەملىك Feed ئادىرسى http://bbs.bilik.biz/rss.php بىز قوشقاندا bbs.bilik.biz دەپلا قوشۇپ قويساق بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمىئىيتىنىڭ ئۆلچەملىك Feed ئادىرسى http://uyghuracademy.com/?feed=rss2 . ئىشلەتكۈچىلەر http://uyghuracademy.com نىلا قوشۇپ قويسا بولىدۇ . باشقا تور بەتلەرنىڭمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

«ئەڭ ياخشى تورسىز RSS ئوقۇش دېتالىFeedDemon»نىڭ 9 ئويلىغانلىرى بار

  1. rss taminlanmigan torbatlarni koxupmu yingi tima bar yoklikini bil gili bolamdu sal tapsili tohtalgan bolsingiz bop tikan man bu narsini yahturup kal dim yana bir masila man nimixka uygurqa inkas yazal mai man

  2. yama bir sual , torbatlarning rss taminligan yaki taminlimigan liki ni kandak bilimiz , karisam izdinix bilik digan tor bikatlardiki rss adrisini heq tapalmai wa timan awara kilidigan boldum bir yardam kiliwetinga burun bu rss digan narsini taza bilip katmaittim bugun sizning yazmilliringizni ukup yahxi quxan qiga iga boldum uzingiz kizzik turup koygan dikin amdi ahirgiqa bir yardam kiliweting

    1. مەسىلەن مەرىپەت تورى، جېك بىلوگىنى ئادەتتە خالىغان ۋاقىتتا ئاچىقىلى بولمايدۇ، ماۋۇ RSS كە Feed شەكىلدە قوشۇۋالسىڭىز ئۇ بەتلەر بىلەن كارىڭىز بولماي ، ماقالىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرەتت كۆرەلەيسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: