خالاستان بىلوگى داۋاملىق يىڭىلىنىدۇ

يىقىندىن بىرى مىنىڭ ۋاقتىم ئالدىراش ھەم كومپيۇتېر يوق سەۋەبلىك بىلوگىم سەل چۆلدەرەپ قالدى. بۈگۈن مەن نىشانلىغان MacBookProنىمۇ سېتىۋالدىم. خۇداغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، كىيىنكى ئۆگۈنۈش- تەتقىقاتىمغا بىر ياخشى قورال ھەمدەمدە بولىدىغان بولدى.

ھازىر سىستىما قاچىلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. windowsنىڭ قوزغاتقۇچىلرىىنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تونۇدى. macتە بىر نەرسە كۆرسە كۆزگە بەك راھەتكەن. پوچىلىق قىلدى دېيىلىپ قالمىسۇن، مەن بۇرۇنقى Windows ئىشلەتكەن ئۆمرۈمگە ئېچىنىمەن. Mac Os X نىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەنغۇ. ھەي…. تېمىلار داۋاملىق يىڭىلىنىش باسقۇچىغا كىردى. قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى ۋە بىلگەن- بىلمىگەنلىرىنى ئايىماي تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. نەزەرى.

«خالاستان بىلوگى داۋاملىق يىڭىلىنىدۇ»نىڭ 16 ئويلىغانلىرى بار

  1. مۇبارەك بولسۇن نەزەرباي :razz: ، بولسا macنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى تۇيغۇلىرىڭىزنمۇ كۆپرەك تېما قىلىپ يازارسىز ، مەنمۇ تېخى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئالما كومپىيۇتېرى ئالايمۇ ياكى ئادەتتىكى windows قاچىلانغان خاتىرە كومپىيۇتېر ئالايمۇ دەپ بەك ئىككىلىنىپ ، ئاخىرى ھېچنىمە بىلمەيدىغان نائۇستىنىڭ تەكلىپى بويىچە windows قاچىلانغان ئادەتتىكى خاتىرە كومپىيۇتېر سېتىۋالغان ، ھازىر ئالما كومپىيۇتېرى سېىتىۋالمىغانغا بەكلا پۇشايمان قىلىمەن ، ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئالما كومپىيۇتېرى سېتىۋالمىغانلىقىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب ، مەن سىمسىز تور كارتىسى ئىشلىتەتتىم ، شۇ سىمسىز تور كارىسىنى قوزغىتالماي قالسام تورغا چىقالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ بولدى قىلغان ئىدىم . ئەمدى ھازىر ئالغان windows قاچىلانغان كومپىيۇتېرغا MAC نى قاچىلىيالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كىتىۋاتىمەن ، سىز بولسىڭىزمۇ MACنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەچ تۇرۇڭ ، مەنمۇ پات يېقىندا ئامالىنى قىلارمەن . :lol:

  2. 2011.09.21 | 20:54

    يىڭى تورنامى بىلەن يىڭىدىن چوڭ تىپتىكى مەخسۇس كەسپى ئۇسلۇبلار بلوگى قۇرۇلدى، ئۇيغۇر ئۇسلۇبچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزنى قوللاپ بلوگىڭىزغا ۋە توربىكىتىڭىزگە ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.
    بلوگ ئادرىسىمىز: http://uslublar.com
    بلوگ تۇغى: http://uslublar.com/logo.gif

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: