GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر

يىقىندىن بىرى كومپيۇتېر ئالماشتۇرۇش سەۋەبلىك تورغىمۇ تولا چېقىپ بولالمىدىم. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇ رقىرىنداشلارغا ۋاكالىتەن GoogleAdsense ئېلانى ئېلىپ بېرىش ئىشىمۇ توختاپ قالدى. ھازىرقى كۈندە قارىسام ئۆزۈمنىڭمۇ خەنچە – ئېنگىلىزچە بىلوگلىرىم ئېچىلغاندىن بىرى ئېلان كىرىمى ئېشىپ يىقىندا pinنى تاپشۇرۋالسام ئېلان كىرىمىمۇ ئۈلگۈرۈپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەرزان ئېلان ئېلتىماس قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇلانمىغا كىرگەيسىز.../vip يۇقاردا ئېىلىغان ھەر بىر تۈركۈم ئېلانغا پەقەت 20 سوم قوشسىڭىز ۋاكالىتەن Google Adsense نىڭ PIN نومۇرى ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمەن.

您好 !

最近在查看记录时,我们发现您的 AdSense 帐户给我们的 AdWords 广告客户带来了极大的风险。如果让您的帐户继续保留在我们的发布商网络中,可能会使我们的广告客户日后蒙受经济损失,因此我们已决定停用您的帐户。

为了保护我们的广告客户和其他 AdSense 发布商的利益,我们必须采取这一措施,请予以理解。我们知道这可能会给您造成诸多不便,感谢您的理解与合作。

如果您对自己的帐户或我们所采取的措施有任何疑问,请不要回复此电子邮件。您可以访问以下网址了解详情:https://www.google.com/adsense/support/bin/answer.py?answer=57153 。

Google AdSense 小组敬上

يۇقارقى خەتنى بېكەت باشلىقلىرىمىز ھەر بىر قىتىم كۆرسە بىر قىتىم بېشى قايىدۇ. مانا بۇ GoogleAdsense نىڭ بىزدىن ۋىدالىشىش خېتى. قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 99% چارە يوق.

توردا پۇل تېپىپ باي بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر يوق، بىراق بېكەتنىڭ چېقىمىنى كۆتۈرۈپ، بېكەت باشلىقىنى قەدىرئەھۋال بېقىپ كىتىۋاتقان بېكەتلەر كۆپ.تۆۋەندە مەن خالاستان بىلوگىنىڭ يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا ئەرزان باھادا GoogleAdsense ئېلانى ئېلتىماس قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر ئۈچۈن بىر نەچچە تەكلىپ بىرەي. ھەممىسى مىنىڭ كۆزۈتۈشىمدىن ئۆتكەن. ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر مۇشۇ نوقتىلاردىن چېقىش قىلىپ ئېلاننى ئەسلىگە كەلتۈرگەي.

1.GoogleAdsense ئېلانى ھىچقانداق ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدۇ، شۇڭا سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەر بولۇنمايدۇ. بىخەتەر! ئېلاننىڭ توختاپ كېتىشىمۇ مەزمۇندىكى سىياسىيلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەمما باشقا بەتلەردىن مەزمۇن كۆچۈرۈلگەن بولسا، مەنبە بېكەت GoogleAdsense قا كۆچۈرمىكەش بىكەت(GoogleAdsense ئېلانى قويغان بولسا) ئۈستىدىن ئەرز قىلسا ، كۆچۈرمىكەش بېكەت ۋاقتىدا تۈزەتمىسە ئېلان توختايدۇ.

2.ئېلان ئۇدا بىر مەزگىل كۆپ چېكىلسە GoogleAdsense ئېلان قويغۇچىغا خەت يازىدۇ، GoogleAdsense تىكىلەر بۇ ئېلان چەككۈچىنىڭ ئېلان ئېلتىماس قىلغۇچى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشۈرسىلا ئېلان كىرىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئېلان توختىمايدۇ.

3. ئېلان ئ‍ېلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەشغۇلات ئادىتى، كۆپ كىرىدىغان بەتلىرى، ئامراق مەزمۇنلىرى، Cookiesلىرى، ipۋە تارماق NAT ئىغىزلىرى Google تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا مۇقىم ip ئىشلىتىدىغان ئېلان ئېتىلماس قىلغۇچى ئېلانىنى ئۆزى چەكمەسلىكىك كىرەك. ياكى باشقا ipدا بارلىق ئېلان ئۇچۇرىنى تەڭشەپ بولۇپ كودنى قويۇۋېتىپ ئۆزىننىڭ ip سىدا چېكىش كىرەك. ئوخشاش ipدا ئۈسكىنە ئالماشسا، مەشغۇلات سىستىما ئالماشسا يەنە يالغاندىن ئايرىم زىيارەتچى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئۇزۇن داۋاملاشسا مەشغۇلات ئادىتى سەۋەبلىك GoogleAdsense بىلىپ قالىدۇ، ئېلان توختايدۇ.

4.قانداق سەۋەب بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىر بەتتە ئىككى ئېلتىماسچىنىڭ ئېلانى كۆرۈنسە ئېلان توختايدۇ. ئەگەر ئېلتىماسچىنىڭ GoogleAdsense دىكى دەرىجىسى يۇقىرى بولسا ئەسكەرتىش ئ‍ۇچۇرى تاپشۇرۋىلىنىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، دەرىجىسى تۆۋەن بولسا شۇ ھامان توختايدۇ. ئۇيغۇرچە بىكەتلەردىن تېخى GoogleAdsense نىڭ درىجىسى يۇقىرى ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان بېكەت يوق. GoogleAdsense ئېلتىماسچىلىرى ئۆزىنىڭ ئېلانى كۆرلىدىغان بېكەتلەرنى قوشۇپلا قويسا يامان نىيەتلىكلەرنىڭ بىر بەتتە كۆپ ئابونتنىڭ ئېلانى كۆرۈلۈپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.بۇنداق بولغاندا باشقىلار ئېلان كودىغا ئىرىشسىمۇ ئېاننى باشقا بەتلەردە كۆرسىتەلمەيدۇ.

5.بىر بەتتە 3 تىن ئارتۇق رەسىملىك ئېلان، 3 تىن ئارتۇق ئۇلانما ئېلانى ياكى 2 ئىزدەش نەتىجە بېتى ۋە 1 دىن ئارتۇق رەسىملىك ئېلان ياكى 2 دىن ئارتۇق ئۇلانما ئېلانى كۆرۈلسە ئېلان توختايدۇ.

6. ئېلانلارغا چەكتۈرۈش مەقسىتىدە يىتەكلەش ئېلىپ بارسىمۇ ئېلان توختايدۇ.

7. بېكەتكە ئېلان قويۇلۇپ زىيارەتچى بولمىسا ياكى چېكىلمىسە ئېلان توختىمايدۇ. يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ بېكەتكە زىيارەت ئېقىمى پەيدا قىلسا ئېلان توختايدۇ.

8.قىسقا ۋاقىت ئېچىدە چېىكىلىش ئېشىپ كەتسە ئېلان توختايدۇ.

9. ئېلان چېكىلىشى ئىزچىل يۇقىرى بولسا ئېلان توختىمايدۇ، چېكىلىش نىسبىتى بەك ئۆزگىرىشچان بولسا خەتەرلىك.

10. جوڭگودا ئېلتىماس قىلىنغا ئېلاننىڭ چېىكىلىشى پۈتۈنلەي دېگۈدەك باشقا دۆلەتتىن كەلسە ئېلان توختايدۇ.

11. بەتتە زىيارەت يوق، مەلۇم بىر ئېلان تەكرار چېكىلسە، ئوخشاش ۋاقىتتا تاقالسا ئېلان توختايدۇ.

12. ۋاكالەتور (代理服务器 )  دا ئېلان چېكىلسە ئېلان توختايدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى

您的 AdSense 帐户可能因违反合作规范而被停用

谷歌AdSense广告联盟在线标准条款 

بەتلەردىن كۆرۈش مۇمكىن.

تۆۋەندىكىلەر قايتا ئېلان ئېلتىماس قىلغانلار ئۈچۈن ئېلان كىرىمىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر قانچە تەكلىپ:

 

بىرىنچىنىڭ بىرىنچىسى: قايتا ئېلتىماس قىلغان ئېلانغا بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغان ئىسىم (مۇمكىن بولسا، ئېلاج بولمىسا بۇرۇنقىسىمۇ بولىدۇ.GoogleAdsense نىڭ بەلگىلىمىسدە بىر قىېتىم خىالاپلىق قىلىنسا ئۆمۈر بويى قايتا ئېلان تەستىقنلانمايدۇ. لىكىن ئۇلارمۇ دۇنيادا ئوخشاش ئېسىملىك ئادەم بارلىقىنى بىلىدۇ.)، ئادېرىس، ئېلخەت، تېللفون نۇمۇرلىرىنى ئىشلىتىڭ. 

1.ئېلاننى كۆپ قويسا يەككە چېكىلىش قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، خەتەرمۇ بىللە ئاشىدۇ. تەكلىپ: بىر بەتكە 2 رەسىملىك ۋە2 خەتلىك ئ‍ېلان قويۇلسا ، مەزمۇن چەكلەنمەي، ئېلان ئورنى مەزمۇنغا ئورگانىك بىرىكتۈرۋىتىلسە (ئېلان ئورنىنى باشقا كۆزنەكلەر ئارقىلىق يوشۇرۇشقا بولمايدۇ)، ئېلان خەت رەڭگى بەتتىكى مەزمۇن رەڭگى بىلەن پەرقلەنمىسە ئېلان چېكىلىش كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ.

2.يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەر، زامانىۋى تېخنىكىلار، ئۆگىنىش- تەربىيلەش تېپىدىكى بىكەتلەردە كۆرۈلگەن ئېلانلارنىڭ كىرىمى ئادەتتكى بىكەتلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

3.ئېلان مەزمۇنى بىلەن بىكەتتىكى ئاساسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ماس كەلسە ئېلان كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ.خالاستان بىلوگىدىمۇ GoogleAdsense دىكى سىستاتسىتكىدا تەكشۈرۈلۈشچە iPhoneھەققىدىكى ئېلانلارنىڭ چېىكىلىش قېتىمى يۇقىرى ، كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىكەن.

4. ئىزدەش بېتى ۋە RSSتىن كىلدىىغان ئېلان كىرىمى ئاز بولىدۇ، ئاۋارچىلىقى كۆپ ئۈنۈمسىز ئىش.

5.تىل كودى قوشۇش ھەققىدە تالاش-تارتىش كۆپ ، لىكىن نۇرغۇن ئادەم قويۇپ نورمال ئىشلىتىۋاتىدۇ. قايسى تىلنىڭ كودىنى قويۇش ئېلان كىرىمىگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. تېخنىكا خاراكتىرلىك بىكەتلەر خەنچە ياكى ئېنگىلىزچە كود قويسا، ئىجتىمائىي خاراكتىرلىك بېكەتلەر ئەرەبچە كود قوشسا ئۈنۈمى بولىدۇ.

6.بېكەتنىڭ ئىزدەش ماتورلىرىدكى ئورنى يۇقىرى بولسا چېكىلگەن ئېلانلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر بېكەت باشلىقلىرى كامىدا google غا بەكراق چېقىپ درىجىسىنى كۆرۈپ تۇرۇشى كىرەك.

7. ئەڭ مۇھىم ھالقا: بېكەتتە خاسلىققا ئىگە يىڭى مەزمۇنلار كۆپ بولسا كۆرۈلگەن ئېلانلار يۇقىرى كىرىملىك بولىدۇ.

«GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر»نىڭ 9 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    پىنمۇ ئېلىپ بىرىدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قۇيۇپ ياخشى قىپسىز. مەن 10$غا يەتكەندە سىزگە ئۇچۇر قىلاي ماڭىمۇ ئىلتىماس قىلىپ بىرىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: