Apple تەرەپمۇ كۆچۈرمىكەشمۇ؟

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تىخى يېقىندىلا دۇنيادىكى بىرقانچە ئېلىكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان داڭلىق شىركەتلەر ئوتتىرىىدا ئەقلىي مۈلۈك تالىشىش كۆرىشى بوپ كەتتى. بۇنىڭ شامىلى ئالما تەرەپنىڭ ئىككى يۈزگە يېقىن يېڭىلىقلار بار دەپ ئېلان قىلىنغان بەشىنچى ئەۋلاد مەشخۇلات سېستىمىسىغىمۇ يېتىپ قالامدۇ نېمە؟

يېقىندا توردىن بىر يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا دېيىشىچە ئالما تەرەپنىڭ بۇ يېڭى مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى چوڭ يېڭىلىقلىرىدىن بەشى ئېنىقلا چوڭ رەقىبى ئاندروئىد دىن «كۆچۈرگەن»كەن.

Notification Center

ئەسكەرتىش مەركىزى

ئالمىنىڭ يېڭى مەشخۇلات سېتىمىسىدىكى ئەسكەرتىش مەركىزى ئىقتىدارى ئاي ئو ئېس گە نىسبەتەن يېڭىلىق بولغىنى بىلەن ئاندروئىد بۇ ئىقتىدارنى تۆت يىل بۇرۇنلا قوللىنىپ بولغان. ئالما تەرەپ پەقەت يېڭى ئىسىم قوشۇپ قويغان دېيىلىپتۇ.

Twitter and iOS 5

تۋېتتىر (دۇنياغا داڭلىق مىكرو بلوگ)

بۇ ئىقتىدارمۇ ئاندروئىدنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەشىغۇلات سېستىمىسىدىن باشلاپلا ئشىلىتىلىپ بولغانكەن.

Widgets

ۋىجىت (كىچىك قوراللار)

ئاندروئىدنىڭ كىچىك قوللىنىشچان قوراللار ئاتىسى ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق گۇمانلىنشى كەتمەيدۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد سېستىمىسىنىڭ ئەسكەرتىش مەركىزىگە تېخى ئەمدى ئىككىلا ۋىجىت قوللىنىلدى.

Over-the-Air Updates and Wireless Sync

سىمىسىز نەشىر كۆتۈرۈش ۋە ماسقەدەملەش

بۇ ئىقتىدار خېلى يىللاردىن بېرى ئاندروئىد ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ خوش بولىدىغان يېرى ئىكەنمىش.

The Cloud

بۇلۇت مۇلازىمىتى

ئون يىل ئىلگىرىلا گۇگېلنىڭ ئەپلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ھازىرقى ئالمىنىڭ «بۇلۇت»غا ئوخشاشلا بىر مۇلازىمىتىردا ساقلىناتتى ۋە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە بولاتتىكەنتۇق.

شەخسىي كۆزقارىشىم:

مېنىڭچە ئانروئىدنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن بۇنىڭدا يېڭىلىقلار تېز كۆرىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئالما تەرەپنىڭ بولسا ھەم قاتتىق دىتالىنى ھەم يۇمشاق دېتالىنى تەڭ ماسلاشتۇرغانلىقتىن بىرقەدەر مۇقىم بولىشى مۇمكىن. ئاۋامغا نىسبەتەن (باھا پەرقىنى چىقىرىۋەتكەندە) يەنىلا مۇقىم ئىشلەيدىغاننى تاللاش بىرقەدەر مۇۋاپپىق.

ھەممە ئادەم كۈندە «سېستىمىغا ئۇيغۇرچە تونىتىمەن.»،« تورغا چىقسام ھەرپ ئۇلاشمىدى » دەپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ-دە…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: