4كۈن بۇرۇن خالاستان بىلوگى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەقلىق تەرجىمىگە ئويۇشتۇرغان.../2972.html
ئاخشام بارلىق تەرجىمانلار تەرجىمە ئورگنالىنى تولۇق ئورۇنداپ يوللاپ بولدى. بولۇپمۇ مايور، پەرىشتە، رومانتىك قاتارلىقلار 2 كۈن ئارىلاپلا ۋەزىپەنى تاماملاپ بولدى. ئالدى بىلەن مۇشۇ تىرىشچان تەرجىمانلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت! جاپا چەكتىڭلار!
پېلان بويىچە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىش ھەققى تارقىتىلىپ بولۇناتتى. لىكىن رومانتىك، مەزمۇت، سىڭمەس قاتارلىقلار بانكا ھىسابات نومۇرى ياكى يانفون نومۇرىنى قالدۇرمىغاچ ھازىر مايور، پەرىشتە لەرنىڭ ئىش ھەققى تاپشۇرۇلغاندىن سىرىت باشقىلارنىڭ تېخىچە قولۇمدا تۇرۇپ قالدى.
مۇناسىۋەتلىك تەرجىمانلار ۋاقتىدا ماڭا يۇقارقى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەرسە، ئىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار جەزىملەشتۈرۋەتسە. رەھمەت، خالاستان بىلوگى يەنە ھەقلىق تەرجىمە ئىشلىرى بولسا ئاشكارا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىزلەر!
نەزەرباي : مەن ئەسلى تېمىدا ئېيتقان ئىدىم ، مەن تەرجىمە ھەققىنى ئالمايمەن ، لېكىن بلوگىڭىزدىن ئېرىشكەن بىلمنىڭ ھۆرمىتى يۈزسىدىن ھەقسىز تەرجىمە قىلىپ بىرىمەن ، دەپ ئېنىق ئېيتقان ، مېنىڭ دەسلەپتە سىزگە ھېچقانداق ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى قالدۇرماسلىقىم سىزنى «تەرجىمە ھەققىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ »دەپ خىجىل قىلىپ تۇرۇۋالارمىكىن دېگەن ، كېيىن سىزگە تېلېفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشۇم سىز بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى ئورنىتىپ ، ئالما مەھسۇلاتلىرى ۋە بلوگ قۇرۇش ھەققىدە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلمىگە ئىگە بولۇش ئىدى ، سىز ھەتتا چ چ نومۇرىڭىزنىمۇ قالدرۇمىغاچقا سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيتى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن مەن ئېلخېتىڭىزگە يانفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويغان ، لېكىن مەن تەرجىمە ھەققى ئالمايمەن ، دەپ ئېنىق ئېيتىپ تۇرساممۇ تېلېفونۇمغا سۆزلىشىش ھەققى قاچىلاپسىز ، مېنى بەكلا خىجىل قىلىپ قويدىڭىز جۇمۇ . تەرجىمىلىرىم سىزگە ۋە ئىشلىتىدىغانلارغا يارىغانلا بولسا مەن شۇنىڭغا خوشال ، بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ، مېنىڭ يانفونۇمغا ئۇچۇر قىلىۋىتىڭ ، نومۇرۇڭىزنى كىرگۈزىۋالاي . بۇندىن كېيىن ئالاقىلىشىشقا تېخمۇ قولايلق بولۇپ قالار .