nezeri نىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈش

5.1.1 غا چىققاچ تۇرۇڭ! تۈرمىدىن قاچىدۇ

ئالدىنقى تېمىمىزدا Pod2gدېگەن پالۋاننىڭ بىر نەچچە ئۈسكىنە (iPhone, iPad,iPod, iTV,) نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان. لىكىن ئۇلار بىخەتەرلىك ۋە سىغىشىشچانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرغىچە سىناق قىلىۋاتقان ئىدى.

Pod2g تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلارنىڭ كاتتا يىغىنى ئاتالمىش HITB شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەمدە Absinthe Jailbreak for iOS 5.0.1 دېگەن تېمىدا نوتۇق سۆزلەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرمىدىن قېچىشنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل قىچىش تېزىملىكىنى يىڭىلاپتۇ.

تۆۋەندىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ قۇلۇب چۈشۈپ قىلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرمىگەنلەر خالىغانچە كۆتۈرۈپ يىڭى سىستىمىدىن ھوزۇرلانغاچ تۇرسا كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش قورالى ئېلان قىلىنىدۇ.

شۇنداقلا خالاستان بىلوگىمۇ دەرىسلىك تەمىنلەيدۇ.

چۈشەنچە: جەدۋەلنىڭ يۇقارقى قىسمىدىكى ھەممە ئۈسكىنىلەر بۇ قىتىملىق مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشقا ماس كىلىدۇ.

Apple TV 3 ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ. iPad 2 Wifi, R2  ۋە iPad 3 Global لار بولسا ھازىرچە سىناق باسقۇچىدا، قېچىشى مۇمكىن.

Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ

بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم ipad1/2 لەرنىڭ iOS نىڭ 5.0.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى تارقاتقان پارتىزان تېخنىك Pod 2g يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئېچىدە iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بارلىق ئۈسكىنىلەر 5.0.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. iPad 2 ۋە The New iPad شۇنداقلا 5- ئەۋلاد iPhone ئاتالغان iPhone 4s لەر 5.1 دا تۈرمىدىن قاچمايدۇ، باشقا ئۈسكىنىلەر ئالما يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى مەشغۇلات سىستمىسى iOS نىڭ 5.1 ۋە 5.1.1 دا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ.

5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققۇچىلار مەرھەمەت 

شۇنداقلا 5.1 نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى shsh بار شارائىتتا RedSn0w0.9.11b4 ئارقىلىق 5.0.1 غا چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولىدۇ. نەشىر تۆۋەنلىتىش دەرىسلىكى

5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى 

يۇقارقى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا تېخنىكلىرىمىز 5.1.1 غا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا بىز ئۈچۈن 5.1 نىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. نەشىر كۆتۈرۈش ئويىدىكىلەر ئويلىنىپ ئىش كۆرگەي. iPhone 3Gs  نىڭمۇ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشى يوق. 5.1.1 دە يەنە قالدۇرلۇپتۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز كۈتۈش كىرەك بولدى. مۇناسىۋەتلىك تورداشلار خەۋەردار بولغاي.

كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)

كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق(muti-touch) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىگىشىش نوقتىسىنى تونوش ئىقتىدىدارىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ 1982-يىلى كانادا تورونتو ئۇنۋېرسىتىدا كەشىپ قىلىنغان.
win7پۈتكۇل مەشىخۇلات سېستىمىسىدا 100دىن ئارتۇق تېگىش نوقتىسىنى تەڭلا قوللايدىغان قىلىپ تۈزۇلگەن.Android, ios,linuxھازىرچە 4-5 نوختىنى قوللايدۇ .

بارلىق كۆپ نوقتىلىق سىزىش ئۈسكىنىسى تۆت بۆلەكتىن تۇزۇلگەن بولوپ ئىكران سېنزورى(screen sensor) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتتىكى نوقتلىلار(moving points)نى سىزىدۇ،ئىكران كونتروللىغۇچ ۋە قوزغاتقۇچ سېزىلگەن نوقتىلار توپلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا OS(مەشىخۇلات سىستىمىسى)كە يوللاپ بىرىدۇ. OS ھەرىكەتتىكى نوقتىلارغا بەلگىلەنگەن تارماق توپلام (subset)بويىچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. قوللىنىش پروگراممىلىرى ھەرىكەتتىكى سىزىش نوقتىلىرىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ ماس ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

سېزىش ئۈسكىنېلىرىنڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ھۆكۆم قىلىدىغان ئۆلچەملەر سىناق ئۈلۈشى(simpling rate)، تۆت بۇلۇڭنى تاق چېكىش ، بېسىش ۋە تۇتۇش، قوش چىكىش شەيتان نوقتا سىنېقى(ghost point test)قاتارلىقلار بولوپ قايسى چىگىلگەن نوقتا كىمگە تەۋە بولۇشقا ھۆكۆم قىلىش تىخى ھەل قىلىنمىدى.كۆپ نوقتا سېزىمچانلىق ئۇسكىنىلىرىنڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سېستىما كۇتۇلمىگەن ئۇچرىشىش (ئالقاندا تۇتۇش ،بىسىلىش قاتارلىقلار)قا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.

بارماق X ئېلېكترودتىن زەرەت قوبول قىلىپ ئىككى ئېلېكترود تاختىسى ئارىسىدىكى كوندېنساتورنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بارماق تىگىشكەندە ئېلىكتېر مەيدان سىزىقلىرى ئۆزگىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇ ئاساستا  ئۇچۇرتۆت بولەك بويىچە بىرتەرەپ قىلىش تاماملىنىدۇ.

قايسى خىل تىگىشىش ۋاستلىرىنى قوللاش ئېكران سېنزورىنىڭ لايىھلىنىشىگە باغلىق بولوپ بىسىم ئۆزگىرىشچانلىق ،توك ئېقىمى ئۆزگىرىشچانلىق، ۋاقىت كىچىكىشچانلىق ، زەرەت سىغىم ئۆزگىرىشچانلىق،ئوپتىك ئۆزەگىرىشچانلىق،تەسۋىر ئۆزگىرىشچانلىق،كۇچ ئۆزگىرىشچانلىق قاتارلىق تىپلار بار بولوپ ئوخشىمىغان ماركا ۋە مۇھىتتىىكى تېلېفون، كومپيۇتېر، ئويونچوق,POS,ATMقاتارلىقلاردا ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان تىپ قوللىنىلىدۇ.

 

مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى

 مىكروسوفت ھىندىستان ئاساسلىق مائارىپ سېستىمىسىغا ھەقسىز نەشىر تەمىنلەشكە توختاملاشقاندىن كىيىن ئابونىتلار ۋە يوللىغۇچىلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بۇلۇت ھېسابلاش يۇمشاق دىتالىغا ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.شەخسى كومپيۇتېرلارغا قاچىلىنىدىغان قىممەت باھالىق يۇمشاق دېتاللىرنى سېتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان مىكروسوفت گۇگل ۋە باشقىلار  بىلەن بولغان رىقابەتتە تىزسۈرئەتتە ئىشىۋاتقان بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىگە كېڭىيىشكە مەجبۇر بولغان.

 بۇ ئامېرىكا يۇمشاق دىتال پالۋىنى پەيشەنبە live@eduۋە باشقا ھەمكارلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى يەتتە مىليون ستۇدېنت ۋە يىرىم مىليون ئوقۇتقۇچىغا ھىندىستان تېخنىكا مائارىپ ھەيئيتى بىلەن بولغان كېلىشىمگە بىنائەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئيىتقان. مىكروسوفتنىڭ مائارىپتىكى يېڭىلىقى بولغان بۇ ھەقسىز مۇلازېمىتى ئې-خەت،ئىشخانا تور پروگراممىلىرى،شۇئان خەۋەرلىشىش ۋەساقلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بۇلۇت ھىسابلاش ئابونتلارغا نىسبەتەن ئەرزان ھەم ئاددى بولوپ بۇ  يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە باشقۇرغۇچىلارغا سەرىپ قىلىدىغان پۇل ۋە ۋاقىتنى  ساقلاپ قالىدۇ.

  مىكروسوفت ۋە گۇگلدەك ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت چوڭ تارماقلىرى ئۇلارنىڭ باش نىشانى ھىسابلىنىدۇ.

 ئۆتكەن ئيۇلدا مىكروسوفت زور كىرىم مەنبەسى بولغان ئىشىخانا يۇرۇشلۇك يۇمشاق دىتالىنىڭ تور نەشىرىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

مەنبە:

http://news.yahoo.com/microsoft-wins-biggest-cloud-computing-client-174634758.html

Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش

Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسى دېتال.

خالاستان بىلوگى بۇرۇن Cydia  ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېما يوللاپ ئوقۇرمەنلەرگە ساۋات بەرگەن. تېما ../928.html

يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ModMyi ۋە Thebigboss لار بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ داڭلىق Cydia مەنبەلىرى. ئۇلارنىڭ قىستۇرما، ئىقتىدار ياماقلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭىق چىقارغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز.

ئەمما تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىلا Cydia غا ئاپتوماتېك قوشۇلىدىغان مەنبەلەر تۇرۇپمۇ ئۇقۇشماسلىق ياكى قەستەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈرلۈپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى دېتاللارنى قاچىلىغاندا ياماق تېپىلماي نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ModMyi ۋە Thebigboss لار ئۆزلىرىمۇ ماس Cydia  مەنبەسىنى ئېلان قىلغان.

Thebigboss نىڭ مەنبە ئادېرسى http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/

ModMyi نىڭ مەنبەسى  http://modmyi.com/cydia/

ZodTT& Mac Citi نىڭ مەنبەسى http://cydia.zodttd.com/repo/cydia/

لىكىن بۇ مەنبەلەرنى يۇقارقى دەرىسلىكتىكى چارە ئارقىلىق قوشۇشقا سىستىما ھوقۇقى يەتمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار (كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق كىتاب ئۆرۈش)دەك Cydia دىكى Thebigboss نىڭ مەنبەسىدىن دېتال چۈشۈرۈشتە قىينالدى. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندە يۇقارقىىدەك يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەنبەلەرنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

1. ئالدى بىلەن Cydia نىڭ باش بېتىنى ئاچىمىز. بارلىق يىڭى بەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈشنى ساقلايمىز. ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا چۈشۈرۈش ھالىتى يوقىسىلا بولىدۇ.

2. سول تەرەپ يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ More Package Sources دېگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن يىڭى بەت ئېچىلىدۇ.

3. بۇ بەتتىن يۇقاردىكى Thebigboss ،ModMyi، ZodTT& Mac Citi ئۈچ مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى تاللاش مەنبەلىرىنىمۇ تولۇقسىز قوشۇپ دېتال چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش

تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ئارقىلىق APP Store دا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان 200 ھەقلىق ئەپ ۋە نۆۋەتتە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان چۈشۈرلىشى ئەڭ كۆپ 200 ئەپنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز.

قىستۇرما قاچىلاش ئ‍ۈچۈن Cydia غا ModMyi repo نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپلا  AppMosaic دەپ ئىزدەيمىز.

چۈشەندۈرۈلىشى

Close[SWF] - AppMosaic

Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى

ھەممەيلەنگەن ئايان، Mac OS كە XCode قاچىلاشتىن مەقسەت دەل ھازىرقى ئەرمەك بولغان iPhone, iPad,  Mac OS لەرگە قوللىنىلىشچان يۇمشاق دېتال (رىۋايەتلەردىكى ئەپ) يېزىش.

بۇرۇن ئۆزۈم قاچىلىغاندا ئۇنچە قىينالمايلا كىيىنكى قەدەم دەۋېرىپ قاچىلىغان. بۈگۈن بىر بۇرادېرىمنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالغاچ ئۇچرىغان مەسىلىدىن قاچماسلىق ئىيددىيسى بويىچە بۇ مەسىلىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم

XCode نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى MAC OS نىڭ نەشرىگە بىردىن ماس كىلەتتى. ھازىر بىر قىسىم نەشىردىكى XCode نى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى يۇقىرىدىن تۆۋنگە سېغىشىدۇ. يەنى 10.7.2 گە 4.3.1 ياكى 4.2 ماس كىلىۋىرىدۇ. لىكىن ماۋۇ يىڭى 10.7.3 گە چوقۇم 4.3.2 بولىشى كىرەككەن. بۈگۈن بىر كۈن جاپا تارتىپ چۈشۈرگەن 4.3.1 قاچىلانماي ئاخىر APP Store غا تەلمۈرۈشكە توغرا كەلدى. لىكىن بۇ نەرسىنى APP Store دىن چۈشۈرۈپ بولۇشقا بىرەر ھەپتە كىتەرمىكىن…..

تۆۋەن نەشىردىكى XCode  نى يۇقىرى نەشىردىكى Mac OS كە قاچىلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ چىقىمىغان بېكەت قالمىدى. ئېنگىلىزچە بېكەتلەردىمۇ ئىنىق ھەل قىلىش چارىسى يوق ئاخىر خەنچە بىر بېكەتتىن بىر جۈملە تېپىۋالدىم، دەپتۇلەركى، «سىستىمىنىڭ ۋاقتىنى بىر يىل كەينىگە سۈرۈۋىتىپ سىناڭ!» ئاخىردا مۇشۇ گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

مانا ھازىر 10.7.3 دە Xcode نىڭ 4.3.1 نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز

سالام كۆپچىلك!

مەن بۈگۈن كەڭ iPad ئابونتلىرى ئۈچۈن قولنى ئىشلەتمەيمۇ كىتابنىڭ بېتىنى ئۆرۈيدىغان بىر ئېسىل ئەپنى تونۇشتۇراي.

بۇ ئەپ نىڭ نامى MagicReader بولۇپ 2-، 3- ئەۋلاد iPad تە ئىشلەيدۇ. دېتالنى قوزغىتىپلا كىتاب كۆرگەچ باشنى ئوڭ- سولغا تولغىساق ماس يۆنىلىشكە بەت ئۆرۈلىدۇ.

iPad نى بەك يىقىن تۇتۇۋالسىڭىز ياكى مەندەك كۆزەينەك تاقىۋالسىڭىز سىنئالغۇنىڭ ئىنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېنكاسى سەل ئاستا بولۇپ قالىدىكەن.

تۆۋەندە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بار. ئاشۇر يۇلتۇز يانغاندا ئاندىن نورمال توغىرلانغان بولىدۇ.

Open[SWF] - MagicReader
 

چۈشۈرۈش ئادېرسى http://itunes.apple.com/us/app/magicreader/id505117386?mt=8

تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟

يىقىندا  ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرمىدىن قېچىش چوڭ يىغىنى( 第二届全球越狱者大会WWJC) دىكىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمىغانلار ياكى ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن تۈرمىدىن قېچىشنىڭ 100 ئەھمىيىتى توغرىسىدا (100 Reasons to Jailbreak) نامدا بىر قىسقا فىلىم ئېلان قىپتۇ.

قىنى ئەتراپىمىزدىكى تۈرمىدىن قېچىشنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىغانلارنىڭ نەزىرى تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن.

Open[SWF] - تۈرمىدىن