سەھىپە ئارخىپى: APPLE

appleغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا

Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش

تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ئارقىلىق APP Store دا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان 200 ھەقلىق ئەپ ۋە نۆۋەتتە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان چۈشۈرلىشى ئەڭ كۆپ 200 ئەپنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز.

قىستۇرما قاچىلاش ئ‍ۈچۈن Cydia غا ModMyi repo نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپلا  AppMosaic دەپ ئىزدەيمىز.

چۈشەندۈرۈلىشى

Close[SWF] - AppMosaic

قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز

سالام كۆپچىلك!

مەن بۈگۈن كەڭ iPad ئابونتلىرى ئۈچۈن قولنى ئىشلەتمەيمۇ كىتابنىڭ بېتىنى ئۆرۈيدىغان بىر ئېسىل ئەپنى تونۇشتۇراي.

بۇ ئەپ نىڭ نامى MagicReader بولۇپ 2-، 3- ئەۋلاد iPad تە ئىشلەيدۇ. دېتالنى قوزغىتىپلا كىتاب كۆرگەچ باشنى ئوڭ- سولغا تولغىساق ماس يۆنىلىشكە بەت ئۆرۈلىدۇ.

iPad نى بەك يىقىن تۇتۇۋالسىڭىز ياكى مەندەك كۆزەينەك تاقىۋالسىڭىز سىنئالغۇنىڭ ئىنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېنكاسى سەل ئاستا بولۇپ قالىدىكەن.

تۆۋەندە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بار. ئاشۇر يۇلتۇز يانغاندا ئاندىن نورمال توغىرلانغان بولىدۇ.

Open[SWF] - MagicReader
 

چۈشۈرۈش ئادېرسى http://itunes.apple.com/us/app/magicreader/id505117386?mt=8

iOS نىڭ 5.1 نەشىر تۈرمىدىن قېچىشى ئالدىمىزدا

ئالدىنقى ھەپتە خالاستان بىلوگىدا iPhone,iPod Touch,iPad,iTV,iPodلارنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى ئاتالغان iOS نىڭ 5.1 نەشرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى بەرگەنتۇق.

بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلار يىڭى ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

دېيىلىشچە، ھازىرقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولسا Apple نىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بېرىلگەن Apple Devoloper ID نىڭ بىر كىچىك يۇچۇقىدىن پايدىلىنىلغان بولۇپ بۇ خىل چارىنى قوللىنىش ئۈچۈن ھەر بىر تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىدا بىردىن Devoloper ID بولۇشى كىرەك. بۇ خىل ھىسابات نومۇرىنىڭ شەخىسلەر ئۈچۈن يىللىقى 99 $، شىركەتلەر ئۈچۈن 199$. دىيارىمىزدا تېخى قارلۇق شىركىتىلا بۇخىل ھىسابات نومۇرى ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز يەنىلا ئادەتتىكى ئابونتلار ئۈچۈن ئېچىلغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىغا كۈتىمىز. ئ‍گەر بەك زۆرۈرىيەت بولمىسا 5.1 غا كۆتۈرمەي تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە CPU سى A5 تىن تۆۋەن بولغان ئۈسكىنىلەر(يەنى iPhone4s,iPad , The New iPadتىن سىرىت)نىڭ 5.1 نەشىردىكى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چىقتى. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندا قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن بەزى ئىقتىدارلار نورمال ئىشلىتمەسلىكى مۇمكىن. كومىيۇتېر ئارقىلىق يىتەكلىگەندىن كىيىن يەنە ئەسلىگە كىلىدۇ. دەرىسلىكنى بۇ يەردىن كۆرگەيسىز.

يىڭى iPad نىڭ 5.1نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى

تارىختىكى ئىكرانى ئەڭ سۈزۈك تاختا كومپيۇتېر دەپ ئاتالغان يىڭى iPad–خەنچە 全新iPad–ئېنگىلىزچە The New iPad. تۈنۈگۈنكى كۈندە رەسمىي بازارغا كىردى. بۇ ھەقتىكى يازما

مانا بىر كۈن ئۆتۈپلا داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى i0n1c  ئۆزىنىڭ Twitter دا يىڭى iPad نىڭ 5.1 نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىننى ئېلان قىلدى. مەنبە: http://www.weiphone.com/iPad/2012-03-17/i0n1c_confirmed_perfect_jailbreak_the_iOS_5.1_the_new_iPad__421209.shtml

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە بارلىق i جەمەتى ئۈسكىنىلىرىنىڭ بارلىق نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. دەرىسلىكنى ۋاقتىدا يوللاشقا تىرىشىمەن.

يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن

گەرچە خالاستان بىلوگىدا ئالاھىدە تېما يوللانمىغان بولسىمۇ قىرىنداشلىرىمىز باشقا مەنبەلەردىن the new iPad نىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

Retina كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئ‍شلىتىلگەن بۇ iPad نىڭ باشقا سەپلىمىلىرى iPad 2 بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، ئەمما ئ‍چىكى ساقلىغۇچى، كامېراسى 2- ئەۋلادتىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى. ئىكران ئىنىقلىقى iPad 2دىن تۆت ھەسسە يۇقىرى. شۇنداقلا ھازىرقى سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان 4G تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار تېىلىگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن LTE تورى ئارقىلىق 3G  دىن نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولغان تور سۈرىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

the new iPad مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ جوڭگو شىياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا رەسمىي سېتىلىدۇ. شىياڭگاڭدا سېتىلىش باھاسى 3888 شىياڭگاڭ پۇلى. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3164 يۈەنگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم رايۇنلاردىكى the new iPad نىڭ سېتىلىش باھاسىنى قالدۇراي.

تۇنجى تۈركۈمدە 3- ئەۋلاد iPad ھىسابلانغان the new iPad سېتىلىدىغان رايۇنلار: ئامېركا، كانادا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ياپونىيە، شىياڭگاڭ، سىنگاپور ۋە ئاۋېستىرالىيە.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە كىيىنكى تۈركۈمدىكى the new ipad  يەنە 25 دۆلەت، رايۇندا سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاۋمېن بار. ئەمما تەيۋەن ۋە چپوڭ قۇرۇقلۇققا ھازىرچە ئۇچۇر يوق. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە 4-ئايلاردا كىرىشى مۇمكىنكەن. باھاسى ئەلۋەتتە 3888يۈن خەلق پۇلى بولىدۇ.

I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز چۈشىنىمىز. ئاددى تىل بىلەن ئېيىتقاندا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى مەجبۇرى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يىپىق مەشغۇلات سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بىرىلغان بۇنداق بۇزغۇنچىلىق شۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ياراتقان ئىكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتلگەن iPad2 ۋە iPhone 4s تىن باشقا ھەممە ئۈسكىنىلەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چېقىپ، ئارقىدىنلار تارىختىكى ئەڭ ئوبرازلىق تۈرمىدىن قېچىش دېتالى ئېلان قىلىنغان. يەنى ئەڭ مۇكەممەل ھىسابلانغان A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(SamSung ئىشلەپ چىقارغان) نى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان.

ئالدىنقى كۈنى بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسسلەر گۇرۇپپىسى iPhone Dev team ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىر 5.1 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى بەردى. لىكىن بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يەنىلا A5 دىن باشقا CPU ئىشلىتلگەن ئۈسكىنىلەرگىلا كارغا كىلەتتى.

بۈگۈن يەنە تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى I0n1c نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلتىلگەن iPhone 4s ۋە iPad 2 لەرنىڭمۇ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. iPad 2 گە نىسبەتەن تولا قوزغىتىش ئارتۇقچە بولغاچ بۇ خىل ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھەقىقەتەن خوشاللىنىلارلىق ئىش.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىلەرنى كۆرەيلى.

دېمەك، ھازىر Apple نىڭ بازاردىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى چىقتى. تېخىمۇ مۇكەممەل نۇسخىسى ئېلان قىلىنسىلا خالاستان بىلوگى ۋاقتىدا ئاۋامغا ياڭرىتىدۇ.

دىققەت! ئۈسكىنە نەشرىنى 5.0.1 غا كۆتۈرۋىلىڭ

مەلۇملۇق، ھازىر iOSنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى 5.0.1 . بىراق بڭ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قاچمىقى بەسى مۈشكۈلگە توختىدى. بۇنىڭدىن كىيىنكى نەشىر بولسا 5.1. بۇ نەشىرنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇكى ئاسانلاشمايدۇ. Apple نىڭ خەۋەرلىرىدىن پەرەز قىلىشىمىزچە يىقىندىلا 5.1 نەشىر بولىقى تارقىتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 5.0 ياكى 5.0.1 غا نەشىر چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى بىز ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىۋاتقان SHSH ئارقىلىق نەشىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلى 5.0 دىن كىيىن كارغا كەلمەيدۇ. چۈشۈشكە توغرا كەلسە پەقەت 4.x كە چۈشۈشكە بولىدۇ.

ھازىر A4 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەرنىڭ ھەممە نەشرى، A5مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن (iPhone4s, ipad2) ئۈسكىنىلەرنىڭ قىسمەن نەشرى تۈرمىدىن قاچتى (iPad2 نىڭ 4.3.3).

A5مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن (iPhone4s, ipad2) لەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى تېخىچە پارتىزانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. بىز پەقەت ساقلىيالايمىز.

شۇڭا ھازىر تۆۋەن نەشىرىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.0.1 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۋىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ھىسابلىنىدۇ. بولمىسا كىيىن 5.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىدىن بۇرۇن  iOS5 كە كۆتۈرگەندە يەنە مورافونچە تۈرمىدىن قېچىشنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز.

redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ

خۇددى كۈتكىنىمىزدەك 5.0.1 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى.
دوستلارنىڭ redsn0w 0.9.10 نى چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ۋاقىت قىس دەرسلىكنى يەنە يوللاپ قويىمەن.

iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتلىرىمىز! ئوبدان تۇرۇشۇپلىمۇ؟ نەزەربايمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن پالاقشىپ يۈرۈپ ئازراق تورغا چېقىش پۇرسىتى بولغاچقا باشقىسى بولمسىمۇ ئۇچۇر يوللىغاچ تۇراي.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنىڭ چىقمىقى بەسى مۈشكۈل بولدى. ھەم تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى Appleدىكىلەر دۋاملىق تۈردە ھەرخىل ياماقلارنى چىقىرىپ يوچۇقلارنى ئېتىپ تۇرغاچ پارتىزانلارنىڭ كۈنى تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

Cydia دا نۇرغۇن ياخشى ئەپلەرنى قاچىلاپ كۆنۈپ قالغان ئادەم بىراقلا تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىگە چاپلىشىپ قالسا ھەقىقەتەن قولايسىزلىق ھىس قىلىدىكەن. ھەم ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ تەسكەن.

يىقىندا يەنە بىر داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى Pod2g دىكىلەر iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈلگىنى iPhone4 بولۇپ نۆۋەتتىكى iPod Touch نىڭ ھەممە نەشرى، iPhone نىڭ 4s تىن باشقا نەشرى، iPad1 قاتارلىق ئۈسكىنىلەر مۇكەممەل قاچىدۇ. بۇنى ئېلان قىلىشقا ھەپتە ۋاقىت كەتمەيدۇ.

Apple يىڭىدىن ئىشلەتكەن A5 تىپلىق CPU دىكى قوش نىگىزلىك iPad2, Iphone4s لەرنىڭ لاھىيەسىدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن خاككېرلار تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بولالمىدى. ئەمما ناھايتى ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بىزگە يىقىندا بۇ ئىككى داڭلىق ئۈسكىنىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈشىمىزنى قەيىت قىلدى.

مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقسا خالاستان بىلوگى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكنى ئېلان قىلىدۇ. نەزەرى، شەھرىستان-ئۈرۈمچى، سارايى-ئاق تا يېزىلدى.