تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن ئەپ يىڭىلاشقا iTools,91,iFunbox,ipakct … دېگەندەك دېتاللار يىتەرلىك.
تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ياكى بىخەتەرلىك، توك تىجەش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن ئەپ قاچىلاشتا بىردىنبىر قۇرال دەل iTunes دۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈسكىنىنىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ App Store ئارقىلىق يىڭىلاش. كىيىنكى ئۇسۇلدا ئاۋارچىلىق ئاز، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى WiFi نىڭ ياكى 3G تورىنىڭ سۈپىتى تەرىپىدىن كىتىدىغان ۋاقىت كۆپ . ھەم كۆپ سىغىمدىكى دېتاللارنى يىڭىلاشقا بەزىدە بىرەر كىچىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئەپلەرنىڭ يىڭىلىنىش سۈرىتى بەكلا تېز. بىر نەچچە كۈندىلا نەشىر يىڭىلاپ تۇرىدۇ. ئەگىشىپ App Store نىڭ ئەڭ بۇرجىكىدە 1دىن باشلانغان رەقەملەر كۆپىيىپ ماڭىدۇ.
ئەو يىڭىلاشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل يەنىلا كومپىيۇتېرغا قاچىلانغان iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دېتاللارنى (ئاتالمىش ئەپ) يىڭىلاش.
تەرتىپى تۆۋەندىكچە:
ئۆزىمىزنىڭ apple ID ئارقىلىق iTunes غا كىرىش.
كومپىيۇتېرغا ھوقۇق بېرىش. رەسىمدىكىدەك
ئاندىن iTunes نىڭ ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىدىن 应用程序 تېزىملىكىدىن كومپىيۇتېردىكى ئەپلەرنى كۆرىمىز(بۇ ئەپلەر App Store دىن يۇقاردا كىرگۈزۈلگەن Apple ID ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن بولىشى شەرت).
رەسىمىدىكى ئورۇندىن 检查更新 نى تاللىساقلا iTunes يىڭىلاشنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ.
بىر ئازدىن كىيىن ئېچىلغان كۆزنەكتە يىڭىلاشقا بولىدىغان ئەپلەر تېزىملىكى كۆرۈنىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاللاشتىن كىيىن كۈتسەكلا ئەپ تولۇق يىڭىلىنىپ بولىدۇ.
ئاخىردا i فامىلىلىك ئۈسكىنىمىزنى چېتىپلا ماسقەدەم (同步) قىلىۋەتسەك بولىدۇ.