فولكلور





كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى
تۈزگۈچىلەر: ئالىم ھېمىت (ھىمىت)
ئايگۈل تۇرسۇن
تۈرى: ئىلمىي تەتقىقات، فولكلور، لۇغەت
نەشىر ۋاقتى: 2006
ھۆججەت شەكلى: PDF
بەت سانى: 259
سىغىمى: 13mb
مەزكۇر لۇغەتكە ئىستىمالدا كۆپ قوللىنىلىۋاتقان 1771 ماقال – تەمسىل ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىيانت (ھەرخىل شەكىللىرى) بولۇپ، 2337 ماقال – تەمسىل كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ ماقال – تەمسىللەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلىپ، ئىزدەش – تېپىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان. بۇ كىتاب ئوقۇتقۇچىلار، تەرجىمانلار ۋە ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قورالى بولالايدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: قۇتادغۇبىلىگ ۋە قانۇن
يازغۇچى: يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىي
ۋاقتى: 1993
خەلق نەشرىياتى
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 25m
بەت سانى: 446
قىسقىچە مەزمۇنى:
«بۇ كىتابتا 11 – يۈزيىلدا ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇبىلىگ› ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىكى قانۇن مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب ‹مۇقەددىمە›، يەتتە باب ۋە ‹خاتىمە›دىن دىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى بابتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹قۇتادغۇبىلىگ› قانۇنچىلىق جەھەتتىن تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى بابتا يۈسۈف خاس ھاجىب قەلىمى ئاستىدىكى ‹تۆرۈ› (قانۇن) ۋە ئۇنىڭ دەۋر خاراكتېرلىك مەزمۇنلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بابتا ئىسلام جامائەت قانۇنى…»
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر مومايلارنىڭ رىتسىپلىرى
تۈرى: ماقالىلەردىن تاللانما
مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان
2003 – يىلى 4 – سان
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 3m
بەت سانى 14
مەزكۇر كىتابنى تەمىنلىگەن قۇتلان ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىدا مۇنداق دەيدۇ: كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ نۇرغۇن “خوراپىي” ئىشىلىرىنى ئۇچرىتاتتىم، چوڭ ئانام قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ “خۇراپىي”لىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمىلا بولۇپ قالدى، ئەپسۇس كىچىك چاغلىرىمدىكى مائارىپ ماڭا كونا ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خوراپاتلىق دەپ ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاكى 2003 – يىلىغىچە مىراس ژورنىلىدا ئاشۇ “خوراپاتلىق”لارنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك “خوراپاتلىق”لارنى خاتىرىلەپ قويمىغانلىقىمنى، ھىچ بولمىغاندا ياخشىراق دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەستە ساقلىۋالمىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانىسى ھايات بولغان تەلەيلىك تورداشلارنىڭ مومىلارلا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇنداق “خوراپات”لىقلارغا سەل قارىماسلىقىنى، خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىپ، مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى
ئۇيغۇر فولكلورى
يازغۇچىلار:
ئابدۇكېرىم راخمان
رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا
شېرىپ خۇشتار
ھۆججەت شەكلى: PDF رەڭسىز
ھۆججەت سىغىمى: 28mb
بەت سانى: 286
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۆزلۈك ۋە كىملىك
ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزى ئاسىيا چوڭقورلۇقلىرىغا قاراپ
يازغۇچى: ئەسئەت سۇلايمان
(ئەسەت سۇلايمان)
چىققان ۋاقتى: 2006
ھۆججەت شەكلى: PDF
سىغىمى: 21mb
بەت سانى: 600
چۈشۈرۈش ئورنى »

كىتاب ئىسمى: ئۇيغۇر مازارلىرى
يازغۇچى: دوكتور راھىلە داۋۇت
ھۆججەت شەكلى: PDF (سۈزۈك)
ھۆججەت سىغىمى: 20mb
بۇ كىتاب جۇڭگو مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ياشلار پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو دىنشۇناسلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو فولكلور جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك نەتىجىسىدۇر.
چۈشۈرۈش ئورنى »

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى