بىرھوننىڭ كونا ئۇسلۇبى تارقىتىلدى

پرېستان ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرھوننىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىۋالدۇق. ئەمدى بۇرۇنقى ئۇسلۇبنى باشقىلارغا بەرسەممۇ بولىدۇ. ئۆتكەندە بىرقانچەيلەن سورىغانىدى، ئەپسۇس، كىيگەن شەپكىمىز ئوخشاش بولۇپ قالمىسۇن دەپ بەرمەي قويغانىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمدى ئوخشاش شەپكە كىيىۋالىدىغان بىلوگلار چىقمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈم بىر قوللۇق ئۆزلەشتۈرگەن كونا ئۇسلۇبىمىز Spectrum غا ئەمدى بىرھوندا ئورۇن قالمىدى. «چۈشۈرۈش ئورنى» نى چېكىپ، ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ، چۈشۈرۈڭ ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈڭ.

قاچىلاش ئۇسۇلى: بۇ ئۇسلۇبتا بەت ئايرىغۇچ ۋە سىيرىلما تىزىملىك يوق. بىلىدىغانلار سىيرىلما تىزىملىكنى ئۆزۈڭلار قوشۇۋالساڭلار بولىدۇ، مەن ئۇقمىغاچقا قىستۇرما ئارقىلىق قوشتۇم. ئەگەر قىستۇرما ئارقىلىق قوشىمەن دېسەڭلار، مەن ئۆزلەشتۈرۈپ چىققان DropDownMenu ناملىق قىستۇرمىنىمۇ تەمىنلىدىم. ئەگەر مەن تەمىنلىگەن قىستۇرمىنى ئىشلەتسىڭىز، ھەرگىز يېڭىلىماڭ، قىستۇرمىنى يېڭىلىسىڭىز، مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغان بۆلەكلەر ئۆچۈپ كېتىدۇ.
قىستۇرما قاچىلاش ئۇسۇلى: قىستۇرمىنى wp-admin/wp-content/plugins دېگەن مۇندەرىجىگە يۈكلەپ، ئاندىن يېشىپ، wordpress بىلوگىڭىزنىڭ ئارقا سەھنىسىدىكى «قاچىلانغان قىستۇرمىلار» دىن قوزغاتسىڭىز، «تەڭشەكلەر» دېگەن تۈر ئىچىگە DropDownMenu دېگەن بىر يېڭى تۈر پەيدا بولىدۇ. شۇ يەرگە كىرىپ، قىستۇرمىنىڭ «ئۇسلۇب ياكى باشتېما» دېگەن تاللانمىسىدىن «Pills by Shailan» دېگەن تىزىملىك ئۇسلۇبىنى تاللاڭ. مەن ھەممىنى سىناپ باقتىم، باشقا ئۇسلۇب ماس كەلمەيدىكەن. شۇڭا پەقەت شۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەندىزىسىنىلا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرسىتىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم. «Pills by Shailan» نى تاللاپ بىر قېتىم ساقلىۋەتكەندىن كېيىن، قىستۇرمىنىڭ «template tag» ناملىق تاللانمىسى ئىچىدىكى Menu Type تىن سىز باش سىيرىلما تىزىملىك قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان تىزىملىكنى تاللاڭ. (باش بەت، كىتابلار، قوراللار، باشقىلار… ) دەپ بەتنىڭ پېشانىسىگە چىقىدىغان سەھىپە تىزىملىكىنى دېمەكچىمەن. ئاندىن ئاستىدىكى Alignment دېگەن ئورۇندىن right نى تاللاپ قويۇڭ. ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىز ئىش تامام. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قىلىسىز. ئەگەر ئۇسلۇب قاچىلاشنى ئۇقمىسىڭىز، بۇ يازمىنى ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە توختىتىڭ. بۇ يازمىنىڭ سىزگە ھېچقانداق ياردىمى تەگمەيدۇ.
بەت ئايرىغۇچنى قاچىلاش ئۇسۇلى: بۇنى بىلىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى css كودىنى قوشۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، بىلمەيدىغانلار مەندەك قىستۇرما ئارقىلىق قوشۇڭ. مەن بۇ قىستۇرمىنى تەمىنلىمىدىم، ئەمما قىستۇرما كودىنى ئۇسلۇب كودىدىن ئۆچۈرۈۋەتمىدىم. شۇڭا بىلوگىڭلاردىكى «قىستۇرمىلار» نىڭ ئىچىدىكى قىستۇرما قوشۇش ئورنىدىن wp-pagenavi دېگەن قىستۇرمىنى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىساڭلارلا نورمال ئىشلەيدۇ.
توربەت تۇغى: ئۆزلەشتۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەن تۇغ تەگلىكىنىمۇ تەمىنلىدىم، شۇنى ئۆزىڭىز خالىغانچە لايىھەلەپ، ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىكى images دېگەن قىسقۇچقا چىقىرىپ، ئەسلىدىكىنى يۇيۇۋەتسىڭىزلا توربەت تۇغى ئالمىشىدۇ. ياكى ئۇستىلار پوتوشوپتا ئۆزۈڭلار لايىھەلىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئۇسلۇبتىكى ئېلان كودىنى ئۆزگەرتىش: ئۇسلۇبنىڭ single.php, archive.php ۋە search.php قاتارلىق ھۆججەتلىرىدە ئېلان كودى بار. ئېلان چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، ئېلان كودىنىڭ ئۆز ئېلانىڭىزغا ئالماشتۇرۇۋېلىڭ. ئەگەر ئېلانلارنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، archive.php ۋە search.php دېكى ئېلانلارنى ئۆچۈرمەڭ. ئۇ ئېلانلار پەقەت 15px ئېگىزلىكتىكى بىر قۇر خەت. ئورنىغا باشقا خەت يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن ئۇسلۇبنىڭ ئىزدەش بېتىدىكى «ئىزدەش نەتىجىسى» دېگەن خەت بىلەن يازما تېمىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى بىردەكلەشتۈرۈپ گۈزەللەشتۈرگەنىدىم. ئەسلى ئۇسلۇبتا يازما تېمىسى تەگلىكسىز، ناھايىتى سەت چىقاتتى. بىردەكلەشتۈرگەندىن كېيىن «ئىزدەش نەتىجىسى» بىلەن ئىزدېگەندە تېپىلغان بىرىنچى يازمىنىڭ تېمىسى جۈپلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا ئارىلىقىغا بىر قۇر خەت قىستۇرۇش كېرەك ئىكەن. شۇڭا گۇگولنىڭ بىر قۇر خەتلىك ئېلانىنى قىستۇردۇم. گۇگول ياكى باشقا ئېلان شىركەتلىرىدە ھېساباتىڭىز بولسا، ئوخشاش كەڭلىكتىكى ئېلانغا ئالماشتۇرۇۋېلىڭ. single.php دېكى ئېلاننى خاتىرجەم ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۆچۈرمىسىڭىزمۇ، ئەلۋەتتە، كۆزگە تاقاشقۇدەك يەردە ئەمەس… ھەقىچان تاپالماي كېتىسىز، نەدە ئېلان باردۇر دەپ….
ئۇسلۇب نامى: spectrum
يازغۇچى: ئىگناسىيو رىكسىي (ئارگېنتىنا)
ئۆزلەشتۈرگۈچى: مەن
ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىش ئورنى
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش
سىيرىلما تىزىملىك قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈش
تۇغ تەگلىكى

بۇ يازمىدا 6 ئىنكاس بار

  1. زۇلھەججە نىڭ سۆزى:

    ياخشى كىتابلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۋاتىسىلەر،رەھمەت سىلەرگە…كىتابلارنىڭ تۈرلىرىنى كۈپەيتىپ تۇرغان بولساڭلار ياخشى بۇلاتتى.

  2. بىر ھۇن ئەپەندى بىكىتىڭىزدىكى گوگۇل ئېلانلىرىدا ئىنجىلنىڭ تەشۋىقاتى كۆرۈلگىلى تۇرۇپتۇ … چەكلەپ قوياسىز .

  3. نەۋرۇز بايرىمىڭىزغا مۇباەك بولسۇن !
    باھا تەستىقلاش كودى ماڭا ياراپ قالدى بولسا مۇشۇ تېخنىكىنى بىر ئۈگىتىپ قويغان بولسىڭىز مىننەتتار بولغان بولاتتىم

  4. تۇغ نىڭ سۆزى:

    رەھمەت

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرھون بۇرادەر، نەۋرۇز بايرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بايراملىق يوقلاپ كىلىپ قارىسام ، بۇ يەردە ئۇسلۇب گىپى بولىۋىتىپتۇ ، مۇمكىن بولسا ماڭا بىر نۇسخا بەرگەن بولسىڭىز
    ئىلخەت: one_love85@126.com

    • birhon نىڭ سۆزى:

      رەھمەت، بىرگە بولسۇن! ئۇسلۇب تەمىنلەندى، بەھۇزۇر ئىشلەتكەيسىز.

«بىرھوننىڭ كونا ئۇسلۇبى تارقىتىلدى»گە ئىنكاس يېزىڭ

=0+8

بىرھوندىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى