شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى---يانبىلوگ
-
ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى---يانبىلوگ
ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 8526 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرى ئۈچۈن مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ قاتارلىق يېڭى شەيئىلەر ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى، ئۆزگىچە تەپەككۇرلىرى، ئىلغار ئىدىيەلىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلدى.ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىلگىرى مونوپۇل ھالەتتىكى نەشرىياتچىلىق ۋە مەتبۇئاتچىلىق ھازىر زور دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ئىنتېرنېتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ، مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ قاتارلىقلار بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، ئانا تىلنىڭ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم قەلەمكەشلەرگە ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت تەمىنلىدى.مەيلى مۇنبەر بولسۇن، بىلوگ بولسۇن ياكى مىكروبىلوگ بولسۇن ھەممىسى ئاۋۋال چەتئەللەردە ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئاندىن دۆلىتىمىزدە خەنزۇچە ئومۇملىشىپ، ئەڭ ئاخىرى ئانا تىلىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا شۇ شەيئىلەر بارلىققا كېلىپ ئانا تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېچىكىپ كېلىش، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ۋاقتىدا پايدىلىنىشىمىزغا بەلگىلىك توسالغۇ بولۇشتەك قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد ئىدى.كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەقلىيلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا كۈنسېرى سىڭىپ كىرىپ، ئەقلىي يانفون، ھەر خىل تاختا كومپيۇتېر، پەدلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى كۈنسېرى مۇھىملىشىپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى مۇنبەر بولسۇن ياكى بىلوگ بولسۇن ئانا تىلىمىزدىكى نەشرلىرىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈلمەسلىكى ياكى بەلگىلىك تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ئانا تىل-يېزىققا ئۆزلەشتۈرۈشتە ياخشى ئۆزلەشتۈرۈلمەسلىك، ياخشى ئەلالاشتۇرۇلماسلىقتەك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، بىز مۇنبەر، بىلوگ قاتارلىقلارنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ھوزۇرىدىن مەھرۇم قالدۇق.كېيىن ئۈندىدار ئومۇملىشىپ، ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ، بىر قىسىم ئۆزتاراتقۇلارنىڭ تېزدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئۆز تەپەككۇر مېۋىلىرىنى ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىشىگە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈندىدارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ياخشى قوللىماسلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ يوللاشقا مەجبۇرى بولدۇق. كېيىن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىستېما نەشرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەردە ئۇيغۇر يېزىقى نىسپىي نورمال كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم سۈپەتسىز ئۈسكۈنىلەردە يەنە نورمال كۆرۈنمەسلىك سەۋەبىدىن بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللىغاندا ئاز بىر قىسىم كىشىلەر پايدىلىنالايدىغان، ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يانفونلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقى نورمال چىقماسلىق، ئۈزۈك چىقىۋېلىش سەۋەبلىك پايدىلىنالماسلىق ئەھۋالى ئېغىر بولدى.يازمىنى رەسىم شەكلىدە يوللىغاندا گەرچە ۋاقىتلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولغان بىلەن، ئەمما ئانا تىل-يېزىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلام تەرەققىياتى، مەۋجۇدلۇقى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يازمىنى رەسىم شەكلىدە يوللاش بىز ئۈچۈن قەتئىي پايدىسىز.بۇنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكى:ئالدى بىلەن، يانفون ئابونتچىلىرىنىڭ يانفون ئېقىمىنىڭ زور دەرىجىدە خورىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى رەسىمنىڭ ئېقىم سەرپ قىلىش نىسبىتى يېزىققا قارىغاندا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنى زور دەرىجىدە ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئۈندىداردا داۋاملىق رەسىملىك يازمىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، يانفون ئىشلەتكۈچىلەر كۆپلەپ تور ئېقىمى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ شۇڭا رەسىملىك يازما يوللاش يالغۇز يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنى زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىتىشتىن سىرت يەنە ئانا تىل-يېزىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا پايدىسىز.ئۇنىڭدىن قالسا، مەزمۇننى ئۈندىدار رەسىم شەكلىدە يوللىغاندا، رەسىملىك مەزمۇننى ئىزدەش ماتورلىرى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يازمىنىڭ تەكرار پايدىلىنىش قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنداق دېسەك، بەلكىم بەزىلەر ھازىر بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللىسىمۇ بولىدۇ، ھازىرقى يانفونلاردا نورمال كۆرۈنىۋېرىدۇ دېيىشى مۇمكىن. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىرىنچىدىن، سىز پەقەت ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىلا كۆزدە تۇتۇپ، ئومۇمىيلىققا سەل قارىسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تېخى ئۇ دەرىجىدە يۇقىرى سەپلىمىلىك، يۇقىرى سىستېما نەشرىگە ئىگە يانفون سېتىۋېلىپ بولالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئەگەر سىز مەزمۇننى ئۈندىدارنىڭ ماتېرىيال ئامبىرىغا يېزىق شەكلىدە يوللاپ ھەمبەھرلەنسىڭىز، بۇ ئۇچۇر پەقەت تېڭشۈن سىستېمىسىدىلا مەۋجۇد بولىدۇ، تېڭشۈن يېپىق ئەندىزە قوللانغاچقا، گوگۇل، مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرى تېڭشۈننىڭ يېپىق سىستېمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نادىر يازمىلارنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن ئامبارلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە مەزكۇر يازمىلارنىڭ قايتىدىن پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ ئېىشىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئانا تىل-يېزىقنىڭ تەرەققىياتى، مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان ئالدىن كۆرەر، ئىزدىنىشچان ئەزىمەتلەر قانداق قىلغاندا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىدى.ئىزدەنسەك چوقۇم بىر ئامال چىقىدۇ. چۈنكى سەۋەب قىلساق سېۋەتتە سۇ توختايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. يۇقىرىقىدەك قىيىنچىلىقلار ئىزدىنىشچان ياشلارنىڭ ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى، ئۇلارنى باش ئەگدۈرەلمىدى. ئىزدىنىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىجتىھات قىلىشى، تىرىشچانلىقى ئالدىدا بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى ھەل بولدى.ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن يانبىلوگ (粉博) سىستېمىسى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ پىلانلانغان ھەم شۇ ئىدىيە بويىچە ئېچىپ چىقىلغان بولۇپ، ئىلغار ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى بولۇپ قالغۇسى.ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى بىر يىلدىن بويان ئىزچىل ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇقا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىستېما ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىل ھەم ئىلغارلىقى، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تېخى تولۇق پۈتمەي تۇرۇپمۇ نۇرغۇن قەلەم ساھىبلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.بەلكىم يۇقىرىقىلارنى كۆرىۋېتىپ، سىزنىڭمۇ يانبىلوگ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشكۈڭىز كەلگەندۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىلگىرى مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىدىيەسى بويىچە ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئاندىن خەنزۇ تىلىدا دۆلىتىمىزدە ئومۇملىشىپ، ئاخىرى ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم يانبىلوگ سىستېمىسى ھەققىدىكى ئۇقۇم ئەڭ بالدۇر ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەم ئومۇملاشتۇرۇلغان. شۇڭا بۇ ھەقتە باشقا تىللاردىن ماتېرىيال ئىزدىسىڭىز ماتېرىيال چىقماسلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەنىلا yanbilog ياكى ilqutbiz ئۈندىدار سۇپىسىدىن كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.ئەگەر سىزمۇ ئىجتىھاتلىق قەلەم ساھىبى، ئانا تىل-يېزىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇچى بولسىڭىز، بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش تەرەپدارى بولسىڭىز ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى سىز ئۈچۈنمۇ مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالغۇسى!تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھاياتىمدا ئارمان كۆپ، ئەمما ھەمراھ يوق
2015-05-19 00:31:596586ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتۈپ كەتمەڭ
2015-06-24 10:10:4212324ئاتا-ئانىلارغا خەت: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پە
2015-06-07 14:27:406710جالالىدىن بەھرامنىڭ ھايات قىسسىسىدىن تەسىرات
2015-05-19 00:58:437480ئىشەنچ (ئىناۋەت) دەۋرى ھەققىدە تاقا-تۇقۇ
2015-06-24 10:07:028962بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟
2015-11-25 13:36:2718656ئۇيغۇرلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي
2016-02-11 01:17:348881بىمەنىلىك: شەكلى ئۆزگەرگەن ئىئانە قىلمىشى
2015-05-19 00:22:156345
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-