ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

[كۆچۈرۈلمە] كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى

[كۆچۈرۈلمە] كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى

ۋاقتى: 2016-09-13 ئاۋاتلىقى: 1114 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1–سۆز: ئىككى پائالىيەت ھەققىدە گەپلەر
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئىككى چوڭ ئىش بولدى، بۇنىڭ بىرى، 1-نويابىردىن 5-نويابىرغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى ۋە مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى؛ يەنە بىرى، شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەشكىللىشىدە 15-نويابىردىن 17-نويابىرغىچە شىنجاڭ «كوئېنلون» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ »ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى. بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، كۆلىمى چوڭ، دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، ئىچكى–تاشقى جەھەتتە ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىش ۋە كارخانىچىلارنىڭ ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلاردا رىقابەت ئېڭى، خىرىس ئېڭى ۋە خەۋپ–خەتەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى كارخانىچىلارنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ۋە ئۆز ماركىسىنى باشقىلارغا تونۇتۇشىغا ناھايىتى ياخشى بىر سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن بولسا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى كارخانىچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، كارخانا باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ۋە تۈر تاللاشتا بازارنى توغرا مۆلچەرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بىلىم ۋە يېڭى قاراشلارغا ئىگە قىلدى. شۇنىسى ئېنىقكى، مەيلى «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى بولسۇن ۋە ياكى «شانئال» مۇھاكىمە مۇنبىرى بولسۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەستە نېسىپ بولىدىغان، ئۆگىنىش، كۆزىنى ئېچىش ۋە ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى ھېسابلىناتتى. بىراق، مىللىي كارخانىچىلارنىڭ بۇ ئىككى خاسىيەتلىك ئىشقا تۇتقان سوغۇق پوزىتسىيەسى نۇرغۇن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى.
بىز ئالدى بىلەن «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ ئوخشاشلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: بىرىنچىدىن، بۇ ئىككى پائالىيەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ ئىككىنچىدىن، ھەر ئىككى پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى چوڭ بوشلۇقنى تولدۇردى؛ ئۈچىنچىدىن، ھەر ئىككى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئايال كارخانىچى؛ تۆتىنچىدىن، كۆپ ساندىكى كارخانىچىلار بۇ ئىككى پائالىيەتنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولمىدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى مەخسۇس ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش ۋە مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنى مەملىكەت ئىچى، خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرمەنكە ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەستىقلىغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سەھنە ھېسابلىنىدۇ. «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى يەرمەنكىنى «يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ ۋە يۇقىرى سۈپەتتە ئۆتكۈزۈش»كە كاپالەتلىك قىلىش، «يەرمەنكە ئارقىلىق يەرمەنكىنى بېقىش»قا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن «ئۆيدىكى ھېسابات بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك، يەرمەنكىنىڭ خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ھە دېگەندىلا «سوغۇق شامال»غا دۇچ كېلىپ، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، نەق گەپنى قىلغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تېخى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يەرمەنكىنى قوللاش يۈزىسىدىن ۋە ياكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان مۇشۇنداق بىر ياخشى سەھنىنى ساقلاپ قېلىش نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، يەرمەنكە زالىدىن يايما ئورنى زاكاز قىلىپ، يەرمەنكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشنى خالايدىغان كارخانىچىلار بەكلا ئاز بولدى، بۇنداق ئەھۋالدا يەرمەنكىنى ئۆتكۈزەلمەي قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى.
«ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يەرمەنكە ئۆتكۈزۈشكە ئاز قالغانسېرى يەرمەنكىنىڭ تەقدىرىمۇ ھايات–ماماتلىق تاللاشقا دۇچ كېلىشكە باشلىدى، يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانىچىلارنىڭ بەكلا ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن، بىز ئەينى چاغدا ئېغىر مەبلەغ كىرىزىسىگە دۇچ كەلدۇق. «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسمى جىسمىغا لايىق خەلقئارالىق يەرمەنكىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، يەرمەنكە زالىغا چوڭ سەھنە ياساش، يايما ئورۇنلىرىنى بېزەش، يەرگە سېلىنىدىغان پالاس قاتارلىقلارنى يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش لايىھەلەپ ھەم بېزەپ بېرىدىغان، كارخانىچىلار يەرمەنكە زالىغا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كىرىپ، بىر خىل رەڭ، بىر خىل ئۇسلۇبتا بىر تۇتاش ھەم كۆركەم بېزەلگەن يايما ئورنىغا تىزسىلا بولىدىغان قىلىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كارخانىچىلارنى يايما ئورنى بېزەش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس قىلماقچى بولغانىدۇق، يەرمەنكىگە ئاز قالغاندا زالنىڭ ئىجارە ھەققى، يايما ئورنىنى لايىھەلەش، بېزەش ھەققى، ماتېرىيال ھەققى، سۇ، توك، تازىلىق ھەققى ۋە قوغداش ھەققى قاتارلىق بىر قاتار پۇللار بىزنى خېلىلا قىيناپ قويدى. ئەسلىدىكى پىلاندا يەرمەنكىگە تەخمىنەن 1200 ئەتراپىدا كارخانا قاتنىشىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئۈچ زالىنى ئىجارىگە ئالغانىدۇق. تىزىملاتقان كارخانىلار ئاز بولغاچقا، بىر زالنى قايتۇرۇۋېتىپ، قالغان ئىككى زالنى بېزىدۇق، شۇنداقلا، يەرمەنكىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى تەشكىلىي كومىتېت ئۈستىمىزگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. يەرمەنكىنى چوقۇم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بىز ئەڭ ئاخىرىدا، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ پۇل تۆلەپ يەرمەنكىگە قاتنىشىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، يەرمەنكە زالىنى كارخانىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىشقا مەجبۇر بولدۇق، ئاخىرقى ھېسابتا، تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى 2 مىليون 860 مىڭ يۈەن زىيان تارتىشىم بىلەن، ئۆز قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 500 گە يېقىن كارخانا قاتناشتى. بەش كۈندە، يەرمەنكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان مېھمانلار 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى، يەرمەنكىدە تۈزۈلگەن ئىچكى–تاشقى ھەمكارلىق توختاملىرىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 150 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بىر قىسىم مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار بۇ يەرمەنكىدە قىرغىزىستان، تۈركىيە، قازاقىستان، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن توختام ئىمزالىدى. يەرمەنكىدە نەپكە ئېرىشكەن ھەر بىر كارخانىچىنىڭ چېھرىدە جىلۋە قىلغان رازىمەنلىك كۈلكىسى كۆرگەن ۋە بىزگە ئېيتقان تەشەككۈر سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنمدا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.
شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ روياپقا چىقىش جەريانىمۇ «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلىرىمىزغا بىر قېتىملىق «ئېنېرگىيە توپلاش» پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كارخانىچىلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش، بازار ئېچىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى مۇنبەرمۇ ھە دېگەندىلا مىللىي كارخانىچىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇنداق خەلقئارا سەۋىيەدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەچكە، بۇ مۇنبەرگە «نەزەر قىرى»نى سېلىپمۇ قويمىدى. «شانئال» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل شياڭگاڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن لاڭ شيەنپىڭ، چى جيەنگو قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئىقتىسادشۇناسنى تەكلىپ قىلىپ، مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىتىش ئۈچۈن، 2 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن بولغاچقا، ماتېرىيال ۋە ئۈچ كۈنلۈك تاماق ھەققى ئۈچۈن، مۇنبەرنىڭ بېلىتىنى 3800 يۈەندىن سېتىپ، بۇنىڭدىن كىرگەن پۇل بىلەن مۇنبەر ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن، بىر قىسىم كارخانىچىلار پۇل تۆلىمەي يىغىن زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئايتۇرسۇننىڭ بايىقىدەك «شېرىن خىيال»لارنى سۈرۈشىگىمۇ ئىمكانىيەت بەرمىدى.
ئايتۇرسۇن رۇسۇل مۇنبەر ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى–كەينىدىكى تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت پۇل تېپىش بولماستىن، بەلكى، كارخانىچىلىرىمىزغا نۆۋەتتىكى خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى باشقۇرۇش، بازار ئېچىش ۋە تور سودىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش ئىدى، چۈنكى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر رايوندىكى كارخانىچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، گەرچە، بىز مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى – كەينىدە بەزىبىر قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، مۇنبەرنى يەنىلا ئۆز قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. مۇنبەرگە قاتناشقان نۇرغۇن كارخانىچى بىزگە مۇنبەرنىڭ ياخشى ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، بىراق يەنە نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇ ئىشقا ئىزچىل سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى. مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى مۇنبەر دەل ئاشۇنداق ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز كارخانىچىلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى بىر ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىدى. ئەنە شۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مۇنبەر زالىغا قەدەم باسمىغانلىقى مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ھەم چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى. ئەگەر، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ساپاسى مۇشۇنداق تۆۋەن ھالەتتە كېتىۋەرسە، نۇرغۇن كارخانىلىرىمىز بازار رىقابىتىنىڭ كۈچلۈك بوران – چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارىمىزدىن ئۈن – تىنسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى، بۈگۈنكى ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بىلىمگە، ئۆگىنىشكە مەبلەغ سالمىغان كارخانىلارنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كارخانىچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى زامانغا لايىق، بىلىمگە ھېرىسمەن قىلىپ يېتىشتۈرۈش جەريانىدا بىزگە ئوخشاش كارخانىچى تەربىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قىلىدىغان ئىشلار تېخى نۇرغۇن، ماڭىدىغان مۇساپە تېخى ئۇزۇن ئوخشايدۇ.

2–سۆز: قوللاش ھەم مەسئۇلىيەت ھەققىدە گەپلەر
بۇ ئىككى پائالىيەتتە، نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا شۇنچە كۆپ ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلىدۇ؟! بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ مىللىي كارخانىچىلارغا يەرمەنكە، مۇنبەر دېگەندەك سورۇنلارغا قەدەم تەشرىپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى ۋە ئەھمىيىتى يوقمۇ؟ مېنىڭچە، قوللاشنىڭ كەمچىل بولۇشى، بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ ئوخشاش بىر قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دېسەك ھەرگىز ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.
گەپ قوللاش ئۈستىدە بولۇنغان ئىكەن، ئۇنداقتا، بۇ گەپلارنى سەل ئۇزاقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئىچىدىكى «يېشى» ئەڭ چوڭ كارخانا بۇ يىل «20 ياش»قا كىرىدۇ، دېمەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى 20-باھارنى كۈتۈۋالىدۇ. مانا بۇ 20 يىل مابەينىدە، مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. مىللىي پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDP سى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلمۇ يىل ئېشىپ، بىر پۈتۈن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى «ئاساسىي قوشۇن»غا ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلار 60 مىڭدىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. گەرچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئۆز تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈش باسقۇچىغا ئەمدىلا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىسقا 20 يىلدا سان جەھەتتە ھاسىل بولغان ئۈنۈمى يەنىلا كىشىنى خۇشاللىق ھەم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ. ئۇنداقتا، مىللىي پۇقراۋى ئىگىلىكىمىزدە مۇشۇنداق چوڭ تەرەققىياتنىڭ قولغا كېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كېلىشىدە، دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى مەبلەغ، سىياسەت، باج، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن باشقا يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنى 20 يىلدىن بۇيان، چىن ئەقىدىسى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا مەدەت بەرگەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن قوللىشى بولمىغان بولسا، مىللىي كارخانىلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بولمىغان بولاتتى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار چوقۇم ئۆزلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشى كېرەك. بۇنداق مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئاۋام ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆز بۇرچى ھەم مەسئۇلىيىتىنى قانچىلىك ئادا قىلالىغانلىقىدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. بىز مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، نۇرغۇن كارخانىچىلار ئۆز تىرىشچانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋامنىڭ يۆلىشى ھەم مەدىتى بىلەن خېلى يامان ئەمەس پۇل تېپىۋاتىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ پۇل تېپىش «سەۋىيە»سى ئوخشىشىپ كەتكەن بىلەن، تاپقان پۇلنى قانداق خەجلەشكە كەلگەندە دىتى بىر – بىرىگە ئانچە ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئەل ئىچىدە نامى بار، سەركە كارخانىلار ھازىرغىچە يەنىلا تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭ كويىدىلا يۈرۈپ، ئەل – ئاۋام ئۈچۈن پايدىلىق ئىشتىن بىرەر يېرىمنى قىلىپ قويۇشقا ئېشىنالمايۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم كارخانىچىلار گەرچە قىلىۋاتقان ئىشى ئانچە چوڭ، يانچۇقى ئانچە توم بولمىسمۇ، لېكىن، ئاۋامنىڭ قوللىشىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئاۋام ئۈچۈن مادارىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ھەم ئەلنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ، ھەم ئۆز ماركىسىغا توختىماي ئالتۇن ھەل بېرىۋاتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى كارخانىچىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش زۆرۈركى، كارخانىچىلىرىمىز تېپىۋاتقان پۇللارنىڭ كېلىش مەنبەسىگە نەزەر سالساق، ئۇ پۇللارنىڭ كېلىش سەۋەبى ئىستېمالچىلارنىڭ «ئۆزىمىزنىڭ، ئۆز جايىمىزنىڭ ماركىسى ئىكەنغۇ، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ قوللاپ قويايلى!» دېگەندەك قوللاش ۋە مەدەتلەردىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ، كونىلاردا «قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيار» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا قوللاشنىڭ ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئۆز ئارا بولغىنى، يەنى، «قوش لىنىيە»لىك بولغىنى تۈزۈك!
بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۆز ئارا قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلىرىمىزدىكى ئورتاق ئىللەت دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، بۇنداق ئىللەتنى پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل يەنىلا ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىبارەت. بىر قىسىم باشلامچى كارخانىلار ئەسلىدە ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقان كىچىك كارخانىلارغا ئۈلگە ھەم بايراق بولۇپ، ئاشۇنداق مەخسۇس مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شەرىپىگە ئاتالغان يەرمەنكە، مۇنبەر، مائارىپنى قوللاش، خەير-ساخاۋەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىشى، بۇ ئارقىلىق كارخانىچىلىرىمىزغا ئۆز ھەمكارلىق ۋە قوللاش توغرىسىدا تولىمۇ ئەمەلىي بىر قېتىملىق دەرس ئۆتۈش كېرەك ئىدى. بىراق، بىزنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى شۇكى، بۇ ئىككى كاتتا پائالىيەتتە، بىر قىسىم باشلامچى سەركە كارخانىچىلىرىمىزنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى. ئەسلىدە باشلامچى كارخانىچىلىرىمىز يەرمەنكە، مۇنبەر دېگەنگە ئوخشاش ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي نامايان قىلسا ياخشى بولاتتى، بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ ئادەم كۈچى، مەبلەغ ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بېشىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ۋە كاللىسىنى يېڭىلايدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىلنىڭ ھەم ئەلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشى كېرەك ئىدى، بىراق، ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى دەسلەپ قۇرۇلغاندا، «مىللىي سودا بانكىسى قۇرىمىز، مىللىي سودا سارىيى سالىمىز، مىللىي سودا پۇتبول كۇلۇبى قۇرىمىز» دېگەنگە ئوخشاش ۋەدىلەر بىلەن ئىش باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ئۇيۇشما ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك، مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار ئەمەلىي نەپ ئالغۇدەك بىرەر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتمۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىدى، ئەسلىدە، ئاشۇ يەرمەنكە، مۇنبەر دېگەندەك ئىشلارنى بۇ ئۇيۇشما باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولسا قالتىس ياخشى ئىش بولاتتى.
ئاخىرقى سۆز شۇكى، مۇشۇ ئانا تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەم پۇقراۋى كارخانىنىڭ ھال-كۈنى ياخشىلانغاندىن كېيىن مائارىپقا، يېتىم-يېسىرلارغا، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ساپاسىنى، كىرىمىنى، روھىنى ۋە كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا كۈچ چىقىرىدىغان، ئاۋامغا پايدىلىق، ساۋابلىق ئىشلارنى ئىزدەپ-سوراپ قىلىدىغان يولى بار، چۈنكى، مىللىي پۇقراۋى كارخانىلىرىمىز ئەل ئارىسىدا بىخلاندى، يىلتىز تارتتى ھەم كۆكلىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر مېۋىسىدە ئەلنىڭ تېگىشلىك ئەجرى ھەم نېسىۋىسى بار. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش پۇقراۋى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جەمئىيەت ۋە ئەل-يۇرت ئالدىدا چوقۇم ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك بۇرچى ھەم باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى، ئەلۋەتتە!
—————
ئەسلىي تېما: كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. يازما ئاپتورلىرى: ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، خالىدە ئوبۇل. سۈرەتلەر فوتوگراف جۈمەخۇن تورىدىن ئ‍ېلىندى. ئېلىنغان مەنبە: شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى(http://uyghur.xjass.com). ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى. ئەلپىدا ئۇچۇر تورى مەنزىلى: www.uchur.com، ئۈندىدار ئالاقە: 710609464
—————
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى