ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈن قوزغىغان زىلزىلە: ما يۈن زادى قانچىلىك ئۇتۇق قازانغان؟

ما يۈن قوزغىغان زىلزىلە: ما يۈن زادى قانچىلىك ئۇتۇق قازانغان؟

ۋاقتى: 2016-09-23 ئاۋاتلىقى: 869 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت


يېقىندىن بىرى دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كارخانىچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا پېشۋاسى ما يۈن ھەققىدىكى زىلزىلە خاراكتېرلىك خەۋەرلەر كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:
1. ما يۈن قۇرغان ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتى 2 تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى بولغان تېڭشۈن (ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان QQ ۋە ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ ئىككى مەھسۇلات دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ—ئاپتوردىن) شىركىتىدىن ئېشىپ كەتتى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىلگىرى ئاسىيا قىتئەسىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇش شەرىپىگە پەقەت جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى، ياپونىيە تويوتا شىركىتى، ھىندىستان تاتا شىركىتى قاتارلىقلار نۆۋەتلىشىپ ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ما يۈننىڭ ئەلى بابا گۇرۇھى بۇ شەرەپكە نائىل بولدى.
2. ما يۈننىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيەسى چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ بازار قىممىتى مۆلچەرى 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ھالقىپ، داڭلىق پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى گولدمان ساچس (高盛) گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى (گولدمان ساچس گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتى 71 مىليارد 244 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولماقتا.)
گولدمان ساچس گۇرۇھى 1896-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شۇنداقلا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مەبلەغ بانكىسىدۇر. ئۇنىڭ باش ئورنى نىيۇيوركقا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، توكيو، لوندون ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شياڭگاڭدا شۆبىسىنى قۇرغان. 23 دۆلەتتە 41 ئىش بېجىرىش ئورنى بار.
چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى 2004-يىلى ئەلى چىقىمدانى (ئالىپاي)نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 2014-يىلى 10-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان.
چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەلى چىقىمدانى (ئالىپاي)نىڭ ئانا شىركىتى بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا قىسقىغىنا 3 يىل بولماي تۇرۇپلا، تارىخى 100 نەچچە يىللىق گولدمان ساچس گۇرۇھىدىن ھالقىپ كەتتى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى تېخى IPO قىلىنمىغان (پاي چېكىنى بازارغا سالمىغان) شىركەت بولۇپ، تەھلىلچىلەر بىردەك: «ئەگەر چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى پاي چېكىنى بازارغا سالسا بازار قىممىتى 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ھالقىپ، ئىككىنچى ئەلى بابا بولۇپ قالىدۇ.» دەپ قارىماقتا.
3. ما يۈن 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ۋە كىچىك كارخانىلار ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ما يۈنگە تەكلىپنامىنى بىۋاسىتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن ئەۋەتكەن. بان كىمۇن يەنە ما يۈنگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىزىل تاشلىق پاسپورتىنى تەمىنلىگەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاسپورتى كۆك رەڭلىك ۋە قىزىل رەڭلىك ئىككى خىل بولۇپ، كۆك رەڭلىك پاسپورتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قىزىل تاشلىق پاسپورت مەخسۇس ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەمەلدارلارغىلا تەمىنلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىزىل تاشلىق پاسپورتى ئارقىلىق ھەر قانداق دۆلەتكە توسالغۇسىز كىرىپ-چىققىلى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دېمەك، ما يۈن ھازىر دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كارخانىچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا پېشۋاسىدىن ھالقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەربابى بولۇپ قالدى.
ما يۈننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئەمەلدارلىقى»غا تەكلىپ قىلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھازىر بىزنىڭ ئويلاپ يېتەلەيدىغىنىمىز شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن ما يۈننىڭ ئەلى بابا، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى قاتارلىق بۇ ئىمپېرىيەلىرى دۆلىتىمىزدىن ھالقىپ، دۇنيا سەھنىسىدە مۇستەھكەم پۇت تىرەپ، ما يۈننىڭ دۇنياۋى گىگانت بولۇشىغا ئاساس سېلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ ۋە ئاساس سالىدۇ.
ئەلۋەتتە، ما يۈننىڭ نەتىجىلىرى يالغۇز يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئۇنداق ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى يۇقىرى بازار قىممىتى يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىغان كوزىر مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە ئەلى بۇلۇتى (دۇنيا بويىچە 3-چوڭ بۇلۇت مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بولۇپ، مىكروسوفت بۇلۇتى ۋە ئامازون بۇلۇتىدىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ)، سەينىياۋ ئوبوروتى (菜鸟物流)مۇ ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە دەپ قارالماقتا. تەھلىلچىلەرنىڭ بىردەك پىكىرى شۇكى، ئەلى بۇلۇتى ۋە سەينىياۋ ئوبوروتىمۇ ما يۈننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئىمپېرىيەسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
خوش، يۇقىرىدا ما يۈن ھەققىدە ھەممىمىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر تالاي ئىشلاردىن خەۋەردار بولدۇق. ئۇنداق بولسا، ما يۈن مۇشۇ نەتىجىلەرگە قانداق ئېرىشكەن؟ ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى قانداق بولغان؟ ما يۈن قانداق شارائىتتا، قانداق جاپالىق مۇھىتتا ھازىرقىدەك تەڭداشسىز گىگانىتقا ئايلانغان؟ مانا بۇ سوئاللار ھەممىمىزگە قويۇلغان، ھەممىمىز جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك سوئاللاردۇر.
ما يۈننىڭ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدە ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىن كۆرەرلىكى، ناھايىتى يۇقىرى نۇتۇق قابىلىيىتى، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسىگە بولغان يۇقىرى سەزگۈرلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچە خاسلىقلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دىيارىمىزنىڭ ئىگىلىكى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان جايلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا، ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدا شىركەتلىشىش ئەمدىلەتىن دولقۇن ياساپ، دىيارىمىز كارخانىچىلىقى تارىختا بولۇپ باقمىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
يېقىندا دىيارىمىزدا «ما يۈن ۋە ئىگىلىك تىكلەش (ما يۈەندىن ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش)» ناملىق پىلاستىنكا بازارغا سېلىندى. مەزكۇر پىلاستىنكا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «ما يۈننىڭ بۇ پىلاستىنكىسىنى كۆرگەن بىلەنمۇ ما يۈندەك ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ.» دېگەن سۆزى دىققىتىمنى تارتتى.
بىر داڭلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىنى بىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش بىزنى ھەرگىزمۇ ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتچىگە ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلىشى ناتايىن، چۈنكى نۇرغۇن ئىشلاردا يالغۇز تىرىشچانلىق، جاپاغا چىداش، ئىقتىسادتىن مۇھىم بولغىنى يەنە شارائىت، پۇرسەتمۇ بار. ئەمما بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىن، ئۇنىڭ تەپەككۇر خاسلىقىدىن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن خەۋەردار بولۇش، گەرچە بىزنى شۇ شەخسكە ئوخشاش ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالمىسىمۇ، ئەمما بىز شۇ شەخسنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىن، ئۇنىڭ تەپەككۇر خاسلىقىدىن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ياكى تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ دەۋردە، ئۆزىمىزگە خاس بولغان يېڭىچە ئىدىيەگە ئىگە بولالىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خاس ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى يارىتىپ، ئۆزىمىزگە يارىشا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز قىممىتىمىزنى ئاشۇرالىشىمىز مۇمكىن. يەنى، قايسىدى بىر دانانىڭ ئېيتقىنىدەك «كىتاب ئوقۇسا چوقۇم باي بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما كىتاب ئوقۇمىغان باي بولالمايدۇ.» دېگەندەك.
بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، جەمئىيەتتىكى مەرتىۋىسى، ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئاكتىپ تەسىرى، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ كىشىنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىشى، جاپاغا چىداش روھى، قەتئىي بوشاشماس ئىرادىسى، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرۇپ، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇرسەتنى بايقاش، چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «ما يۈن ۋە ئىگىلىك تىكلەش (ما يۈندىن ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش)» ناملىق پىلاستىنكىنى كۆرۈپ چىقساق، ما يۈنگە ئايلىنالماسلىقىمىز ئېنىق، ئەمما كۈن بويى تېلېۋىزوردىن كۆزىمىزنى ئۈزمەي، ھە دېسىلا بارلىق ۋاقتىمىزنى كورېيەنىڭ تۈگىمەس تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا، «يىپەك يولى ساداسى»غا، «شېرىن چۈش»كە، «يېڭى ناۋا پىروگراممىسى»غا سەرپ قىلىۋەتمەي، ئۇلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا كۆرۈشتىن سىرت، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ۋاقىت ئاجرىتىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بازارغا سېلىنغان «شىركەتنىڭ كۈچى»، «ما يۈن ۋە ئىگىلىك تىكلەش (ما يۈەندىن ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش)» دېگەندەك كەسپىي، سىستېمىلىق پىلاستىنكىلارنى كۆرۈپ قويساق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ھەر خىل كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇپ چىقساق، ئۆزىمىزنىڭ بىلىم جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، تەپەككۇرىمىزنى ئېچىپ، يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قېزىپ چىقالىشىمىز، شۇ ئارقىلىق بىرەر ساھەدە ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشالىشىمىز مۇمكىن. پەقەت بولمىغاندىمۇ، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ياخشىلاپ، ئائىلىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلىشىمىز مۇمكىن.
ھىندىستاننىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى كىرىشنامۇرتى مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا ئىنسان شەخسىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ھەر قانداق ئادەمدە كۆرۈلگەن تېرىقچىلىك ئۆزگىرىشمۇ، دۇنياغا زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ياخشىلىقنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرچانلىقى يامانلىقنىڭكىگە قارىغاندا تېز ۋە ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.»
ما يۈنگە ئوخشاش گىگانىتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىزدە غۇرۇر، ئىرادە پەيدا قىلالىشى مۇمكىن. شۇڭا ۋاقتىمىزنى كۆپرەك بىلىم ئېلىشقا، ئەتراپىمىزدىكى ئۇتۇق قازانغان داڭلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە قارىتىپ، ھازىرقىدەك يۇقىرى دەرىجىدە ئۇچۇرلاشقان، ئىنتېرنېت كۈنسېرى ھاياتىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىۋاتقان دەۋردە، ئۆزىمىزنى تونۇش، ئۆزگىنى تونۇش، ئۆزلۈكىمىزنى نامايەن قىلىش ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز، كەڭ دۇنيا ئالىمىدە ئۆزىمىزنى جۇلالاندۇرۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

مەزكۇر يازمىنى تەييارلىشىمىز ھەرگىزمۇ سىزنى ما يۈندەك بولۇڭ دېيىش ئەمەس، ھەم ئۇنداق بولۇشىڭىزمۇ ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز سىزگە پەقەت ما يۈننىڭ يېقىنقى دۇنيا كىشىلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەت ھاياتىڭىزدا سىزگە ئازتولا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشىگە تۈرتكلىك رول ئويناش ئۈچۈندۇر.

-----------
قىستۇرما:

ئەگەر «شىركەتنىڭ كۈچى» ۋە «ما يۈن ۋە ئىگىلىك تىكلەش (ما يۈندىن ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش)» ناملىق پىلاستىنكىغا قىزىقسىڭىز تاۋباۋ تورىدىن yanbazar ياكى yankitab دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى ئەسلى باھاسى 436 يۈەن بولغان مەزكۇر ئىككى پىلاستىنكىنى يانكىتاب يانبازىرىدا ئېتىۋار باھادا 350 يۈەن باھا بىلەن تەمىنلەيدۇ (يەتكۈزۈش كىرا ھەققى ھەقسىز!)

يانكىتاب سالونىنىڭ ئىزدەش نامى: yankitab

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى