ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«قۇم باسقان دېڭىز» پوۋىستىدىن تەسىرات

«قۇم باسقان دېڭىز» پوۋىستىدىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 7393 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەم يالغۇز قالغاندا ئۇنى غەم باسىدۇ.
—-ج.بەھرام

«قۇم باسقان دېڭىز» ناملىق بۇ پوۋىستلار توپلىمى مەن ئەقلىمنى بىلىپ، ئەمدى چالا ساۋادىمنى چىقىرىۋاتقان مەزگىللەردە، تۇنجى قېتىم قولۇمغا ئېلىپ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى يوغان قىلىپ «قۇم باسقان دېڭىز» دېگەن بۇ سۆزلەرنى كۆرۈپ، بىزنىڭ دەرسلىك كىتابىمىزدىن سىرت يەنە ئوقۇغىلى بولىدىغان كىتاب دېگەننىڭ بارلىقىنى بىلگەن ھەمدە «بۇ قانداق گەپ؟ دېڭىزنىمۇ قۇم باسامدىغاندۇ؟» دېگەن سۇئاللار خىيال ئەينىكىمدىن ئۆتكەن ھەم چوڭ بولسام چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن كىتاب ئىدى. ئەمما نېمىشقىدۇر بۇ كىتابنى ئەمدى ساۋادىم چىقىپ بىر ئىككى جۈملىنى ھەجىلەپ ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ئۆيدە بايقىغاندىن كېيىن، ئودا ئارىلىقتا 10 نەچچە يىل ئۆتكەنگەن قەدەر قايتا تاپالماي، ئىچىمدە بۇ قانداق ئېسىل كىتاب بولغىيدى؟ نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا بىر ئامال قىلىپ ئوقۇپ چۈشىنىۋالمىغان بولىغىيدىم دەپ تولا ھەسرەتلەنگەن ئىدىم.

نېمە ئۈچۈن ھەسرەتلەنگەن دەمسىز؟ چۈنكى كىتابنىڭ ئىسمى  مەندەك شۇ ۋاقىتتىكى بىر سەبىي گۈدەكنى ئۆزىگە ئالاھىدە رام قىلىۋالغان ئىدى. شۇڭا چوڭ بولسام بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن دەيدىغان بىر ئەستەك قەلبىمدە يېلىنجايتتى. ئەمما چوڭ بولغىنىمدا بۇ كىتابنى تاپالمىغىنىمدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولاتتى. قەلبىمدىكى ئاشۇ غۇۋا ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە مەن بۇ كىتابنى ئاڭسىز رەۋىشتە توختاۋسىز ئىزدەيتتىم. ئاخىرى بۇ كىتابنى ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانىدىن تاپقىنىمدا بولسا خوشاللىقىمدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم.


شۇنچە خۇشاللىق ئىچىدە كىتابنى تېپىپ ئارىيەت ئېلىپ قويغىلىمۇ خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا ئىزچىل پۇرسەت بولماي كەلگەن ئىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ «ئالدىراش ئادەمنىڭ ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاخىرى بۇ «قۇم باسقان دېڭىز» ناملىق كىتاب (ئەسلى كىتاب بىر پوۋىست توپلىمى بولۇپ، كىتاب «قۇم باسقان دېڭىز» دېگەن ئىسىم بىلەن قويۇلغان ئىكەن.) نى ئوقۇپ تۈگەتتىم. پوۋىستنى ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. چۈنكى پوۋىست كىشىلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەتچىلىك، شەخسىيەتچىلىك سەۋەبىدىن ئىككى ياشنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىقىدەك ۋەقەلىكنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئىدى.
ئېزىزۇۋ ھاكىم ئۆزىنىڭ ھاكىملىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ قايتا تەربىيەگە قاتناشقان گۈلجەننەتتىن ئىبارەت بۇ ئاجىز قىز (گۈلجەننەتنى ئېزىزۇۋ ھاكىمنىڭ ئوغلى ئەلى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئىككىسى كەلگۈسىدە بىرگە تۇرمۇش قۇرۇشقا پۈتۈشۈپ قويىدۇ.) نىڭ ئىمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈشتەك نەتىجىسىنى ئىمتىھان قەغىزىنى ئاساسەن ئاق تاپشۇرۇپ چىققان ئوغلى ئەلىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئالماشتۇرىۋېتىپ، ئەسلىدىنلا ئالىي مەكتەپكە بېرىشقا تېگىشلىك گۈلجەننەتنىڭ تەقدىرىنى ئاسمان-زېمىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. لېكىن گۈلجەننەت بۇ مۇدھىش تەقدىرنىڭ چاقچىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن (ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولىدۇ.)، يەنىلا ئەلى بىلەن بولغان مۇھەببىتىگە سادىقلىق قىلىپ، يېپىقلىق قازاننى يېپىق ھالىتىدە قويۇپ، يەنىلا خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئەلىنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ھەمدە ئەلى مەكتەپكە ماڭغان ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئودا ھالىدىن كەتكۈچى يۈگىرەيدۇ، مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئوغۇللۇقۇم سەۋەبىدىنمىكىن تاڭ ئەزەلدىن ياش چىقمايدىغان كۆزلىرىم نەمدىلىپ، ئىسسىق بىر ھارارەت يۈزلىرىمنى سىيپاپ سىرغىپ چۈشكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە ھېس قىلىپ يەتتىم. بىر قىزنىڭ شۇنچىلىك قۇربانلىق بېرىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ. قىزنىڭ بۇ خىل جەسۇرلۇقىدىن چەكسىز خۇرسەن بولدۇم ۋە ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ مۇھەببىتىگە شۇ قەدەر سادىق قىزلار ھېلىھەم تېپىلارمۇ؟ دېگەن سۇئاللار كۆڭۈل ئىكرانىمدىن ئۆتتى.
لېكىن ئەلى قانداق قىلىدۇ؟ كېيىن گۈلجەننەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ، يۇرتىدا تۇرۇش مۇمكىن بولماي قېلىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئەلىنىڭ مەكتىپىگە بارغاندا، ئەلى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ گۈلجەننەتكە ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، گۈلجەننەتنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىدۇ، ئاچ قورساق گۈلجەننەتكە بىرەر ۋاق تاماقمۇ ئېلىپ بەرمەيدۇ، چۈنكى ئەلى ئالدىدىكى بۇ سەھرا قىزىنىڭ تۇرقىدىن نۇمۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى بەدەر قاچۇرىدۇ. لېكىن، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ئالدىدىكى سەھرا قىزىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىگە بۇ ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەلى دادىسىنىڭ ئويۇنىدىن تولۇق خەۋەردار، لېكىن ئۇ بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن ۋىجدانىنى يوقاتقان ئىدى. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئەلىدىن ئىبارەت بۇ ئىپلاس ئەگەر يېنىمدا بولىدىغان بولسا چاناپ قىيما قىلىۋەتكەن بولاتتىم دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.


ئەلى يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، گۈلجەننەت بارار جايى يوق كوچىدا لۈكچەكلەرنىڭ قارا كۆڭلىنى رەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن پىچاق يەيدۇ. ھەر ھالدا، بەختكە يارىشا ئىنقىلابىي ئەسكەر قاۋۇل ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچىرىشىغا قارىماي ئۇنى لۈكچەكلەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ياخشى كۈتۈپ داۋالىتىپ ساقايتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەلىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىماي قىممەتلىك گۆھىرىنى نابۇت قىلىپ، قىزلىقىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن قورسىقىدىكى بالىسىغا ئىگە بولۇپ گۈلجەننەتنى بۇ رەھىمسىز رىئاللىقتىن قۇتقۇزىۋالىدۇ. گەرچە قاۋۇل بىر توكۇر، يۈزلىرى جەڭدە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن تىلىپ تاشلانغان تارتۇقلار بىلەن ئادەم قورققۇدەك چىرايدا شۇنداقلا گۈلجەننەتتىن 20 نەچچە ياش چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىكى مەردلىك، ئەرلەرگە خاس جەسۇرلۇق، كۆيۈمچانلىقى بىلەن گۈلجەننەتنىڭ سۇنغان دىلىنى يۇرۇتۇپ، ئۇنى ھاياتقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئىككىسى تەكلىماكان ئېتىكىدىكى بىپايان توغراقلىقتا بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
تەقدىرنىڭ چاقچاق قىلىشى بىلەن، ئەلىنىڭ كېيىن تەكلىماكاننىڭ ئېتىكىدىكى بۇ جىمجىت توغراقلىققا كېلىپ، بۇ يەردە گۈلجەننەت بىلەن قايتا ئۇچىرىشىپ قېلىپ بىر ئوبدان بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ.

بۇ پوۋىست ھازىرقىدەك مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە، ئالدىراش كىشىلەر بىلەن تولغان شاۋقۇن-سۈرەنلىك شەھەر تۇرمۇشىدىن يىراق ھالدا سەھرا جاڭگاللاردىكى بەختلىك تۇرمۇشنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ئادەمنى مۇشۇ مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن خالىي ھالدا جىمجىت تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىستىكىگە ئۈندەيدۇ.
———————————————
خىيال—ھېس قىلالىغۇچىلار، كۆرەلىگۈچىلەر ۋە ياشىيالىغۇچىلار ئۈچۈن بىپايان، ئۆزگىچە بىر دۇنيا. ئۇنىڭدا نە يېنىپ تۇرغان قۇياش، نە ئاي، نە يۇلتۇزلار يوق. بۇ دۇنياغا يۇرۇقلۇق ۋە ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى قۇياش –پەقەت ئىنساننىڭ يۈرىكى، ئۇنى بىنا قىلغۇچى قۇدرەتلىك ئىلاھ–يەنىلا شۇ ئىنساننىڭ يىغا ۋە كۈلكىسى. ئۇ يەردىكى ئۇپقۇنلۇق دەريا ۋە بۇلاق سۇلىرى خۇددى ئادەمنى تۇيدۇرماي مەس قىلىدىغان كۈچلۈك ئىچىملىككە ئوخشىشىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ئازابلىق، ھەسرەتلىك سۇسىز دەشتىدىن چاڭقاپ ئۆلۈۋاتقان ئادەم پەقەت ئەنە شۇ دەريا ۋە بۇلاق سۇلىرى بىلەنلا ۋۇجۇدىغا ھاياتلىق، تەشنا قەلبىگە ئاراملىق تاپىدۇ. نىھايەت، بۇ ئاراملىق–ئىنسان ئەسلىدىكى ئۈمىد قىلغان ئارزۇ ۋە بەختنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئاشۇ سېھىرلىك سۈزۈك سۇلارنىڭ بۇ بەختسىز ئىنساننى ئۆز جىسمىدىكى ئازاب ۋە ھەسرەتنىڭ شېرىن كەيپى بىلەن مەست قىلىشى، خالاس.
مەستلىك—ئىنسان ئېڭىدا بىردەملىك ھۆكۈم سۈرىدىغان بەخت لەززىتى ۋە ئەبەدىي، مۇقەددەس بولۇپ تۇيۇلىدىغان سەلتەنەتلىك شاھلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەقىل ۋە تەپەككۇر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىن ئىبارەت، شۇڭا، بۇ مەستلىكتىكى ئازاب، ھەسرەت، قايغۇ ۋە نادامەتمۇ ئىنسان ئۈچۈن يەنىلا لەززەت ۋە ئارام.
———————————-«قۇم باسقان دېڭىز»
**************************************************
دۇنيادىكى جىمى جانلىقلار ۋۇجۇدىدىكى تىرەن ھېسسىيات ۋە نازۇك تۇيغۇنى پەقەت ئىنسان ئېڭىلا پىشۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزگەن. لېكىن ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىنسانلار بىر-بىرىنىڭ قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى مەڭگۈ چۈشىنىشكە قادىر ئەمەس. قان-قېرىنداشلار تېخىمۇ شۇنداق.
———————————-«قۇم باسقان دېڭىز»

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى