شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ھەمبەھر ئىگىلىكى ئەندىزىسى دېگەن نېمە
-
ھەمبەھر ئىگىلىكى ئەندىزىسى دېگەن نېمە
ۋاقتى: 2016-09-25 ئاۋاتلىقى: 487 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۆزلەشتۈرگۈچى: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتبىز ئەنئەنىۋىي تەپەككۇر قاتلىمىدا جان تالىشىپ تىركىشىۋاتقىنىمىزدا، باشقىلار ئاللىبۇرۇن «ھەمبەھر ئىگىلىك ئىلىمى+»، «ھەسسىلەش ئىلىمى پىرىنسىپى+»، «چوڭ مەلۇمات+»، «كۆچمە ئىنتېرنېت+» تەپەككۇرى بويىچە ئۇزاپ كەتتى.
تەپەككۇر ئەنزىدىسىنى ئۆزگەرتىش ھازىرقى بارلىق كىشىلەر تىرىشىشقا تېگىشلىك يۆنىلىشتۇر.
ئۇنداقتا، ھەمبەھر ئىگىلىكى ئەندىزىسى دېگەن نېمە؟
ئەمەت بىر يانبازار سودىگىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يانبازىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى تولىمۇ ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى ئەلا ئىدى ئىدى. سەمەت ھەمىشە بۇ يانبازاردىن كىتاب ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالاتتى. سەمەت ھەر ئايدا دېگۈدەك ئاساسەن ئەمەتنىڭ يانبازىرىدىن مال سېتىۋالاتتى.
بىر كۈنى ئەمەت تويۇقسىز سەمەتكە:
-سەمەتجان، مېنىڭ ئىسىم ئەمەتجان، بۇ يانبازارنىڭ خوجايىنى بولىمەن. مەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام، يانبازىرىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، باھاسى، بىزنىڭ خېرىدارلارغا قىلغان مۇلازىمەتلىرىمىز قانداقراق؟
دەپ سوراپتۇ.
-ھەممە جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىغۇ، مەن يانبازىرىڭىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. يەنە كېلىپ شۇنداق قولايلىق، باھاسى مۇۋاپىق، مەن ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا ئۆزۈمگە كېرەكلىك ماللارنى سېتىۋالالايمەن.
دەپتۇ سەمەت.
-سىز يانبازىرىمىزدىن شۇنچە رازى ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئىككىمىز ھەمكارلاشساق قانداق؟
دەپتۇ ئەمەت.
-قانداق ھەمكارلىشىمىز؟ ھەمكارلىشىش پىلانىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي.
-ھەمكارلىشىش ئەندىزىسى تولىمۇ ئاددى. سىز بىزنىڭ يانبازىرىمىزدىن تولىمۇ رازى ئىكەنسىز، ھەم ياخشى كۆرىدىكەنسىز. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن رەسمىي ھالدا سىزنى يانبازىرىمنىڭ شېرىكلىكىگە تەكلىپ قىلىمەن. شېرىكلىكنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
سىز بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يانبازىرىمىزدىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز، ئىلگىرى سىز يانبازىرىمىزدىن مال سېتىۋالسىڭىز سىزگە ئېتىۋار قىلىنمايتتى. ھازىر سىز بىزنىڭ يانبازارنىڭ شېرىكى بولدىڭىز، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە باھادا %10 ئېتىۋار قىلىمەن.
ئەگەر سىزنىڭ دوستلىرىڭىز قايسى تور دۇكىنىدىن مال سېتىۋالسا ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سورىسا، سىز پەقەت بىزنىڭ يانبازىرىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ: «ئىلقۇت يانبازىرىدىن مال سېتىۋالساڭلار سۈپىتى ياخشى، مۇلازىمىتى ئەلا، باھادا ئېتىۋار قىلىدىكەن، سىلەر پەقەت دۇكاندارغا مېنىڭ ئىسمىمنى ئېيتىپ بەرسەڭلارلا سىلەرگە باھادا %10 ئېتىۋار قىلىدۇ.» دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
سىز تەۋسىيە قىلغان خېرىدار بىزنىڭ يانبازاردىن مال سېتىۋالغاندا، سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ %10 نى سىزگە پايدا ئايرىمەن. ئەگەر سىزنىڭ ئۇ دوستلىرىڭىز يەنە باشقا دوستلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلىرىمۇ يانبازىرىمىزدىن مەھسۇلات سېتىۋالسا، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ %5 نى سىزگە پايدا ئايرىيمەن.
دەپتۇ.
سەمەت بۇنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە:
-بولىدۇ، بولىدۇ.
دەپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ سەمەت ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرى، ئورۇق-تۇققانلىرىغا ئىلقۇت يانبازىرىنى تەشۋىق قىلىپتۇ.
ئاي ئاخىرىدا، ئەمەت خوجايىن سەمەتكە:
-بۇ ئايدا سىز يانبازىرىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن، يانبازىرىمىزنىڭ سودىسىدا زور دەرىجىدە جانلىنىش بولدى. ئۇلار يانبازىرىمىزدىن 15000 يۈەنلىك مال سېتىۋالدى. كېلىشكىنىمىز بويىچە بۇ 1500 يۈەن سىزنىڭ پايدىڭىز بولدى.
دەپ سەمەتكە 1500 يۈەن نەق پۇلنى بېرىپتۇ.
سەمەت بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولغان ھالدا: «ئادەتتە مەن يانبازاردىن مال سېتىۋالسام باھادا %10 ئېتىۋار قىلىپلا قالماستىن، يەنە تېخى ماڭا 1500 يۈەن پايدا ئايرىلىپتۇ. ھازىر ئۆزۈم ئېھتىياجلىق ماللارنى قولاي ھالدا يانبازاردىن ئېتىۋار باھادا سېتىۋېلىپلا قالماي يەنە نەق پۇل پايدىغىمۇ ئېرىشىپتىمەن. يانبازارنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى تولىمۇ ئېسىل ئىش بولۇپتۇ.» دەپ ئويلاپتۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سەمەتنىڭ ئىمتىھانلىرى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، شۇڭا ئۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ-دە، يانبازاردىن مال سېتىۋېلىشقا ۋاقىت چىقىرالماپتۇ. ئەلۋەتتە، ئەتراپىدىكىلەرگە داۋاملىق ھالدا ئىلقۇت يانبازىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئونۇتماپتۇ.
بىر كۈنى ئەمەت خوجايىن سەمەت بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، سەمەتكە 3700 يۈەننى سۇنۇپتۇ. سەمەت بۇنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قاپتۇ ۋە بۇ پۇلنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى ئۇنىماپتۇ.
ئەمەت خوجايىن ئۇنىڭغا:
-سىز تونۇشتۇرغان ئاشۇ دوستلىرىڭىز يانبازاردىن مال سېتىۋالغاندىن كېيىن، يانبازاردىكى ماللارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، مۇلازىمەتنىڭ ئەتراپلىقلىقىنى كۆرۈپ، تەبئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپتۇ. مەن ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا پايدا ئايرىپ بەردىم. بۇ پۇللار سىزنىڭ پايدىڭىز، شۇڭا بۇنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ يانبازىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشىڭىز ئاستىدا، ھازىر يانبازىرىمىزنىڭ سودىسى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى.
دەپتۇ.
سەمەت بۇنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولۇپتۇ ۋە ئەمەت خوجايىن بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپتۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى:
1 يۈەن * 1 يۈەن=1 يۈەن
خوجايىنلارنىڭ تەپەككۇرى:
1 يۈەن * 1 يۈەن=10 مو * 10 مو=100 مو=10 يۈەن
«ئىنتېرنېت+» تەپەككۇرى:
1 يۈەن * 1 يۈەن=10 مو * 10 مو=100 پۇڭ * 100 پۇڭ=10000 پۇڭ=100 يۈەن
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
2015-07-04 13:40:379698قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشن
2015-05-18 23:41:227790ھايات چاقچىقى (4)
2015-06-23 12:37:366902مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى
2015-07-05 19:09:3410702[كۆچۈرۈلمە] كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا
2016-08-15 11:14:341212ستېۋ جوبس (Steve Jobs)نىڭ تەرجىمىھالىدىن تەسىرات
2015-06-24 10:11:4710818مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2015-06-07 14:01:396426بازار، رىقابەت، ئىستېمال
2015-06-24 10:07:347990
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-