ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ستېۋ جوبس (Steve Jobs)نىڭ تەرجىمىھالىدىن تەسىرات

ستېۋ جوبس (Steve Jobs)نىڭ تەرجىمىھالىدىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-09-19 ئاۋاتلىقى: 11432 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ستېۋ جوبسنىڭ تەرجىمىھالى ناملىق كىتابنى دەسلەپ سېتىۋالغان ۋاقتىمدا، كىتابنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرۈپ، قانداقمۇ ئوقۇپ بولارمەن؟ بۇ كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقالارمەنمۇ؟ بۇ كىتابنى قاچانمۇ ئوقۇپ بولارمەن؟… دېگەندەك سۇئاللار ئىلكىدە ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن بىرى ھەر كۈنى ۋاقتىم چىقسا بىردەم-يېرىم دەم ئوقۇپ مارافونچە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ھەجىمى زور كىتابنى ئاخىرى ئوقۇپ تاماملىدىم.

كىتابنى ئوقۇۋېتىپ بەزىدە كۆڭلۈم بەكمۇ بىئارام بولدى. چۈنكى ستېۋ جوبسنىڭ خەلقئارادا قازانغان نەتىجىلىرىگە قاراپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئادەتتە نورمال ئادەم قۇبۇل قىلىشقا ھەقىقەتەن ئاجىز كېلىدىكەن. كىتابنى ئوقۇۋېتىپ، بەزىدە ئادەمنىڭ بۇ ئادەمگە بەكمۇ غەزىپى كېلىدىكەن. بۇ ئادەمنىڭ «ئەسكى» تەرىپى مېنى تولىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەسىلەن، ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن تەڭ ئىگىلىك تىكلىگەن دوستىغا ئازراقمۇ پاي ئايرىپ بەرمەسلىكى، ئۆز قىزى (بۇرۇنقى ئايرىلىپ كەتكەن قىز دوستىدىن تۇغۇلغان ئۆز پۇشتى) نى ئىتىراپ قىلماي، ھەتتا مەتبۇئاتلاردا ئوچۇقتىن ئوچۇق: «ئامېرىكىدا ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن بىرگە كارىۋاتقا چىقىش ئېتىماللىقى %28 بولىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئاشۇ %28 ئەرلەردىن خالىغان بىرىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى بار.» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن قىز دوستى (كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن) ۋە ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشى (مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كېيىن قىزىغا تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىنمۇ، گەرچە بىر مەزگىل ئىناق ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى قىزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل ھالدا سۈركۈلۈشلەر ئىچىدە ئۆتكەن.) ئادەمنى تولىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ.

ئەمما بۇ ئادەمنىڭ «ياخشى» تەرىپىمۇ يىتىپ ئاشىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. مەسىلەن، ئۇ ناھايىتى ئىجتىھاتلىق بولۇپ، بىر ئىشقا بىرىلىپ كەتسە، پۈتۈن ئەس-يادىنى شۇ ئىشقا باغلاپ، باشقا ئىشلارنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. بۇ دەل ئۇنىڭ شۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تۈپكى سەۋەب بولسا كېرەك.

ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، بىرەر ئىشقا ھەقىقىي تۈردە بېرىلىپ ئىشلەيدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. ئادەم بىرەر ئىشقا ھەقىقىي بېرىلىپ ئىجتىھات قىلسا ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقىنىنى، قورسىقىنىڭ قاچان ئاچقىنىنى ھېس قىلالىشى بەزىدە مۇمكىن بولماي قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا پەقەت باشقىلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەنلا ئاندىن ئۆزىگە قايتىشى مۇمكىن. ئارىمىزدا ئازراق ئاغرىق بولۇپ بولغۇچە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئازراقلا زۇكام ئۈچۈنمۇ نەچچە كۈن رۇخسەت سوراپ، قىسقىسى پۇرسەت پەرەسلىك قىلىدىغان كىشىلەر ئاز بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەگەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، دەرھال بالدۇر داۋالىنىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما ستېۋ جوبس ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى توغرىسىدىكى دىئاگنۇزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل دوختۇرغا كۆرۈنمەي، ئودا 9 ئاي ۋاقىتنى سوزۇپ كېسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى شۇ دەرىجىدە ئۇنتۇپ، كېسەللىك ئازابىغا قىلچە پىسەنت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قىسقىغىنە ھاياتىدا شۇنچە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

ستېۋ جوبسنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى ناھايىتى مول، ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولىمۇ باشقىلار بىلەن ئانچە ئوخشىمايدۇ. مىكروسوفت ئوچۇق (ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپ مەھسۇلاتلىرىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى) سىستېمىدا ئۇتۇق قازاندى. Apple بولسا بېكىنمە (Apple مەھسۇلاتىدىن باشقا ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپ مەھسۇلاتىغا قاچىلاشقا بولمايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى) سىستېمىدا ئۇتۇق قازاندى. ئەمما ھازىر پۈتۈن خەلقئارادىكى ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئورتاق بىر ئەندىشىسى بولسا، Apple ستېۋ جوبستىن ئايرىلىپ يەنە داۋاملىق ئۇتۇق قازىنالامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت.

مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم، بەلكىم ستېۋ جوبسنىڭ پەقەت ئېلېكترون پرىنسىپى: Apple DNA نى ياقتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ستېۋ جوبسقا قارىغاندا ستېۋ ۋوزنىياك (Steve Wozniak)، جونازەن ئايۋى (Jonathan Ive) قاتارلىقلارنى بەكرەك ياقتۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي تۈردىكى تالانت ئىگىسىدۇر. بۇ يەردە تەبئىيلا مۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ: ئۇ ئىككىسى ھەقىقىي تۈردىكى تالانت ئىگىسى بولسا ئۇنداقتا، ستېۋ جوبس تالانت ئىگىسى ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە ستېۋ جوبسنى ھەقىقىي تۈردىكى تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھەقىقىي تۈردىكى رەھبەر دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ستېۋ جوبسنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتساق، بىز بىر كىيىمگە ئېھتىياجلىق بولساق، بۇ يەردە ۋوزنىياكنى بولسا بىر پاختىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ رەختكە ئايلاندۇرغۇچى، ئايۋىنى بولسا ئاشۇ رەختتىن يارىشىملىق كىيىم لايىھەلەپ كىيىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا ستېۋ جوبسنىڭ رولى نېمە؟ ئۇنىڭ رولى ئاشۇ ئەسلىدە ھەر يەردە يۈرگەن رەخت ئېنژىنىرى بىلەن كىيىم لايىھەلە ئېنژىرىنىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى بىز ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان يارىشىملىق كىيىمنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئاساس سالغۇچىلىق رولىنى ئوينىغۇچىدۇر. (بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئوخشىتىش، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دەپ مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەپسىلىي سۈرەتلەشكە توغرا كەلسە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق سۈرەتلەپ بېرىشكە بىزنىڭ تىلىمىز بەلكىم ئاجىز كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.) ستېۋ جوبسنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ بەختىنى ئۇنىڭ ستېۋ ۋوزنىياك بىلەن تونۇشۇشى دېيىشكە بولىدۇ. ستېۋ جوبسنىڭ شۇنچىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تالانتلىقلارنى ئۆز ئەتراپىغا يىغىپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ نادىر مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىگەنلىكىدە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئەڭ تالانتلىقلارنى ئەتراپىغا يىغىشى ۋە بۇ تالانتلىقلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سادىقلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى زور ئۇتۇققا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.

ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىدراكى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما تۇيغۇ (ئىلھام) ئوخشىمايدۇ.

ستېۋ جوبسنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىز ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى بايقايسىز. ستېۋ جوبس يولۇققان ئەگرى-توقايلىقلار سىز ۋە مېنىڭ يۇلۇققان ئەگرى-توقايلىقلىرىمىزدىن كۆپ بولسا كۆپكى ھەرگىز ئاز ئەمەس. ئەمما، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، سىتېۋ جوبس قىلچە قورقۇپ قالمىغان، قەلبىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى ئىنتىلىشلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە، ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك بىلىپ، قەتئىي بوشاشماستىن تىرىشىپ، ئەڭ ئاخىرى ئادەتتىن تاشقىرى مەھسۇلات Apple نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىزگە بەزى ئىلھاملارنى بېرىشى مۇمكىن:

بىرىنچى، مۇستەھكەم ئېتىقاد: ئۆزگىچە مەھسۇلاتنى لايىھەلەپ چىقىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش، مەڭگۈلۈك ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭدىكى خۇشاللىقتىن ھوزۇرلىنىش. بۇنى بىر ئىدىيە دېگەندىن كۆرە، بەلكى ستېۋ جوبسنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يېڭىلىق يارىتىش گېنى، ستېۋ جوبس ۋە Apple دا ئالاھىدە بولغان DNA دېيىش بەكرەك مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.

Apple I ۋۇجۇدقا كېلىشتىن بۇرۇن (1976-يىلى ۋۇجۇدقا كەلگەن)، بۇرۇنقى شەخسلەر كومپيۇتېرى چۈشىنىش قىيىن بولغان، ئىكران ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولمىغان مەھسۇلات ئىدى. Apple I ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىدە ئىكران ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بار بولدى. 1977-يىلى Apple II ۋۇجۇدقا كەلگەندە بولسا، ئۇنىڭ ئاددى ۋە قوللىنىشچانلىقنى ئاساس قىلىپ ئېنىق ئۆلچەم بىلەن لايىھەلىنىشى ئۇنىڭ بازىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ياخشى بولۇپ ئودا 16 يىل بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ، تاكى 1993-يىلىغا بارغاندا ئاندىن بازاردىن چېكىندى. Apple II دە ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ ئاددىي، ئىشلىتىش قولايلىق بولۇشى كومپيۇتېرنى ئاۋامغا يۈزلەنگەن ئىستېمال مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇردى. مانا بۇلار Apple I ۋە Apple II دا ئەكس ئەتكەن ئىنقىلاب روھىدۇر. بۇ خىل روھ ئالما شىركىتىگە 30 يىل سىڭگەن بولۇپ، تاكى يېقىنقى ئەڭ يېڭى مەھسۇلات iPod، iPhone، iPad قاتارلىقلاردىمۇ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى.

جوبس پەقەت مەھسۇلاتقىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان رازىمەنلىكىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۇنىڭ گۈزەل سەنئەتنىڭ تەڭدېشى يوق دېگەن ئىدىيە بىلەن مەھسۇلاتنىڭ ئاددىيلىقىنى قوغلىشىشى نەتىجىسىدە، Apple مەھسۇلاتلىرى پۈتكۈل خەلقئارادا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ھازىر ئەتراپىمىزدا قەيەرگىلا قارىمايلى، كىشىلەرنىڭ Apple مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئىككىنچى، مەغلۇب بولۇشتىن قورقماسلىق: ئۆزلۈكسىز ئۇرۇنۇپ بېقىش ۋە تىرىشىش، قەلبىدىكى ئىزدىنىشىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويماسلىق. بۇنى ئۇنىڭ مەڭگۈ يېڭىلمەسلىكىدىكى ئۈزۈلمەس «پەي» دېيىشكە بولىدۇ.

1985-يىلى ستېۋ جوبس شىركەتتىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن پىكىر بىردەكلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى قۇرغان شىركەت Apple دىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ 30 ياشتا ئىدى. بۇ خىل زەربە ھەر قانداق ئادەمنىڭ بېشىغا كەلسە، ئۇنىڭ نەتىجىسى يوقىتىش خاراكتېرلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جوبس بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىزمۇ پاتقاققا پېتىپ قالمىدى. ئۇ قايتىدىن روھلىنىپ، قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ NeXT شىركىتىنى قۇردى، كېيىن PIXAR شىركىتىنى سېتىۋالدى.

گەرچە NeXT دېگەندەك ياخشى تەرەققىي قىلالمىسىمۇ، ئەمما PIXAR شىركىتى بولسا رەقەملىك كارتونچىلىقنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى ياراتتى. كېيىن، NeXT شىركىتى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى شىركىتى Apple تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ Apple غا قايتىدىن قايتىپ كېلىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان Apple شىركىتىگە قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن مەڭگۈ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان قايناق ھېسسىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بار. ئۇ قايتا-قايتا يۈزلەنگەن مەغلۇبىيەتنىڭ زەربىسىدە تېخىمۇ تاۋلىنىپ، ئۆزلۈكسىز مۇۋەپپىقىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۇ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى دىئاگنۇزىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت بىر قانچە ھەپتىلىكلا ھاياتلىقى قالغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، تەمتىرەپ قالمىدى، ئەكسىچە ھېچ قانداق نەرسىنى ئۆلۈم ئالدىدىكى دىققىتىنى يىغىشقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان.

ئۇ 2005-يىلى سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نوتۇقىدا: «ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ.» دەپ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز قەلبىنىڭ ئاۋازى ۋە ھېس تۇيغۇسىغا قۇلاق سېلىپ، قەتئىي بۇشاشماستىن زور ئۇتۇقلارنى قازىنىشى ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا كېرەك.

ئۈچىنچى، تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە فۇكۇسلاش: جوبسنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قايىل قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش كۈچى بولۇپ، كۆپلىگەن تالانتلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ۋە فوكۇسلاپ بىرلىكتە دۇنيانى ئۆزگەرتىش غايىسى ئۈچۈن تىرىشىشتا ئۇنىڭدا تەڭداشسىز كۈچ بار.

ئەڭ دەسلەپ Apple شىركىتىنى قۇرغاندا، تېخنىكا تالانت ئىگىسى ۋوزنىياك؛ Mac كومپيۇتېرىنى تەتقىق قىلغاندا بولسا ھەممىگە قادىر (كومپيۇتېر ساھەسىدە) كومپيۇتېر ئالىمى جەف راسكى (Jef Raski) ۋە كومپيۇتېر قابىلىيەت ئىگىسى بۇرېل سىمىز (Burrell Smith) قاتارلىقلارنى ئۆز يېنىغا جەلپ قىلغان ۋە ئۇلارنى فوكۇسلاشتا ئۇتۇق قازانغان. پەپسى شىركىتىنىڭ بازار مۇتەخەسسىسى جون سىكالى Apple شىركىتىنىڭ باش لېدىرى بولۇش ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈملە سۆزى: سەن بىر ئۆمۈر شېكەر سۈيى سېتىشنى خالامسەن ياكى دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى خالامسەن؟ دەپ ئادەمنى ھەم ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولدۇرىدىغان سۆزى ئارقىلىق ئۇنى قايىل قىلغان. ئۇ Apple شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، NeXT شىركىتىنى قۇرغندا بولسا، باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى ترىببول (Guy Tribble) ۋە تەڭداشسىز كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى پېيج (Page) ۋە كېلاۋ (克劳) ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. ئۇنىڭ PIXAR شىركىتىدە بولسا، كارتۇن تالانت ئىگىسى جون لاسسېتېر (John Lasseter) ۋە ئەد كاتمۇل (Ed Catmull) بار. دەل مۇشۇنداق تالانت ئىگىلىرى بولغاچقا، PIXAR شىركىتى «ئويۇنچۇقلار ھېكايىسى»، «قۇرت-قوڭغۇز ئالاھىدە ئەترىتى». «غەلىتىلەر شىركىتى»، «دېڭىز ئاستى ھېكايىسى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر رەقەملىك كارتۇن فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىپ، جوبسنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى شان-شەرىپىنىڭ ياراتتى. جوبسنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلىشى نۇرغۇنلىغان پىشىپ يېتىلگەن تالانت ئىگىلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا جەم قلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە Apple ۋە كارتون فىلىمچىلىكنىڭ رىۋايەت خاراكتېرلىك شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈردى.

تۆتىنچى، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر مەيدان جەڭ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، قەتئىي توختاشقا بولمايدۇ. جوبسنىڭ ھاياتىدا بېسىپ ئۆتكەن يولىغا نەزەر سالسىڭىز، سىز ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قەتئىي توختىماستىن ئېلىپ بېرىلغان جەڭ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. مەھسۇلاتنىڭ تەڭداشسىز بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن، مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قالمىدى. Apple II نىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى، Lisa كومپيۇتېرىنىڭ مەغلۇب بولۇشى، Mac نىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى، NeXT كومپيۇتېرىنىڭ مەغلۇب بولۇشى جەريانى بىر ئەگرى-توقايلىق جەرياندۇر. يېڭىلىق يارىتىش يولىدا، ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان Apple شىركىتىدىن 12 يىل ۋاقىت ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئۇنىڭ NeXT شىركىتى زىيان تارتىپ تامامەن ھالاك بولۇشقا تاسلا قالغاندا، ئەسلىدىكى Apple شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن قان-تەرىنى PIXAR شىركىتىگە سەرپ قىلغان بولسىمۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە دىسنىي شىركىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشكە تاس قالدى… ئۇ نەتىجىلىرىگە مەڭگۈ قانائەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىرى تىرىشىپ، توختاۋسىز ئالغا ئىنتىلىدۇ.

جوبسنىڭ 2005-يىلى سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نوتۇقىدا: «بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا!» دېگەن بۇ سۆزى بىزگە ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىش، ئۆز قەلبىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ غايىسى ۋە نىشانى ئۈچۈن بوشاشماسلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزگە سالىدۇ.

«ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقى نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالى بۇلۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھىچنىمېنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.».

ستېۋ جوبس ئۆزى مۆلچەرلىگىنىدەك، ئۇنىڭ بۇ «تەرجىمىھالى» دا ئۇنىڭ نۇرغۇن يامان گەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بەزىلەر بەلكىم بۇ كىتابنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى بۇ كىتاب ئەۋلىيا سۈپەت بۇ كىشىنى بىر ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئەۋلىيا ئەۋلىيانى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئادەم ئەۋلىيانى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ.

ستېۋ جوبس باشقۇرۇشنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ مەھسۇلات تەننەرخى ۋە مەھسۇلات ئېلان قىلىش ۋاقتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەزەلدىن شۇنداق. شۇڭا ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان مەھسۇلات ئېچىش ئاساسەن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرىلاشقان. Apple Ⅰ ۋە Apple Ⅱ تامامەن ۋوزنىياكنىڭ ئەمگەك مېۋىسى خالاس.

بەزىلەر جوبسنى سىتراتېگىيەچى دەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ NeXT كە باھا بېكىتىشى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ. ئۇ iTunes نى Windows مەشغۇلات سۇپىسىغا قويۇشنى خالىمايدۇ. ئەمما مەمۇرىيەتتىكىلەر كېيىن ئۇنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ App نىڭ ئۇچۇق بولۇشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمما ھازىرغا كەلگەندە بولسا 500 مىڭدىن ئارتۇق نىسبەتەن يۇقىرى سۈپەتلىك App بولسا Apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ Android مەھسۇلاتى ئۈستىن غالىپ كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز جوبسنى يەنىلا بىر سىتراتېگىيەچى دەمدۇق؟ مېنىڭچە ئۇنى سىتراتېگىيەچى دېيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.

ئۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئېلان مۇھاكىمىسىگە سەرپ قىلىپ، ئېلانغا قانداق خەت نۇسخىسى ئىشلىتىش قاتارلىق تاشقى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەزىلەر بەلكىم بۇنى ئاشۇنداق ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا Apple نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى دېيىشى مۇمكىن. بۇ خىل قاراش خاتا ئەمەس، ئەمما ئۇ ئىلگىرى Lisa، Mac، NeXT قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىمۇ ئوخشاشلا ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدىغۇ؟ شۇڭا، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش Apple نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دېيىشتىن كۆرە، Apple نىڭ ئۇتۇق قازىنىشى كىشىلەرنى ئىنچىكە ھالقىلارغا ھەمىيەت بېرىشكە ئۈندىدى دېيىلسە تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.


تۆۋەندە، جوبس ھەققىدىكى بەزى قاراشلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى:

1. جوبس بىر دېكتاتۇرىچى، ئىش بىجىرگەندە رەھىمسىز، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەزگۈسىگە، ناھايىتى ئېنىق تونۇشىغا ئىگە.

2. ئۇ ھېسسىياتقا باي كىشى ئەمەس، ئۇ تولىمۇ مەغرۇر، مەن ھەممىنى بىلىمەن دەپ قارايدۇ.

3. ئۇنىڭدا قۇرۇق خىيال ۋە ئارزۇلا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز ئارزۇ-خىياللىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغان ئادەم.

4. ئۇنىڭ بىۋاستە سەزگۈسى ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ بۇلىقى، بۇ دەل ئۇنىڭ تالانتى.

5. جوبستەك ئۆز غايىسى بويىچە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلىشى، تولىمۇ ئاز ئۇچىرايدۇ.

6. تالانت، ئىگىسى دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ بېشىنى چۆكۈرۈپ مۇرەككەپ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشى دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، مۇرەككەپنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، شەيئىلەرنى ئاددىي ۋە گۈزەللەشتۈرىدىغان كىشى، بۇ دەل ستېۋ جوبسنىڭ ھاياتىدا ئەكس ئەتكەن روھ.

7. ستېۋ ۋوزنىياك تېخنىكىغا، ستېۋ جوبس يېڭىلىق ۋە لايىھە تەسەۋۋۇرىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، مانا بۇ Apple Ⅰ نىڭ ھېكايىسى ئىدى.

8. مائۇس–جوبس ئۇنىڭ ئىجاتكارى ئەمەس، ئەمما ئۇ مائۇسقا يېڭىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدى دېيىشكە بولىدۇ.

9. قايتا ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئەزەلدىن جوبسنىڭ خىزمەت نىشانىدۇر.

10. جوبس ھەقىقەتەن بىر دانا ئىستىدات ئىگىسى، بىراق (شۇنداقلا) ھەممە بىلىدىغان چىقىشقىلى بولمايدىغان ئادەمدۇر.

11. مۇدىرىيەتتىكىلەر تېخىمۇ كۆپ تالانت ئىگىلىرىنى توپلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياش تەسەۋۋۇرچىلارنىڭ كەلگۈسى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

12. ئالدىن كۆرەر، ئىستىدات ئىگىسى، يېتەكلىگۈچى، سەنئەتكار— مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر جوبسنى مەدھىيلىگەندە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردۇر.

13. جوبس تەرسا، ئەسەبىي ئادەم، بەزىلەر ئۇنى شەپقەيسىز دېيىشىدۇ، ئۇ ئاددىي پىكىردىكى كىشىلەرگە چىداپ تۇرالمايدۇ، شۇڭا ئۇدائىم باشقىلارنى مەجبۇرىلايدۇ. باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەلەپلىرىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئۇ ھەمىشە باشقىلار «ئەخلەت»، «ئىت پوقى» دەپ تىللاش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ. (بەلكىم بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك.)


مانا يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ بۇ قېتىمقى كىتابتىن ئالغان تەسىراتلىرىمدۇر. تەسىرات يالغۇز بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تەسىراتنىڭ قانداق بولۇشى شۇ تەسىر قىلغۇچى شەيئىنىڭ شۇ كىشى مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ساداسىدۇر.

مەن ستېۋ جوبسنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، بەزىلەر ماڭا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ چىقىش تەكلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن دەسلەپتە، ئۆزۈم ئاۋۋال ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بىر قارارغا كېلەرمەن دەپ ئويلىغان. كېيىن كىتابنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، بۇ كىتابنىڭ ھەجىمى بەكلا چوڭ بولۇپ، مەن شەخسەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇ كىتابقا ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بۇنداق دېيىشىم، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچ بىلەن ئۇنىڭ بېرىدىغان ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرغاندا، ئەرزىمەيدۇ دېمەكچى، ئەمما قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. مەن پەقەت كىتابنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن ستېۋ جوبسنىڭ كەلگۈسى ئارمانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان جوبسنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىلغان بىر پارچە خەتنى تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن، ھەم ئاللاھ نىسىپ قىلسا كېلەر قېتىملىق يازمامدا شۇ مەزمۇننى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرلىنىمەن.

ستېۋ جوبسنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئېلېكترونلۇق نەشرى (خەنزۇچە ئېنگىلىزچە) تولۇق نۇسخىسىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ، يوللاپ بېرەي، بىۋاستە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەي دېسەم چىقارغان بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان دەپ چەكلىۋېتىدىكەن.

مېنىڭچە ئەگەر يېتەرلىك ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچ بولسا يەنىلا لى كەيفۇنىڭ كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىلسا، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغاندىن زور ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ يەردە لى كەيفۇنى تىلغا ئالسام بەزىلەر بەلكىم ئۇ دېگەن خەنزۇ تۇرسا، قانداقمۇ چەتئەللىككە سېلشتۇرغىلى بولسۇن دېيىشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ھېس قىلىشىم شۇ بولدىكى، لى كەيفۇنىڭ پەقەت ئىسمى ۋە قېنىدا ئېقىۋاتقىنى خەنزۇنىڭ بولغىنى بىلەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەر قانداق بىر چەتئەللىكتىن قېلىشمايدۇ. لى كەيفۇنىڭ ماقالىلىرىنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسىڭىز شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ئۇنىڭ ماقالىلىرى ھەقىقى تۈردە ئادەمگە نەپ بېرىدۇ ھەم بەرگەندىمۇ راۋۇرۇس نەپ بېرىپ قويىدۇ. سىزنىڭمۇ بوش ۋاقتىڭىز چىقسا ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت» ناملىق يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىنى تېپىپ ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر خەنزۇچە ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش قىيىنغا توختىسا، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە نەشرىنى تېپىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىلقۇت بلوگىدا لى كەيفۇنىڭ نادىر ماقالىرىنىڭ تەرجىمىسى قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ. قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئىلقۇت بلوگىدا بولغاي!

ھۆرمەت بىلەن:

ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت

2011-يىلى 23-دېكابىر تەڭ كېچە ئۈرۈمچى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى