ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟

[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 8488 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟

(ماقالە)

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

ئۇيغۇرچە  ئىشسىزلىق  دىگەن ئاتالغۇ بىر سوتسولوگىيە پەنلىرى ئاتالغۇسى سۈپىتىدە  قاچان بارلىققا كەلدى نامەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەڭ تىزلەشكەن بىر دەۋردە بىزگە يۈزلەنگىنى پاكىت.شۇنداقلا ئىشقا ئېرىشىش،ئىش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭمۇ بىر بەخت ئىكەنلىكىنىڭ دەۋرىمىزدە تەجرىبىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلانغىنى ھەم پاكىت.ئادەم ئىشتىن باش كۆتۈرەلمىگەندە ئىشتىن بىزار بولغاندەك قىلغان بىلەن ئىش تاپالمىغاندا جاندىن،ھاياتتىن بىزار بولىدۇ،ئىش قىلىشنىڭ جاپالىق ئەمما ئادەمنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ. توختىماي ئىشلەپ،قىلغان ئىشى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىسە ياكى ساپاسىز باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن سانسىز قېتىم تەكرارلىنىشقا مەجبۇر قىلىنسا  ۋە ياكى ئىشلىگەنگە چۈشلۈق ھەق ۋە باھاغا ئېرىشەلمىسە بۇ مۇقەددەس ھوقۇق خارلىنىش يولىغا قەدەم قويىدۇ.

بۈگۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى ئېغىر بىر ئىشسىزلىق كىرزىسىنىڭ بوسۇغىسدا تۇرىۋاتىدۇ.بۇ كىرزىسنىڭ مۇقەددىمىسى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن  تەڭ باشلانغان ،ئۇلۇغ ئىسلاھاتچى دىڭ شىياۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ‹‹ئاق مۆشۈك ،قارا مۆشۈك ،چاشقان تۇتقان ياخشى مۆشۈك›› دىگەن مەشھۇر سۆزنى قىلىپ جوڭگۇ پلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە قەدەم قويغاندا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ سەرخىللىرى بۇ خىل يۈزلىنىشنى تونۇپ يەتكەن، ئەندىشە  ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ يىتىپ كېلىشىنى ،ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھەممە ئەزاسىنىڭ بۇ كىرزىس ئىچىدە پىشىپ يىتىلىپ تەرەققىياتنىڭ يېڭى بىر قەدەم باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق قەدەم قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئەمىلىيەتتىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا بەكمۇ چوڭ داغدۇغا قىلىنماي،خەلقنىڭ نىمىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماي باشلانغان بۇ ئىشنىڭ يېڭى بىر تارىخى تەرەققىياتتىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى ،بۇ تارىخى تەرەققىياتنىڭ خەلقىمىزگە ئاتا قىلىدىغان پۇرسىتى بىلەن خەتىرىنىڭ تەڭمۇ تەڭ تۇرىدىغانلىقىنى ،ناۋادا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىسا مىللىتىمىزنىڭ ئۆز ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىر ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى.چۈنكى بازار ئىگىلىكى   ھەممە نەرسىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە قويۇپ بېرىش دىگەنلىك بولۇپ ،بىزدىكى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى بەزى ئىشلارنىڭ كەلمەسكە كېىتىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى.شۇنداقلا ۋۇجۇدىدا تۇغما سودىگەرلىك ئامىللىرىنى ھازىرلىغان ،مەدەنىيەت تىندۇرمىسىمۇ سودىگەرلىك ۋە بازار ئىگىلىكىگە بەكمۇ ماس كېلىدىغان بىزدەك مىللەت ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر زور تارىخ پۇرسەت ئىدى.مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىنىڭ يېڭى بىر تارىخى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم  قويۇپ ،ھەممە ئادەم ئىشسىز قالمايدىغان پاراۋانلىق ئىش تۈزىمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ئاز كۈن ئۆتمەي بىزدىمۇ ئىشسىزلىق دەيدىغان سوتسىيال پەنلەر ئاتالغۇسىنىڭ   كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا ۋە تۇرمۇشىغا  تەسىر قىلىدىغانلىقىدەك رىياللىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ بېسىلغانلىقى ئىدى.لېكىن كۆپىنچە ئۇيغۇر بۇنى تونۇشنى خالىمىدى، تونۇشنى خالىمىغانلىق تەبىئىي ھالدا مائارىپتىكى بازار ئىگىلىكىگە خاس ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىپ ،جەمىيەتنىڭ بازار ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىشىنى كىچىكتۈرۈشتىن  باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.شۇ سەۋەپتىمۇ ئۇيغۇر خەلقى تاكى 2000-يىللارغىچە بالىسى ئالى مەكتەپكە ئۆتسە شىتاتى بارمىكەن  دەپ سوراشنى داۋاملاشتۇردى،بۇ   ھۆكۈمەت بىۋاستە خىزمەت بېرەمدىكەن ياكى ئۆزى خىزمەت تاپامدىكەن دىگەنلىك ئىدى.بۇنداق كىشىلەر   ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى تەبىئىي ھالدا دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ئارزۇ قىلدى.دىققىتىنى دادىللىق بىلەن ئاجايىپ پۇرسەتلەر بىلەن تولغان  بازار ئىگىلىكى مۇھىتىدىن پۇرسەت ئىزدەشكە يىغماي داشقازاننىڭ ئادەمنى يا تۈزۈك تويغۇزمايدىغان ،ئەمما ئاچمۇ قويمايدىغان تامىقى ھەققىدە خام تامالاردا بوڭلدى.   بالام بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا قانداق كەسپلەرنى ئىگەللەپ ،قانداق ئىقتىدارغا ئېرىشىپ، جەمىيەتتىن بىر كىشىلىك خىزمەت ئورنىنى قانداق ئىزدەپ تاپىدۇ ياكى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ  ئۆزىنى قانداق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ  ياكى شۇنداق قىلىشى كىرەك دەپ ئويلىمىدى.پۈتۈنلەي ئويلىمىدى دىسەك خاتالاشقان بولىمىز ،ئەمما  كۆپىنچە ئادەم بۇ ھەقتە ئويلاشنى خالىمىدى. ھەتتە مۇشۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتمىدى.شۇنىڭ بىلەن 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرىۋاتقان  شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىقتىساس ئىگىللىرى ئەڭ كەمچىل يەردە  ئادەمگە شۇنداق   ئالاھىدە ۋە غەيرى تۇيىلىدىغان،قارا يۇمۇرغا ئوخشايدىغان    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىز قېلىش ھادىسىسى  پەيدا بولدى.بازار ئىگىلىكى مۇھىتىدا شەكىللەنگەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ كېڭىيىشى ئالى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.لېكىن كاللىسى زاماننىڭ كەينىدە قالغان،كۆزى مەنپەئەت بۇلۇتلىرى بىلەن خىرەلەشكەن ىر تۈركۈم ئادەم بۇنداق نورماللىق ئىچىدىكى نورماللىقنى توغرا چۈشىنەلمىدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقىنى جەمىيەتنىڭ  پىلانلىق ئىگىلىك تەپەككۇرى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيالىشىدىن ئىبارەت  ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خارلىنىشىنى توغرا ھىساپلايدىغان بىنورمال كۆز قاراش ئىدى.  شۇنداق قىلىپ  پىلانلىق ئىگىلىك تەرتىپىدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى پىلانلىق ئىگىلىك قېلىپى بۇزۇۋېتىلگەن بازار ئىگىلىكى ئاستا-ئاستا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتىۋاتقان  جەمىيەتتە  ئىشسىز قالدى.ئالى مەكتەپلەرنىڭ  ئۆزىنى بازار ئىگىلىكى مۇھىتىغا ماسلاشتۇرمىغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىنورمال كەسپ قۇرۇلمىسى بىلەن بۇيرۇققا بويسۇنۇشقىلا ئادەتلىنىپ، ئىجادىي تەپەككۈر قىلىشقا ئىنتىلمەي تەپەككۇرى يىگىلەپ كەتكەن  باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئاتا-ئانىلار ۋە جەمىيەت ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسدا بازار ئىگىلىكىگە خاس كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنەلمەسلىكى  ۋە بۇنىڭدىن باشقا بەزى سۈنئىي ۋە تەبىئىي سەۋەپلەر  بۇخىل ھادىسىنىڭ بىۋاستە سەۋەپچىللىرى ئىدى. مەن 2002 –يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلانغاندا تېلىۋۇزۇردىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىشسىزلار ۋە ئۇلارنى  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم،شۇ چاغدىكى مەلۇماتتىن  قارىغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپىنچە ناھىيەلەردە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقۇرى دىپلومى بار،جەمىيەتنىڭ ئىستىمالىدىن  ئېشىپ قالغان ياكى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ياتقان ئىقتىساس ئىگىللىرىنىڭ سانى 2000 مىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى،شۇنداقلا ھەر يىلى ھەر بىر ناھىيەگە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئىككى-ئۈچ يۈز ئوقۇغۇچى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ قوپماس تەس يۈكىگە ئايلانغان ئىدى.چۈنكى ئەشۇ  ناھىيەلەردە يارىتىلىۋاتقان ئىش ئورنى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ مۇشۇ يىللاردا كۆپىنچە ناھىيىلەردە تۈركۈملەپ ئىقتىساس ئىگىللىرىنى  ھەزىم قىلىدىغان كارخانىلار ئاساسەن قۇرۇلمىغان ياكى قۇرۇلسىمۇ پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر نەچچە ناھىيەسىدىكى زىيان تارتىپ توختاپ قالغان يىپەك زاۋۇتلىرىدەك بىر نەچچە يىل ئۆز پونكىسسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋەيران بولغان ئىدى.ھەر بىر ناھىيەدىكى ئىقتىساس ئىگىللىرىنى سىڭدۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئاشقازان مائارىپ سېستىمىسىمۇ تويۇنۇشقا باشلىغان ئىدى.ئىشسىزلىق   دائىرىلەرلا كۆڭۈل بۆلىدىغان جىددىي  مەسىلىلا ئەمەس  ھەر بىر ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولۇپ  قالغان ئىدى.چۈنكى كېلىپ چىققان بۇ ئىشسىزلىق بازار ئىگىلىكى بىلەن پىلانلىق ئىگىلىك ئوتتۇرىسىدكى سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئىشسىز قېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئىقتىدارسىزلىق مەسىلىسى ئىدى.
مائارىپنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ئادەمگە بىلىم ئىگىلىتىپ     ،ھۈنەر كەسىپ ئىگەللىتىپ  تېخىمۇ زور ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى كۈچى ئاشۇرۇش ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ   تۇرمۇشىنى باياشاتلىققا ياكى بەختكە باشلاشتۇر.لېكىن بىزدىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  بالىلارنىڭ كۈچلىنىش ئورنىغا ئىش تاپالماسلىقى ،يېڭى ئىشسىزلار قوشۇنىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلىنىشى ئادەمنى بەكمۇ ئويغا سالىدۇ ،ئۇنداقتا سەۋەپ زادى نەدە؟ ئۇلارنى تەربىيەلەۋەتقان مائارىپتىمۇ ياكى يېڭى ئىش  ئورنى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ نىسبەت پەرقىنى پەيدا قىلىپ قويغان دائىرىلەردىمۇ ؟ ۋە ياكى ئاشۇ ئالى مەكتەپلەر تەرىپىدىن  تەربىيەنلىگەن بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىمۇ؟
كېسىپ ئېيتىشكە بولىدۇكى جوڭگۇدەك ئادىمى چوڭ دۆلەتتە ئىشسىزلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارىتىدىغان مەسىلە .بۇ دۆلەتتە يەنە ئادەم كۆپ بولغاچقا ئىشسىزلىقتىن ساقلانماق تەس دەيدىغان كىسەل قاراشنىڭ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كاللىسدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ ،بۇ مەسىلىنى سۈنئىي كىرزىسكە ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس.نىمىشقا بىز بۇ يەردە كىسەل كۆز قاراش دىگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويىمىز؟ گەرچە جوڭگۇ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت سانالسىمۇ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئەمەس، دۇنيادا نوپۇس زىچلىقى جوڭگۇدىن كۆپ دۆلەتلەر ناھايىتى نۇرغۇن،مەسىلەن دۆلەت زىمىنى شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان ياپۇنىيەنىڭ ئاھالىسى 120 مىليۇندىن كۆپ، مۇشۇ نىسبەت بويىچە قارىغاندا جوڭگۇلۇقلارنىڭ نوپۇس بايلىقىدىن كېلىپ چىققان  ئەقل بايلىقى تولۇق ئېچىلسا ياپۇنىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر شىنجاڭ زىمىنى تەخمىنەن 600 مىليۇندەك ئاھالىنى ياپۇنىيەنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە باقالىشى كىرەك.ئەلۋەتتە بۇنداق سېلىشتۇرۇشقا ھەر خىل گەپلەر بىلەن قارشى تۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۈمكىن ،لېكىن قىلدەك  پاكىت پىلندىمۇ چوڭ قۇرۇق گەپتىن ئۈستىن تۇرىدۇ .
ئۆز –ئۆزىنى تەمىنلەش ئاساسىدىكى ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا  نەچچە مىڭ يىل ياشىغان ،ئادەملىرى ناتۇرال ئىشلەپچىرىش ئەندىزىسىدىن تېخىچە تولۇق قۇتۇلالمىغان،ئەزەلدىن جىددىي ئىجتىمائىي رىقابەتكە يۈزلىنىپ باقمىغان ،بىر مەزگىللىك پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا بۇ تېخىمۇ چوڭ  مەسىلە .چۈنكى ناتۇرال ئىگىلىك پەيدا قىلغان ھورۇنلۇق ،يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشقا ئىنتىلمەسلىك ،ئاەتتىكى ئىشلارنى ياراتماي ،ئۇلۇغ ئىشلارغا ئېرىشەلمەسلىكتىن ئىبارەت مىجەز-خاراكتىر زاماننىڭ تىز تەرەققىياتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق بىلەن ئۇچراشسا تراگىدىيە تېخىمۇ ئېغىرلىشاتتى.
ئەمىلىيەتتىمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قېلىشى دەل مانا مۇشۇنداق تراگىدىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزغا رەھىمسزلىك بىلەن باستۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىۋاستە ئىپادىسى .
ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىش ئورنى يارىتىش كىرەك.ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقۇرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئورنى كىرەك .ئۇنداقتا بۇنداق ئىش ئورنىنى زادى كىم يارىتىدۇ؟ ھۆكۈمەتمۇ؟ياكى بىل.گايتىسقا ئوخشاش تالانتلىق كارخانىچىلارمۇ؟پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى تەپەككۇرىمىز بويىچە قارىغاندا بۇنداق ئىش ئورۇنلىرىنى ھۆكۈمەت يارىتىشى كىرەك.چۈنكى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ھەممە ئىشىمىزغا ھۆكۈمەت ئىگە بولۇپ، ھەتتا بىزگە خىزمەت بېرىپ كاللىمىزدا ئېغىز دەرىجىدە ھۆكۈمەتكە يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلغان ،نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەر جەمىيەتتىكى خىزمەت ئورنى قانداق پەيدا بولىدۇ دىگەن مەسىلىلەردە قىلچە باش قاتۇرماس بولغان، شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى بىلەن جەمىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدىغان ياكى زادى يۈز بەرمەس بولۇپ قالغان .لېكىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پونكىسسىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ ،بۇ ۋەزىپىنى بازارغا تاپشۇرىدۇ.ھەممە ئىش بازارنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە تەشكىللىنىدۇ.
  ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئىشسىزلىقىمىزنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ ئۇ ھەقىقىي ئىشسىزلىقمۇ ياكى ئىدىيەنىڭ ئازات بولالماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان،بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشالمايدىغان ئىقتىدارسىزلىقمۇ؟قانداق قىلغاندا بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشىپ ،بازار ئىگىلىكىنىڭ پۇرسەتلەر بىلەن توشۇپ ياتقان قوينىدا يېڭى ئىش ئورنى مۆجىزىللىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ؟ھەتتا نۇرغۇن كىشىگە ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ؟
مەن بەزىدە مۇشۇ ئويلار بىلەن دەرس بېرىۋاتقان ،ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغىچىلار بىلەن مۇڭدىشىپ قالىمەن.
-ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلىش ئويىدا يۈرىۋاتسىلەر ؟ -دەپ سورىدىم بىر كۈنى.
-مەمۇرلۇق ئىنتىھانىغا قاتنىشىمىز،ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتىھانىغا قاتنىشىمىز ،-دەپ جاۋاپ بەردى بالىلار
-ئۇنداقتا ھەممىڭلار دۆلەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىشىنى تاما قىلىدىكەنسىلەردە ؟-دىدىم مەنبالىلار تۇشمۇ تۇشتىن سۆزلەپ كەتتى،ھەتتا بەزىللىرى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ قويۇپ خىزمەتتە كارى بولمايۋاتقان ھۆكىمەتتىن ئاغرىندى،ئۇلار گەرچە ھەر خىل خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش ئىنتىھامىغا قاتنىشىمىز دىيىشكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ  خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمىدى دەپ دۆلەتتىن ئاغرىنىش كويىدا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ تېخىچە پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى داشقازاننىڭ تامىقىنى يىيىش تەپەككۇرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى،
مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى خىزمەت مۇھىتىغا نىسبەتەن بەكمۇ كۆپ تەييارلىقى يوق ئىدى.ئۇلار  زور كۆپچىلىكى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ قويۇپ ،ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە  قىلچە شەخسىي پىلانسىز ،مەكتەپنىڭ پىلانىغا ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش بويسۇنۇپ كىتىپ باراتتى.ھەتتا  نۇرغۇن بالىلارنىڭ كاللىسىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت رىقابىتىگە قانداق تەييارلىق قىلىمەن؟ كەلگۈسىدە مېنى قانداق تەقدىر كۈتۈپ تۇرىدۇ دىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ھىچقانداق تەييارلىق يوق ئىدى.بۇ نوقتىدا ئۇلار مەكتەپداشلىرى بولغان خەنزۇ سىتۇدىنىتلاردىنمۇ زور دەرىجىدە پەرق قىلاتتى.ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا ،تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ئىش تۇتتىۋاتىدۇ دەپ سۈپەتلەشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تۇرغاندا 2002-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھرىدە تۇرۇپ قالغان يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە يولۇققان بەزى ئىشلار ئېسىمگە چۈشتى.4 مەن شۇ يەردە بىر نەچچە سورۇنغا قاتناشتىم،مەن شۇ سورۇنغا يېڭى بولغاچقا ھەمىشە سورۇندىكىلەر بىر قاتار تونۇشتۇرۇلۇپ چىقىلاتتى.ياكى ئۆزىنى ئۆزى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى
ھەر قېتىم مەن ئۆزۈمنى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئىشلەيمەن دەپ تونۇشتۇراتتىم،لېكىن  خېنەنلىكلەر بولسا مەن پۇستانى يەردە داگۇڭ(مەدىكارلىق قىلىش دىسە سەل مۇۋاپىق) دەپ جاۋاپ بېرەتتى.لېكىن ئەنە شۇنداق مەدىكارلىق قىلىمەن دىگۈچىلەرنىڭ كىيىمى شۇنداق رەتلىك ،ئوقۇش تارىخى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ چىقاتتى.بىر كۈنى بىر سورۇندا جېڭجۇدىكى مەلۇم داشۆدە ئىشلەيدىغان بىرسى ئۆزىنى مەن پۇستانى ئالى مەكتەپتە داگۇڭ (مەدىكارلىق) قىلىمەن دەپ تونۇشتۇردى.مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق دىيىشىدە مەلۇم سەۋەپلەر بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە مۇشۇ سەۋەپنى بىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتتىم ،بىر كۈنى يەنە بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالدىم ،ئەتراپىمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەن تونۇيدىغان ،ئالى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان زىيالىلار ئىدى.ئۇلار ئۆزلىرىنى پۇستانى ئالى مەكتەپتە مەدىكارلىق قىلىمەن دەپ تونۇشتۇردى ،لېكىن مەن دائىم مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر گېزىت بوتكىسدا كۆرۈپ قالىدىغان بىر يىگىتنى ئۇلار ئالاھىدە ھالدا خوجايىن دەپ تونۇشتۇردى.مەن بىر گېزىت بوتكىسى ئاچىدىغان ئادەمگە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەتتىن ھەيران قالدىم.7 نىمىشقا دىگەن سۇئالىمغا خېنەندىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان خېلى نامى بار زىيالى مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى.
-بىز بۇ يەردە سېنى باشقىلار خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا ،بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق بولسا ،ھەتتا سەن ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلەيدىغان ئادەم بولساڭمۇ  كىشىلەر سېنى مەدىكار  دەپ ئاتايدۇ،مەنمۇ ئۆزۈمنى پالانى ئالى مەكتەپتە   مەدىكارلىق قىلىمەن دەپ تونۇشتۇرىمەن .ئويلاپ باق سېنى مەدىكار دىمەي نىمە دەيدۇ.چۈنكى سېنى ئۆستۈرۈش،خىزمەتتىن بوشۇتۇش،قانداق مائاش بېرىش،ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى باشقىلارنىڭ قولىدا تۇرسا ئۆزۈڭنى مەدىكار دىمەي نىمە دەيسەن ؟
شۇڭا بىز بۇ يەردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ياراتقان ئەقىل ئىگىللىرىنى —ھەتتا ئۇ ئاياغ مايلىغۇچى بولسىمۇ —ھۆرمەتلەيمىز،چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆزى باشقۇرىدۇ،ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن ،بىزگە ئوخشاش بىزنى ياللىغۇچىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ.4 بۇ گەپلەر ھەقىقەتەن ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى،خېنەنلىكلەرنىڭ خىزمەت ئېڭى ھەقىقەتەن بىزدىن نەچچە ھەسسە ئىلگىرلەپ كەتكەن،بىز تېخى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى خىزمەت ئېڭىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدۇق.مەدىكار بولۇشنى شان-شەرەپ دەپ بىلەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش كەيپىياتىدا ئالەمشۇمۇل پەرقلەر پەيدا بولغان ئىدى.مىسالى خېنەندىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئالى مەكتەپنى جەمىيەتتىن قانداق ئورۇن ئېلىشنى بىۋاستە بېكىتىدىغان بوسۇغا دەپ قارايتتى،ئالى مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت غايىسى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئەمەس مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.شۇڭا بەزى يىللىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى جەلىپ قىلالماي بەزى جەلپ قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى،نوپۇسى يۈز مىليۇنغا يىتىدىغان خېنەن ئۆلكىسى ئادەمگە ئىشسىزلار ھەممە يەردە لاغايلاپ يۈرگەن تۇيغۇ بەرمەيتتى.كىشىلەرنىڭ مەدىكار بولامسەن ياكى خوجايىن بولامسەن تاللاش ئۆزۈڭگە باغلىق دىگەن پەلسەپىسى خېنەننى بىر ناھايىتى پۇختا ۋە تىز  تەرەققىي قىلىۋاتقان ماشىنىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.ئادەم كۆپ بولسىمۇ ئىشلەيمەن دەيدىغان ئىرادە بولسىلا ئىش تېپىلىش خېنەندەك ئادەم كۆپ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان ئىدى.بىزدە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى يۈككە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغاندا  خېنەندە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس ئەڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكۇملارنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىغۇ جەمىيەتنىڭ خېلى زور ئېھتىياجى بار ئىدى.
جەمىيىمىزدىمۇ مەدىكار بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا ئۆز تەقدىرىنى تاپشۇرۇپ قويۇپ بىر مەلۇم ساندىكى مائاشنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاشتىن نومۇس قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى ،ئۇلار ھەممە كىشى تۆمۈر تاۋاقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي يۈرگەندە تۆمۈر تاۋاقتىن ئاكتىپلىق بىلەن ۋاز كەچتى ۋە مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش يولىغا قەدەم قويدى.1 مەن بىر كۈنى 30 نەچچە ئادىمى بار بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن ئوقۇغىچىلارغا دەرس بېرىۋېتىپ ئۇلاردىن ‹‹ھازىرلا خىزمەت ئورنىڭلاردىن ئايرىلىپ قالساڭلار قانداق قىلىسىلەر ؟ ھەر ئايدا ھازىر ئېلىۋاتقان مائاشىڭلارنى جەمىيەت قوينىدىن تېپىپ خەجلەپ،كۈنۈڭلارنى ئېلىشقا كۆزۈڭلار يىتەمدۇ ؟›› دەپ سورىدىم،سىنىپ ئىچى جىمىپ كەتتى .تېخى ئىككى ئۈچ بالا ئۇنداق بولۇشتىن خۇدايىم ساقلار دەپمۇ ئۈلگۈردى.مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بىر خىل قورقۇمسىراش ۋە بىچارىلىقنى ھىس قىلدىم ،پەقەت 30 نەچچە ئادەمدىن بىر نەچچىسىلا بىز جېنىمىزنى بېقىپ كىتەلەيدىغاندەك قىلىمىز دەپ جاۋاپ بەردى.
قىسقىسى 30 نەچچە ئادەم خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالىمىز دىگەن ئويدا بولۇپ باقمىغان،ھەتتا بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلاپ بولغاندەك قىلاتتى،قىسقىسى كەلگۈسىدىكى ھەر خىل يۈر بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى ئېھتىماللىقلارغا  نىسبەتەن كاللىسىدا ھىچقانداق تەييارلىق يوق ئىدى.
-مىليۇننېر بولۇپ باققۇڭلار يوقمۇ؟9 -چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپ باقققۇڭلار يوقمۇ؟1 -داچا سېتىۋالغۇڭلار يوقمۇ ؟- دىگەندەك بىر قاتار  سۇئاللارنى ئارقا –ئارقىدىن  سورىدىم. ئۇلار يۇقارقى ئىشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن  قىلچە باغلىنىشى يوقتەك ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇشتى.مۇشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرقىدىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ سىماسى كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى.ئىچىم ئاچچىق بولدى ،چۈنكى ئۇستازنىڭ ھازىرقى تۇرقىدىن شاگىرتنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنى كۆرىۋالماق بەك تەس ئەمەس ئىدىمانا مۇشۇنداق چاغدا ئادەمنىڭ ئېسىگە بۈيۈك ئېمپىراتۇر ناپالىيۇننىڭ گېنىرال بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئەسكەر، ياخشى ئەسكەر ئەمەس دىگەن گېپى كىلەتتى.5
       3
-يىلى ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن  پۈتتۈرگەن بىر ياش  كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك جايغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى،لېكىن بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ بېقىپ بازار ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى  يوشۇرۇپ ياتقانلىقىنى،ھازىرقى خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا   دەرىجىدە ئىمكان بەرمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ  1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالدى.ناھايىتى ئاز مەبلەغ ۋە شارائىت ئىنتايىن ناچار ھالەتتە  بەش ئادەم بىلەن ئىش باشلىدى.ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە بۇ ياشنىڭ شۇ چاغدىكى  قارارىنىڭ بەكمۇ توغرا بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.مانا بۈگۈن ئۇ 10 يىل بۇرۇن تىككەن مايسا ئۈنۈپ خوتەن ،قەشقەر، ئاقسۇلاردا تارماق دوختۇرخانىسى بار، قۇرۇلۇش كۆلىمى 11785 كۇۋادىرات مېتىر،220 كىسەل كارۋىتى بار،300 ئىشچى خىزمەتچىسى بار  بىر كارخانىنىڭ –بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.مۇھىمى كىشىلەر تۆمۈر تاۋاقتىن ۋاز كىچەلمەي ھەتتا ۋاز كىچىشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەي يۈرگەندە ھۆكۈمەت بەرگەن بىر  خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كېچىپ جەمىيەتتە 300 كىشىلىك خىزمەت ئورنى ياراتتى.300 ئادەم ئۇنىڭ قۇرغان ئىگىلىكىدىن نەپ ئېلىپ ئائىلىسىنى بېقىشقا باشلىدى.كەم دىگەندە ئۈچ يۈز ئائىلە ئىقتىسادىي كاپالەتكە  ئېرىشتى. ئەلۋەتتە ،بۇ دوختۇرخانا ياراتقان ئىجتىمائىي قىممەتلەرنى ساناپ كەلسەك گەپ تولا.ئۇ جەمىيەت ئۈچۈن دەل ئۈچ يۈز خىزمەت ئورنى ياراتتى،ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ قالماي نۇرغۇن خىزمەت كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
شاڭخەيدىكى بىر نوقتىلىق ئالى مەكتەپنىڭ ئەتىۋارلىق بىر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ياش 1995-يىلى ئۆزىنى مىڭ بىر جاپادا يىققان ئېشىنچىسى بىلەن بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا بىر ئۇرۇق تىكتى.ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندە بۇ ئۇرۇق كۆكلەپ چىقىپ بىر مۇنتىزىم كارخانىغا ئايلاندى.600 كىشىلىك خىزمەت ئورنى ياراتتى،ئۇنىڭ ماركىسى ئارمان شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تونۇش داڭلىق ماركىغا ئايلاندى.مانا بۇ ئۇرۇقنى تىككۈچى داڭلىق كارخانىچى رادىل ئابلا ئىدى.
ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ياش شىنجاڭ داشۆنى پۈتتۈرۈپلا ھۆكۈمەت بەرگەن خىزمەتكە  قانائەت قىلماي خوتەن تۇپرىقىغا بىر ئۇرۇق تىكتى ،بۇ ئۇرۇق ناھايىتى تىزلا كۆكلەپ چىقىپ ،ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بۇ يىگىت 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ،مەسھۇلاتلىرى ناھايىتى چاپ-چاپ كىروران گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى ۋە شۇ ناملىق شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى.نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.9   مەن مۇشۇ ئۈچ مىسال يىتەرلىك دەپ قارايمەن،بۇ ئۈچ كارخانىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا پونكىسسىيەلىرىنى ،جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىللىرىنى سانىساق گەپ ئاۋۇپ كېتىدۇ.ئەڭ مۇھىم تۆھپە ئۇلار بىر يول بارلىققا كەلتۈردى.ئۇلار بارلىققا كەلتۈرگەن يول نۇرغۇن كىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كاللىسى ھېلىمۇ پىلانلىق  ئىگىلىك دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆلگە ئىدى.ئەلۋەتتە بۇ كارخانىلار نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى،قۇرۇق قول دىگۈدەك ئىش باشلىغاچقا نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى.لېكىن ئۇلار بۇ تۇسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈپلا قالماي شانلىق نەتىجە ياراتتى.9 ئەلۋەتتە،بىزنىڭ خەلقىمىز ئىش قىلماي گەپ تېپىش بىلەن خېلى مەشھۇر ،بىزئۇلار ھەققىدە ھەرخىل گەپلەرنى توقۇيمىز .ھەتتا سېسىتماقچى بولىمىز ،كاللىمىزغا ئۇ بىزنىڭ كارخانىمىز،ئۇ بىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا،قوللىشىمىز ،ئەپۇ قىلىشىمىز ۋە يول كۆرستىشىمىزگە مۇھتاج دەپ قارىمايمىز .ھەتتا ئۇلارنى جەمىيەتكە تىگىشلىك تۆھپە قوشمىدى دەيدىغانلارمۇ بار.ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇلار ياراتقان ئىش ئورنى جەمىيىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە ئىدى.چۈنكى بىر ئادەمگە ئازراق ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ قۇتقۇزغانغا قارىغاندا ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەنە شۇنداق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىپ تۇرىدىغان بىر مەنبەنى ھازىرلاپ بېرىش ھەقىقىي مەنىدىكى ياردەم ئىدى.   بەزىدە كوچىلاردا بىكار يۈرىۋاتقان ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراپ ،ماتىرياللاردىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچللىرىنىڭ ئىش تاپالمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇپ ئۇلار ھەقىقەتەن ئىشسىزمۇ ياكى ئىقتىدارسىزمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئەلۋەتتە مەن جەمىيەت تۈزۈلمىسى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش فونكىسسىيەسىنىڭ ئىش ئورنى يارىتىشتىكى ھەل قىلغۇچ  رولىنى ئىنكار قىلمايمەن.لېكىن جەمىيەتتە ئەنە شۇنداق ئىشسىزلار بىلەن بازار ئىگىلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن پۇرسەتلەر ھەققىدە خىيالغا پېتىپ بىزنىڭ ئىشسىزلىقىمىزنىڭ تۈپ مەنبەسى نىمە؟ بىز ئىشسىزمۇ ياكى ئىقتىدارسىزمۇ دەپ خىيالغا  پاتىمەن.
كوچىلاردىكى سانجاق-سانجاق ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ماھىيەتتە بىر كارخانىنىڭ ھۇلى ئىدى.لېكىن نۇرغۇن كىشى مەن كارخانا قۇردۇم دەپ ئەمەس ئاشخانا ئاچتىم دەپ تەپەككۇر قىلغاچقا بۇ ئاشخانىلار ئالغا باسماي ئاشخانا پېتى قېلىۋۋەردى.ئاشپەزلەر مەن ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ مۇشۇ ئورۇندا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەپ كەسپىمنىڭ قەنتىنى چاقىمەن دەپ ئويلىمىغاچقا ئاشپەز پېتى قېلىۋۋەردى ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىللىرىنىڭ ئاشپەز ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ كارخانىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى.شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر رايۇنىدا ئون يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىرەر رېستۇران ،ئاشخانىنىڭ نامىنى تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ.ئۈرۈمچىدە رېستۇرانلارنىڭ نامىنى ئالماشتۇرۇش ۋە پات-پات يېڭى رېستۇرانلار بارلىققا كېلىش  بىر مودا.
يول بويىدىكى بىر ساتراچخانا ئۆزىنى بىر ساتراچخانا دەپلا قارىغاچقا ۋە تېخنىكا يېڭىلاش تېخنىكا ئۈگۈتۈشكە سەل قارىغاچقا تەرەققىي قىلىپ ھۆسىن تۈزەش مەركىزى ۋە مەكتىپىگە ئايلىنالمىدى.مۇزدۇزلار ئاياق تىكىشتىن ئاياق ياماش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ بىرەرسى مۇزدوزلۇقتىن ئاياق زاۋۇتى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يۈزلەنمىدى. ھەتتا بەزى نورمال ئېقىۋاتقان كارخانىلار كارخانا باشقۇرۇشنى بىر ئىلىم دەپ قارىماي ،زامانىۋىي كارخانا تۈزىمىنى سىناپ باقماي ،كارخانىنىڭ خوجايىنى ئۆلۈپ كەتسە كارخانا تەڭ تاقىلىپ قالىدىغان،كارخانا باشقۇرۇش ئىلمىگە ماھىر بىر ئادەمنى يۇقۇرى مائاش بېرىپ تەكلىپ قىلىشقا رازى بولماي رىقابەتچىللىرىدىن تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدىغان،ئىلىم بىلەن پۇل ئورگانىك ھالدا بىرلەشمەي ،ئىلىم ئىگىسى نامرات، پۇل ئىگىسى بىلىمسىز قالىدىغان  تەقدىر  ئۇيغۇر كارخانىللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە.
        2006-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتتى
                                                                         «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» دىن ئېلىندى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى