ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 10193 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ھېلىمۇ ئېسىمدە بۇنىڭدىن 8 يىللار ئىلگىرى، يەنى 2008-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭىدىن بىر شەيئىي ۋۇجۇدقا كېلىپ ناھايىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ھەم ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭىچە بىر كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ يېڭى شەيئىي دەل بىلوگ ئىدى. 
بىلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مۇنبەر (BBS) تىن كېيىن كىرگەن ھەم ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان شەيئىيدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بىلوگ يېزىش قىزغىنلىقى شۇنچىلىك يۇقىرى بولغانكى، كىشىلەردە «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قولىقىنى كەس!» دېگەن دانالار سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەممە ئادەمدە «سەندىن مەن قالامدىم؟»، «جاھاندا مەنمۇ مەۋجۇت، بىلىپ قوي خالايىق!» ... دېگەندەك بەس-بەستە بىلوگ يېزىپ، ناھايىتى ياخشى كەيپىيات شەكىللەنگەن ئىدى. كېيىن يۈكسەل بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر بىلوگلىرىنى يىللىق باھالاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، بىلوگنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە بىلوگ يېزىش قىزغىنلىقىنىڭ سىجىللىقىغا ياخشى ئاساس سېلىنغان ئىدى. 
ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قارايدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتىكى شۇنچە جانلىق، شۇنچە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىلوگچىلىقىمىز ئۈن-تىنسىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماقتا. يىراق كەلگۈسىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغاندا، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدۇر. بىلوگچىلىق ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق شارائىتتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماسلىقى كېرەك. 

ئەگەر ھەممە ئادەم خۇددى ئالىم ئەخەتتەك داۋاملىق سىجىللىقىنى ساقلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمدەك سىجىل بىلوگ يازىدىغانلار چىقسا، بۇنىڭ تارىخ بېتىگە ئىزنا قالدۇرغۇدەك پايدىسى باركى ھەرگىز زىينى يوق. 

ئاۋۋال بىلوگ يېزىشنىڭ بەزىبىر پايدىلىرى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى:
بىرىنچى، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەم ھايات بولغان ئىكەن، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دۆلەت ھالقىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ تۇرىۋاتقان دەقىقىلەردە، ئۆزىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش تارىختا بولۇپ باقمىغان خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە تېخىمۇ شۇنداق. بىلوگ يېزىش ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىلوگ يېزىش قارىماققا ئاددى كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، بىر بىلوگنى يېزىش باشقا گەپ، ئەمما ئۇنى ياخشى يېزىش باشقا گەپ. ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە بىر بىلوگنى ياخشى يېزىش ئەمەس، يېزىش ئىقتىدارىمۇ تازا يېتەرلىك ئەمەس. يەنە كېلىپ بىلوگ يازغاندا، مەلۇم بىر ئىدىيە، مەلۇم بىر كۆز قاراشنى ئىپادىلەشمۇ بەلگىلىك ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە يەنە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمۇ مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ. بىر نەرسىنى ھەقىقىي مەنىدىن چۈشىنىپ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئۇنى جانلىق، ياخشى يېزىپ قالدۇرغىلى، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، كۆز قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن توختىماستىن ئىزدىنىشكە، ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ئاشپەز ئۇستام ئاشپەزلىك ساھەسىدە بىلوگ يازماقچى بولسىمۇ، ئادەتتە ئۆزى ئېتىۋاتقان مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش ئۇسۇلى، تائامنىڭ ئارتۇقچىلىقى، تاماق ئېتىش سەنئىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىپادىلەش ئۈچۈن چوقۇم قانداق يېزىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ كەسپىگە تېخىمۇ پىششىق بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. 
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەر قارىماققا ئاددىي بىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنى قول سېلىپ جانلىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ چېكىسىدىن چىلىق-چىلىق تەر قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. 
ئىككىنچى، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ھاسىلاتلىرىنى خاتىرە شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ. بىز ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان ھادىسە، ئوخشاش بولمىغان بىلىم، ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارغا دۇچ كېلىمىز. ئەگەر بىزدە ياخشى بولغان بىلوگ يېزىش ئادىتى بولسا ئۆزىمىز يولۇققان تۇرمۇش، خىزمەت ھاسىلاتلىرىنى يېزىپ قالدۇرساق، بىر جەھەتتىن شۇ قىممىتى بار ھاسىلاتلارنى باشقىلار بىلەن بەھرلىنىپلا قالماي، يەنە ئۆزىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭالايمىز. كېيىنكى ھاياتىمىزدا ئاشۇ يېزىپ قالدۇرغان ھاسىلاتلىرىمىزنى قايتىدىن ۋاراقلىغىنىمىزدا، بەلكىم ھاياتىمىزنى باشقىچە مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ، ئۆزىمىزدىن مەمنۇن بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى بۇ خاتىرىلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز كۆرگىنىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ قانداق شارائىتتا، قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىگىمۇ زور پايدىلىق. چۈنكى بىلوگ يېزىش ئادىتى يېتىلگەن ئادەمگە ئايانكى، بىلوگ يېزىش بەزىدە ئازدۇر كۆپتۇر شۇ ۋاقىت، ئورۇن، شارائىت دېگەنلەردىن ئازتولا ئېلمېنتلارنى بىلىپ-بىلمەي قىستۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ياخشى بىلوگ يېزىش ئادىتى كېيىنكىلەرگە ياخشى ئۈلگە بولۇشنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. 
ئۈچىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ. «تەپەككۇر قىلىش دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت بولغاچقا، دۇنيادا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ!» دېگەندەك، تەپەككۇر قىلىشمۇ خېلى دىت تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتتۇر. ئادەم ئەگەر تەپەككۇر قىلمىسا، ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تەپەككۇر قىلمىسا، ئۇ ھالدا ئادەم ئادىمىيلىك تۇيغۇسىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن تىپىك پەرقى شۇكى، ئادەمدە تەپەككۇر ئېڭى بار، ئادەم تەپەككۇر ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلالايدۇ ھەم مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر ئادەم تەپەككۇر قىلمىسا، ئۆزىنىڭدىكى ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ئۆز كۈچىنى يوقىتىپ، ئۇ ئادەم ھاياتقا ئۈمىدسىز، چۈشكۈن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى، ئاخىرى كېلىپ ھاياتلىق مەنىۋىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. 
تۆتىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ياخشى دوستلار بىلەن تونۇشقىلى، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ قالدۇرسا، ئۇنىڭ يازمىلىرىنى شۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش ئىدىيە، ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئۇنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشاش ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئارا دوستلۇق ئورنىتىشقا پايدىلىق. 
بەشىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ، بىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرگىلى بولىدۇ. بىزدە تاپقان پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئېڭى باريۇ، ئەمما ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئېڭى يوق دېيەرلىك. ئەگەر بىر ئادەم ھەر قانچە كۆپ ئۆگەنسىمۇ، ئۆگەنگىنىنى ئەتراپىدىكىلەر، ئۆز مىللىتى بىلەن ھەمبەھرلەنمىسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئۆگەنگىنى كېرەكسىز نەرسە بولىدۇ خالاس. ھاياتلىقتا ھەممە ئادەمگە بولغان ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە شارائىتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئۆگەنگەنلەر ئۆزىنىڭ بىلىمىنى قورسىقىدا ساقلاپلا ئۆتۈپ كەتمەي، ئۆزى ئۆگەنگەن ساھە بويىچە ئازتولا يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ھەمبەھرلىنىشى كېرەك. بىزدە بىلىم ئىگىلىرى ئاز ئەمەس، ئەمما بىلىمنى ھەمبەھرلىنىدىغان، ئۆگەنگىنىنىڭ زاكىتىنى ئايرىدىغان ئاڭغا ئىگە كىشىلەر ناھايىتى كەمچىل. ئەگەر ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىۋاتقان، شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەسى بويىچە بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرسا، ئۇ ھالدا باشقا ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىۋېلىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپلا قالماي، بەلكى كىشىلىك قىممىتىنى ئاشۇرۇشقىمۇ زور پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ئالىم ئەھەت، بىلگەجان (تۇرسۇنجان نۇرمەمەت)، تاشپولات روزى، بىلىمخۇمار (ئەركىن سىدىق)، گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) قاتارلىق كىشىلىرىمىزنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن. يۇقىرىدا تىلغان بۇ كىشىلەر داۋاملىق يېزىپ تۇرغان بولغاچقا، بىلگەنلىرىدىن ئۆز خەلقىنى، ئۆز مىللىتىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى قىممىتى كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىسە ئۆرلىدىكى ھەرگىز ئۇلار يېزىپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك خەلقنىڭ قەلبىدىن چۈشۈپ كەتمىدى. ئۇلار توختىماستىن يېزىش ئارقىلىق ئۆزىگە داۋاملىق ئىزدىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ئىزدەپ، ئۆز ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپلا قالماي، بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشى ئۆلگە بولۇپ قالدى. بىز ھەمىشە ئالدىراشچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۆزىمىزنى بىرەر نەرسە يېزىشتىن تارتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئارىمىزدىن قايسى بىرىمىز ئۆزىمىزنى ئاشۇ بىلىمخۇماردىن، بىلگەجاندىن، ئالىم ئەھەتتىن ئالدىراش دېيەلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىزدىكى ۋاقىت ھەسسىلەپ ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بولىدۇ. پەقەت بىزدە يېزىش ئىرادىسى، بىلگەننىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئېڭى كەمچىل بولغاچقىلا يېزىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز ياكى ئۆزىمىزگە ھەر خىل چاك باسماس باھانىلەرنى تېپىپ يۈرۈيمىز. 
ئالتىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا پايدىلىق. مەلۇم بىر كىشى بىلوگ يازغاندا، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ يازمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ يازمىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشى ياكى قوللاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، كۆپچىلىك شۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىرلىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. 
يەتتىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ئۆزىنى ياخشى بىر ئورالمىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مەلۇم كىشى داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ ماڭغاندا، ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى بۇ ئادەم خىزمەت ئالماشتۇرماقچى ياكى بىرەر ئىش باشلىماقچى بولسا، بىلوگىدا ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ بۇ ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشى ياكى يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئۇنى شىركىتىگە قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق. شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ھەر ۋاقىت تەپەككۇر قىلىپ تۇرغان، سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ ماڭغان ئادەمنى ئىقتىساس ئىگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا بۇ خىل ئادەملەر ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئىشەنچلىك ھەم ئىقتىدارلىق كېلىدۇ. بىلوگ يېزىشنى يەنە بىر مەنىدىن ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. پەقەت ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان كىشىلەرلا بىلوگ يېزىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ ھەم سىجىل يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالايدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ئىلغار، ئىرادىسى كۈچلۈك، تەپەككۇرى ئۆزگىچە بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ ماڭغان ئادەمنىڭ قىممىتى باشقا ھېچنېمە يازمايدىغان كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئادەم ھەر قانداق بىلىملىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشى ئۆگەنگىنىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئازتولا نەپ يەتكۈزمىسە ئۇنىڭ ئۇ ئۆگەنگەنلىرى ھەقىقىي قىممىتىنى تاپالماي، كېرەكسىز بىلىم بولىدۇ خالاس. 
سەككىزىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بەلكىم سىز بەزىلەرنىڭ يازغان يازمىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ يازمىلىرىنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ خۇددى تۇزسىز تائامدەك ئادەمگە ياخشى ھوزۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ دەل يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. دائىم يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشى، قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ. دائىم يېزىپ تۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى گال، ئۇلارنىڭ بىلىمى ناھايىتى يۇقىرىدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەقىقىي يېزىشقا تۇتۇش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قېلىشى، قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى سەۋەبلىك يازغان يازمىسى ئەسلىدىن بولۇشقا تېگىشلىك قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا داۋاملىق بىلوگ يېزىشنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 
توققۇزىنچىدىن، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە، ئۆزىنى تاۋلىغىلى، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇم، داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بىر ئىككى پارچە يازمىنى يېزىش بەلكىم قىيىن بىلىنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما سىجىل يېزىش ئادەمدىن زور چىدام غەيرەت، ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان سالمىقى ئېغىر ئىش. 
سىجىل يېزىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن، بەزىدە ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، كېچە تاتلىق ئۇيقۇدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ يېزىش ئىلھامى كۆپ ئەھۋالدا ئۇشتۇمتۇت بولىدۇ. مەلۇم بىر ئىدىيە تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىسىغا ئايلىنىپ، يېزىش ئىلھامى كەلگەندە، بەلكىم بۇ ۋاقىت دەل ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ۋەياكى كېچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىپ، ئويغىنىپ شۇ ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە مەلۇم بىر ئىدىيەنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىجىل ھالدا بىلوگ يازماقچى بولغان ئادەمدە چوقۇم يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، بۇ خىل ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىش، خىزمەت، ئۆزگىنىش، دەم ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن يېزىقچىلىق ئىلھامى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە بۇنى قانداق ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەرۋچانلىقى بولۇشى كېرەك. 
خوش، يۇقىرىدا بىلوگ يېزىشنىڭ پايدىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتۇق، ئۇنداقتا، ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزدە بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۆتمىدى، ئەكسىچە، چوقۇم بىلوگ يېزىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، بىلوگ يېزىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچ ئاجرىتىشىمىز كېرەك. 
داۋاملىق سىجىل ھالدا بىلوگ يېزىپ بەرگەندە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەنلەردىن باشقا يەنە، يىراقنى كۆزلىگەندە، ئەڭ مۇھىمى بىلوگ يېزىشنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئانا تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. تور تەرەققىي قىلغانسېرى، ئۇنىڭدىن تېپىلىدىغان ئانا تىلدىكى پايدىلىق ئۇچۇرلارمۇ شۇنچە كۆپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەممە ئادەم يېزىشتىن يالتايسا، يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىسا ياكى ئۆزىگە ئەرزىمەس باھانىلەرنى قالقان قىلىپ، يېزىشنى خالىمىسا، ئۇ ھالدا توردىن پايدىلىنىدىغان ئانا تىلدىكى ئۇچۇرلار نەدىن كېلىدۇ؟ مەنچە بۇ سوئالغا ئۆزىنى بىلىم ئىگىسى، قورسىقىمدا ئومىچىم بار دەپ ئويلايدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ياخشى ئويلىنىپ بېقىشى، ھەم ئۆزىنىڭ شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىپ چىقىشى كېرەك. 
ئەڭ مۇھىمى تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇشكۇل خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۈنسېرى كۆپىيىشى كېرەككى ھەرگىز ئازلاپ ماڭماسلىقى كېرەك. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى