ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات

«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 6502 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات

ي. م. ئىلقۇت

ئۇزۇن بوپتىكەن بىرەر ئەدىبىي ئەسەر ئوقۇمىغىلى، ئاخشام (مەزكۇر ئەسەر 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى يېزىلغان، بۇ قېتىم قايتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلدى.) بىر ئولتۇرغانچە كېچىچە ئۇخلىماي زۇلقەر ۋە رۇمەيسە يېزىپ چىققان «ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» ناملىق ئەسەرنى تۇلۇق ئوقۇپ تۆگەتتىم، ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ تىلى بەك تەبئىي چىقىپتۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ بۇنداق ياخشى چىقىشى مېنىڭچە ئىككى ئادەم (ئاپتۇر) نىڭ ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ماسلىشىپ يازغانلىقىدا دەپ قارايمەن. ئىككى ئادەم يازغاندا ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتە ھەرگىز ياسالمىلىق بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىچكى پىكىرلىرىنى (ئويلىغان خىياللىرىنى) يازغاندا ئىككى تەرەپ ھەر ئىككىلىسى ئۆز ھېسسىياتىنى تەبئىي ئىپادىلىگەن بولغاچقا ئەسەردىكى ھېسسىيات تەسۋىرى ياسالمىلىقتىن ساقلانغان، دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئەسەرنىڭ چىنلىقى يۇقىرى چىققان.

ئەسەرنىڭ ئادەمگە ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشتىكى ئۆزگىچىلىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل. ئەسەرنىڭ كۆپ جايلىرىدا سوئال قويۇش ئارقىلىق بىزنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە، تۇمۇش، ھايات ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئۈندەپ ئەسەر باشقا ئەسەرلەردە( كەمىنە ھازىرغىچە ئوقۇغان ئەسەرلەر) كۆرۈلمىگەن ئۆزگىچىلىكنى ياراتقان.

ئەسلى ئەسەردىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى نەقىللەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى:

ئۇ ماڭغاچ ئۆزىدىن سورايتتى: مەن نېمىگە سوقۇشىمەن؟ كىم بىلەن سوقۇشىمەن؟ ئايقۇت بىلەن سوقۇشامدىم؟ نېمە دەپ سوقۇشىمەن؟ مېنى ياخشى كۆرمىدىڭ دەپما؟ خەقنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ زورلاپ ئالىمەن دەپ تۇرىۋالغان ئەخمەق ئۆزەمغۇ؟ ئۇ ماڭا بىرەر قېتىم «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ باقمىغانغۇ؟ ئەمىسە ھېلىقى سولتەكنى ئۇرامدىم؟ ئۇنى نېمە دەپ ئۇرىمەن؟ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنى خوتۇن قىلىغىلى قويمىدىڭ دەپمۇ؟ ئۇنى مەندىن تارتىۋالدىڭ دەپمۇ؟ مەن شۇنچە قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتالمىغان ئايقۇتنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئەسلى سەنكەنسەن دەپمۇ؟ ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ ئايقۇتنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئەكەتتىممۇ دەيلى، مۇشۇنداق قىلغانغا ئايقۇت مېنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ ياق! ياق! ئۇنى ئۇرۇشۇپ تارتىۋالغىنىم بىلەن، بايىقى ئەپتىدىن ئۇ بىر ئۆمرىدە بابۇرنى ئۇنتۇپ ئۆتەلەيدىغاندەك قىلمايدۇ. مۇشۇنداق باشقا ئادەمنى سۆيىدىغان بىرىنى خوتۇنۇم دەپ يۈرەمدىم؟ … مەنمۇ بىر ئەركەكقۇ؟ ماڭا كۆڭۈل بەرمىگەن بىرىگە ئۆزۈمنى پەرۋانىدەك ئۇرۇپ ماڭا نېمە جاپا؟ ياق، مىرئالىم، سەن بۇنداق ئەمەستىڭ، قاچانلاردا ئۆزۈڭنى بۇنچە يۇقىتىپ قويدۇڭ؟ قاچانلاردا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئويلاپ ئۆزۈڭگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ؟ ئەجىبا سېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بىرسى چىقماسمۇ؟ سەن ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشىيالماسسەنمۇ؟…

ئەسەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋىجدان سوراقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ ۋىجدان سوراقلىرى بىزنى تۇرمۇش ھەققىدە، ھايات ھەققىدە تۇلۇق ئويلىنىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە تور دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» نىڭ ئاپتۇرى ئابدۇسالام قاھار (ئۈزۈمچى) ئۆزىنىڭ «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئەسىرىنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ چىقىپ تور دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىغاندىن كىيىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىجابىي تەسىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سەلبىي تەسىرىمۇ تەڭ رول ئوينىدى. كۆپلىگەن تورداشلار بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ «مېغىزىنى يەپ شاكىلىنى تاشلىغان» بولسىمۇ لېكىن بىر قىسىم تورداشلار ئەسەرنى خاتا ئىستىمال قىلىپ، تورداشلاردا تور ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن بىر خىل يىرگىنىشلىك تۇيغۇ پەيدا قىلدى. «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ۋۇجۇدقا چىققاندىن كىيىن بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى تەسىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولىشى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن نام ئاتاق قوغلىشىۋاتقان «يازغۇچىلىرىمىز» ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە مەيلى ماس كەلسۇن كەلمىسۇن بىردەك «پاھىشە…» سۆزىنى تېڭىپ «ئەسەر» يېزىپ، چىقىپ تور دۇنياسىنى «پاھىشە» گە تولدۇرىۋەتتى. دەل مۇشۇنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن «پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەر ھەسسىلەپ مەيدانغا كەلدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجابىي رول ئوينىغانلىرىمۇ بار، مەسىلەن «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز» غا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى. لېكىن بۇنداق «پاھىشە» ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى نەتىجىسىدە ھەممىلا يەر «پاھىشە» گە تۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا بىزنىڭ ئاڭ سەۋىيسى سەل تۆۋەن بولغان تورداشلىرىمىز بۇ «پاھىشە» ئەسەرلىرىنى خاتا ئىستىمال قىلىۋېلىپ، «بىزنىڭ تور ئەدەبىياتىمىز مۇشۇنچىلىككەنغۇ، نەگىلا قارىسا شۇ پاھىشە.» دېگەندەك قاراشقا كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرلەر ئاخىرى ئۇيغۇر شاھنىڭ «بىز ھەممىمىز پاھىشە» ناملىق ئەسىرىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى شۇنداقلا مۇشۇ خىل «پاھىشە…» تېمىسىنى مەجبۇرى قوللىنىپ تور دۇنياسىدا نام چىقىرىشنى ئويلىغان بىر تۈركۈم «يازغۇچىلىرىمىز»نى قاتتىق تەنقىد قىلىدى. دەل مۇشۇنداق خاتا ئىستىمال سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان «پاھىشە…» ئەسەرلىرى تورداشلارغا بىرخىل تور ئەدەبىياتىدىن سەسكىنىش تۇيغۇسىنى بەردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» غا ئوخشاش نادىر ئەسەرلەر تورداشلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. بەزىلەر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ھەمىشە جىنسىي يازىدۇ دېسە بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس دەپ بىر تۈركۈم مۇنازىرەلەر بارلىققا كەلدى، ھەتتا بەزىلەر بۇ ھەقتە سەن-پەنلىشىپمۇ ئۈلگۈردى. بىر مەزگىل توردا يېڭى تېمىدا ئەسەر يېزىش كەيپىياتى يۇقالدى. ھە دېسىلا شۇ «پاھىشە» تېمىسى ئەۋج ئېلىپ بىزگە خۇددى ئەتراپىمىزدا بىرەرمۇ ئادەم ساق ئەمەستەك، ھەممە ئادەم پاھىشىدەكلا تۇيغۇ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ئەنسىرەيدىغان، باشقىلارغا بولغان گۇمان نەزىرىدىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇق. ھەر ھالدا دوستىمىز زۇلقەر ۋە رۇمەيسە ئىككىسى ھەمكارلىقىدا بارلىققا كەلگەن بۇ «ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» ناملىق ئەسەرمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ۋۇجۇدقا چىقىپ بىزدە «پاھىشە» تېمىسىنى يازمىسىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇرۇنقىلار قوللىنىپ باقمىغان ئۇسۇل—ھەمكارلىق ئاساسىدا ئەسەر يېزىش ئۇسلۇبىنى يارىتىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ئۈچۈن يەنە بىر يېڭىلىقنى بارلىققا كەلتۈردى.

مەزكۇر ئەسەردە يارىتىلغان ئۆزگىچىلىك ھەقىقەتەن كۆپ، تۆۋەندە مەن مەزكۇر ئەسەردىن تاللاپ كۆچۈرىۋالغان بىر قىسىم ئۈزۈندىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

1. شۇنداق، مۇھەببەت پەقەت ئېرىشسىلا ئەمەس، ھەقىقىي مۇھەببەت ئەسلىدە قۇربانلىق بېرىش، بەدەل تۆلەشتۇر. ئۇ جاۋاب قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولغان بەدەل تۆلەشتۇر. مۇھەببەت سەمىمىي، راستچىل، ئەپۇچان، سەۋرچان بولۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. مۇھەببەت قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان مەڭگۈلۈكتۇر. مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى شۇكى، ئۇ بىر مەنزىل، ئۇ ھەممىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ قەدىرلىكتۇر. مۇھەببەت بولغاندىلا ھەممە نەرسە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. كونىلار «ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭنىڭنىڭ ئۆگزىسىدىكى قاغىمۇ ئاق كۆرۈنىدۇ.» دەپ بىكار ئېيتمىغان-دە!

2. مۇھەببەت دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە، كىشنى ھېلى ئاچچىق ھېسلارغا، ھېلى تاتلىق تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ. ھەي مۇھەببەت، سەن قانچىلىغان كىشىلەرنى ۋىسال بېغىدا سەيلە قىلدۇرۇپ، يەنە قانچىلىغان كىشىلەرنى ھېجران دەشتىدە سەرسان قىلىدىغانسەن؟ قانچە كىشىلەر سېنىڭ سەۋەبىڭدىن كۆزىنى ياشلاپ، يەنە قانچە كىشىلەر سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ۋىلىق-ۋىلىق كۈلىدىغاندۇ؟ … مانا بۇ سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ، مانا بۇ سېنىڭ كىشلەر تەبىر بېرىشكە ئاجىز كېلىدىغان سېھرىي كۈچۈڭ. مانا بۇ …

3. ھايات نۇرغۇنلىغان گۈزەللىكلەرگە تولغان. لېكىن ھېچكىم گۈزەللىكنىڭ قانچلىك داۋام ئېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ قارا رەڭگە كىرىپ، قاتتىق ياش تۆكىدىغان ۋاقتى، تىپتىنچ دېڭىز سۈيىنىڭ تۇيۇقسىز غەزەپلىك مەۋج ئورىدىغان ۋاقتى، ئارامبەخش دېڭىز ساھىلىنىڭمۇ كېچىدە ئادەمنى سۈر باستۇرىدىغان قورقۇنچلۇق ھالەتكە كىرىدىغان ۋاختى بولىشى تامامەن مۇمكىن.

4. جىمجىت يېزا، تىنىم تاپماس قەلب. بۇ يېزىدا پەقەت ئاندا-ساندا ئاڭلىنىپ قالىدىغان ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، قويلارنىڭ مەرىگەن، كالىلارنىڭ مۆرىگەن ئاۋازلىرى ۋە ئەتىگەندىكى خورازلارنىڭ چىللاشلىرىدىن باشقا ئارتۇق ۋاراڭ-جۇرۇڭ، جىدەل-ماجرا يوق. خۇددى يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالغاندەكلا جىمجىت. ھەممە شۇنداق جىمجىت، شۇنداق ئازادە. بۇنداق جىمجىتلىقنى شەھەردە تاپقىلى بولمايدۇ. نەگىلا قارىسىڭىز ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى، سوقۇشقان، ۋارقىراشقان ئاۋازلار. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىچۇ؟ بولدى، دېمەيلا قويايلى، شەھەردە پۇل تۆلەپمۇ سېتىۋالالمايسىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى شۇنداق ئاق كۆڭۈل، ياۋاش، ئىشچان، نامرات بولسىمۇ شۇنچىلىك مېھماندوست. بۇ يەردە شەھەردىكىدەك بۇلات ئىشىك، نەچچە قەۋەت قۇلۇپلار يوق. ھەممە نەرسە ھويلىدىلا قويۇلغان. يەر شارىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بۇ يىراق يېزىدا بۇرۇنقى تىپىك ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى شۇنداق ياخشى ساقلانغان. بۇلارنى ئايقۇت ئوقۇغان شەھەرلەردە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئايقۇتنىڭ ئۆيى بار شەھەردىمۇ ھازىر كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى، بۇ يەردە قوشنىلار تاماق ئەتسە ئۆز-ئارا سۇنىشىدۇ، شەھەردىچۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. سىز بىلىپ-بىلمەي تاماق سۇنۇپ قويسىڭىز، «بىزمۇ تاماق ئەتتۇق» دەپ سىزنىڭ چىقىرىۋېتىشتىن يانمايدۇ.

5. ئۇ تۇيۇقسىز ئۇنى بابۇرنىڭ يېنىدىن كېتىشكە مەجبۇرى قىلغان كۈچنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئارزۇلىغان مۇھەببەتمۇ ئەمەس، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى بالا بولۇشمۇ ئەمەس، پەقەت ئايقۇتتىكى ئىنسانىي روھ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ساپ ۋە قىممەتلىك تۇيغۇنىڭ بېرى بولغان مەسئولىيەتچانلىق ھەممىگە جاۋاب بەردى:

مىرئالىمغا تور قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىكەنسەن، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىشڭ كېرەك. مەيلى سەن ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقارغان ئاشۇ قارارىڭنىڭ ئازابىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ ئۆت ياكى بابۇرنى ئۇنتۇپ كېتىپ مىرئالىمغا كۆڭۈل بەر، ئەمدى بۇ قاراردىن ۋاز كېچەلمەيسەن. سېنىڭ بابۇرغا بولغان مۇھەببىتىڭ شۇنچە قەدىرلىك بولغىنىغا ئوخشاش، مىرئالىمنىڭ ساڭا قىلىۋاتقانلىرىمۇ ئوخشاشلا قەدىرلىك. سەن مۇھەببەتكە شۇنچىلىك ئىنتىلىدىغان ئىنسان بولغىنىڭغا ئوخشاش، مىرئالىممۇ مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى تېتىپ ياشاشقا لايىق ئىنسان. سەن بابۇرنىڭ مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن يوقاپ كېتىشلىرىنى شۇنداق ھار ئېلىپ كەتكەندەك، مىرئالىممۇ سېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىشقا مەسئولىيەتسىزلىك قىلىپ يۇقاپ كېتىشىڭنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. مىرئالىم ئۇيۇنچۇق ئەمەس، ئېچىڭ پۇشقاندا ئويناپ تۇرۇپ، ئاپاڭ كەلگەندە تاشلاپ قويىدىغان. مۇھەببەت قەدىرلىك، لېكىن مەسئولىيەت ئۇنىڭدىن قىممەتلىك.

ھازىر قانچىلىك ئادەم يۇقىرىقى تەسۋىردىكىدەك ئالدىغا ۋاجدانىنى قويۇپ قويۇپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلالايدۇ؟ بۇنچىلىك قىلالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟ مېنىڭچە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى مۇشۇ تەسۋىرلەر دېيشىكە بولىدۇ.

مۇھەببەت نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە! ئۇ ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان غايىۋى كۈچ ئارقىلىق ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئادەم ئۇنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا ھەقىقەتەن ئامالسىزدۇر. بىزنىڭ ھاياتىمىز پەقەت مۇھەببەت بىلەن ياشنايدۇ. مۇھەببەت بىلەن بىز ھەقىقى قەدىر-قىممىتىمىزنى تاپىمىز. شۇڭىمۇ بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ھە دېسىلا مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتسىمۇ، شائىرلىرىمىز دائىم دېگۈدەك مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يازسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتنىڭ ئېچىلماس سىرلىرىنى پەقەت مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلەر بىر-بىرلەپ ئاچىدۇ ھەم ئېچىۋاتىدۇ لېكىن ئېچىپ تۈگەتكىنى يوق، شۇڭا ئۇنى بىزنىڭ شائىرلىرىمىز يېزىپ تۈگىتەلمەيدۇ ھەم ناخشىچىلىرىمىز ئېتىپ تۈگىتەلمەيدۇ. مۇھەببەت نۆۋىتى كەلسە ئۆز قۇدرىتى بىلەن گاچىنى سۆزلىتىش، ساراڭنى ئوڭ قىلىش ھەتتا ئوڭنى ساراڭ قىلىشتەك خاسىيىتىنى نامايەندە قىلىپ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا رەڭگارەڭ تۈسلەرنى قوشماقتا.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى