خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ پەرقى (ھېس قىلىپ يېتەلەمسىز؟)
-
خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ پەرقى (ھېس قىلىپ يېتەلەمسىز؟)
ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 7861 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قارنا (غار-غار ئۆردەك) دەريادىن بىر بېلىقنى چىشلەپ تۇتىۋاپتۇ، بېلىق ئۇنىڭغا: «ئەگەر قورسىقىڭ ئاچقان بولسا، مەن ساڭا غىزالىق بولۇشقا رازى. سەن يېرىم كۈن جاپا تارتقان بولساڭمۇ، سەن پەقەت مېنىڭ ئازلا بىر قىسمىمنى يېيەلەيسەن، كۆپ قىسمىمنى بولسا خوجايىنىڭ ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجايىنىڭ سىزنىڭ بېلىق تۇتقاندا يەۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، بوينۇڭغا تۆمۈر ھالقا سېلىپ قويىدۇ، بەكمۇ رەھىمسىزلىك!» دەپتۇ.
قارنا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن. گەرچە مەن ھازىر تۇتقان بېلىقلىرىم كۆپ، ئەمما يېيەلەيدىغىنىم ئاز بولسىمۇ، ئەمما قىش كۈنلىرى كەلگەندە، دەريا-دېڭىز توڭلاپ مۇز تۇتۇپ قالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن بېلىق تۇتالمايمەن. ئەمما خوجايىنىم يەنىلا مېنى باقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايمەن.» دەپتۇ.بىرىنچى ئىلھام:
خىزمەتچىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكى كارخانىلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەتتە يېتىلدۈرۈپ چىقىلىدۇ.ئىككىنچى ئىلھام:
خىزمەتچىلەر ھەرگىزمۇ خوجايىن پۇل تاپقاندا، ھە دېسىلا شۇ پۇلدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئويلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى خوجايىن زىيان تارتقاندا خىزمەتچىلەر ئوخشاشلا زىياندىن تەڭ بەھرىمان بولمايدۇ.ئۈچىنچى ئىلھام:
خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، باشقا بىر خىزمەتكە كىرىشتە، يەنىلا كارخانىغا مىننەتدار بولۇش كېرەك. چۈنكى ئۆتمۈشتە شۇ كارخانا-شىركەت ئوخشىمىغان رەۋىشتە، ئوخشىمىغان دەرىجىدە سىزگە ياردەم بەرگەن بولىدۇ. %80 خوجايىننىڭ ھەممىسىدە ئاشقازان ياللۇغى، نېرۋا جىددىيلىكى، ئۇيقۇسىزلىق، بىئارامسىزلىق… قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنى كەسىپكە دوغا تىكىۋەتكەن بولىدۇ. شۇڭا سىز خوجايىنىڭىزنى ئانچە-مۇنچە توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك.خوجايىن بىر تۈپ دەرەخ، خىزمەتچى شۇ دەرەخنىڭ بىر شېخى. رىقابەت ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، بازاردا ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، مەبلەغ قانچە جىددىي بولسىمۇ، قانچە بوران-چاپقۇن بولۇشىتىن قەتئىينەزەر، خوجايىن ھەمىشە قەتئىي تىك تۇرۇپ، بۇ دەرەخنىڭ ھەر بىر شاخ-يوپۇرمىقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. دەرەخ مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بولسۇن، بۇ دەرەخ ھامان بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇردىن ئۆز شاخ-يوپۇرماقلىرىنى ساقلايدۇ. مەيلى بۇ دەرەخ ياخشى بولسۇن، ئەسكى بولسۇن، ئۇنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى ھامان ئۇنىڭدىن پاناھلىنالايدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كىملەر يېزىشى كېرەك؟
2015-08-08 00:33:3825187ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇن
2015-06-24 10:09:078495بازار، رىقابەت، ئىستېمال
2015-06-24 10:07:347272ئەخمەت ئېلى: يالغان چاچ
2015-11-28 00:35:5213661«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇ
2015-07-24 01:48:2521625بىلوگ ئۆلەمدۇ؟
2016-06-05 17:48:031663خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟
2015-06-23 11:52:326042سىتېۋ جوبس (Steve Jobs) نېمە دەيدۇ؟ —جوبسنىڭ ئۈم
2015-05-19 01:08:036067
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-