ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

[كۆچۈرۈلمە] ئەدەبىي تەرجىمە توغرىسىدا

[كۆچۈرۈلمە] ئەدەبىي تەرجىمە توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 6201 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۈلەندەم ھەبىبۇللا

ئەدەبىي تەرجىمە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە، «ئىلئادا»، «ئودېسسا»، «دونكىخوت»، «پولات قانداق تاۋلاندى»، «ياۋا گىياھ»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»… قاتارلىق چەت ئەل ۋە ئېلىمىز يازغۇچىلىرىنىڭ نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇردى.
تەرجىمە ئىجادىيىتى بەدىئىي ئىجادىيەتكە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق. ئەنە شۇ جاپالىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ تەرجىمە ئەدەبىياتىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش بىز تەرجىمانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. ئەدەبىي تەرجىمە بەدىئىي ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدىكى كۆۋرۈك. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىدا ساقلىنىۋاتقان بەزىبىر مەسىلىلەر بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئەدەبىي تەرجىمىدە ئادەتتە تەرجىمان تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە گۈزەل بولۇشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئەمما، تەرجىمىدە چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش مەسىلىسى، پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى، تىلىمىزدىكى بەزى ئوخشىتىش. ماقال-تەمسىل قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى توغرا قوللىنىش مەسىلىسى. سۆزنى جايىدا قۇيۇش ۋە تىل ئادىتى بويىچە ئىش كۆرۈش. شۇنداقلا دىنىي ئۆرۈپ-ئادەتكە ئېتىبار بېرىش مەسىلىلىرىگە سەل قارايدىغان ئادەت يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندە بىر قانچە تەرجىمىنى مىسال قىلماقچىمەن.
1. 他次日早晨跟老王秘密联系了。
1. ئۇ ئەتىسى بامداتلىق تاۋا ۋاقتىدا لاۋ ۋاڭ بىلەن مەخپىي ئالاقىلەشتى.
يۇقىرىقى جۈملىدە مىللىي، دىنىي ئۆرپ-ئادەتكە ئېتىبار بېرىلمىگەن. «بامدات» مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ سەھەردە ئوقۇيدىغان ناماز ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. خەنزۇلار تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن ئەسلىي ئەسەردىكى 早朝 سۆزى خەنزۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك ئوردا كۆرۈشۈشنى، خانغا سالام بېرىپ، كېڭەش ئېلىپ بېرىشنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا «بامدات» سۆزىنىڭ ئورنىغا «ئەتىگەنلىك سالام» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە توغرا بولاتتى.

2. 清代雍正,乾隆年间,已达鼎盛,并且进行明确分工。琢玉,碾玉,抛光都有专门的作坊,日夜为皇室府赶制玩物,饰物和日用品。
2. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭجىڭ، چيەنلۇڭ يىللىرى قاشتاش ئويمىكەشلىك كامالەتكە يەتتى ۋە ئىش تۈرى ئېنىق ئايرىلدى. قاشتېشى چاقلاش، يانجىش ۋە پارقىرىتىش دۇكانلىرى مەخسۇس خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاشتاش سەنئەت بۇيۇملىرى، بېزەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياساش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
يۇقىرى مىسالدىكى “琢玉,碾玉,抛光” دېگەن سۆزلەرنىڭ قاشتېشى ئويمىكەشلىكنىڭ ئىش تۈرى ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ. بۇ يەردە سۆزنى ھەقىقىي مەنىدىن چۈشىنىش كېرەك. لۇغەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلىپ قويماسلىق كېرەك. شۇڭا، بۇ بىر ئابزاس جۈملىنى «چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭچىڭ، چيەنلۇڭ يىللىرى قاشتاش ئويمىكەشلىكى ۋايىغا يەتتى ۋە ئىش تۈرى ئېنىق ئايرىلدى. تاراشلاش، پەزداش بېرىش، سىلىقلاش ۋە پارقىرىتىش دۇكانلىرى مەخسۇس خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قاشتاش سەنئەت بۇيۇملىرى ياساش بىلەن بەند ئىدى» دەپ ئالساق راۋان، توغرا ھەم چىرايلىق تەرجىمە بولۇپ چىقاتتى.
3. 今后有重要事跟我说,不要为了小杂事打扰我。
3. بۇنىڭدىن كېيىن ساپاققا چىققۇدەك ئىش بولسا ماڭا دە، بولمىسا يوقىلاڭ ئىشنى دەپ مېنى ئاۋارە قىلما.
بۇ جۈملىدىكى «ساپاققا چىققۇدەك ئىش» دېگەن سۆز ئادەمدە ساپاققا نېمە چىقىدۇ؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە تىلىمىزدا «ساپاققا چىققۇدەك ئىش» دېگەن تەمسىلمۇ يوق. بۇ جۈملە ئەسلى «چويلىدا توختىغۇدەك ئىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئادەتتە تەرجىمە، بولۇپمۇ ئەدەبىي ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرىگە ئوخشاش بىرلا جاۋاب بىلەن چەكلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ جانلىق، ھەر خىل بولىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە ھەم تېكىستكە بېقىندى بولۇپ چەكلىنىپ تۇرىدۇ، ھەم تېكىستنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىجادىي يوسۇندا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي تەرجىمىدە «بېقىندىلىق» بىلەن «ئەركىنلىك» زىددىيىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تېكىستنى ئىلمىي يوسۇندا چوڭقۇر چۈشىنىش-تېكىستتىكى پىكىر، مەنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى ئوبيېكتىپ ھالدا توغرا ئىپادىلەشنىڭ كاپالىتىدۇر. ئوخشاش بىر تېكىستنىڭ تەرجىمىسى تەرجىمانلارنىڭ ئىقتىدارى، ماھارىتى، تەجرىبىسى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ھەر خىل بولۇشى ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال ئەمەس. تەرجىمە-تەرجىماننىڭ تىل ماھارىتى، كەسپىي ساپاسى، مەدەنىيەت ئېڭى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىلنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالمايدىغان خىزمەت. ئۇ بىر تىل سەنئىتىدۇر. ئەدەبىي تەرجىمىدە تېكىستنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى ئۆز تىلىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش پۈتۈنلەي تەرجىمانلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىگە باغلىق. ئەينى چاغدىكى بىر ئەۋلاد پېشقەدەملەر تەرجىمە ئەدەبىياتىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئوقۇرمەن ئۆز ئانا تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە ۋە چەكسىز ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ. بۇنى بىز تۆۋەندىكى كىچىككىنە بىر مىسالدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
脸皮打稿太乖张,
自要平安人受殃。
贼面可无烦作计,
本心也合细商量。
(“水浒”第八回)
خەت چېكىپ خەقنىڭ يۈزىگە ھەددىدىن ئاشتى تازا،
ئۆز بېشىدىن دەپ ئۆزگىگە سالدى زۇلۇم، بەردى جازا.
ئەپ-ئامال ھاسىل بولامدۇ يۈزىگە داغ سالغان بىلەن،
خوپ ئەقىل تاپقان بولاتتى ئويلىنىپ كۆرسە راسا.
(«سۇ بويىدا» 8-باب )
يۇقىرىقى مىسالدا نەزمە ئىجادىيىتىدە ئەۋج ئالغان رىتىملىق قاپىيە شەكلى ئۇيغۇر تىلىدا بېيىتىلىپ، تېخىمۇ چىرايلىق ئىپادىلىگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
ئۇيغۇر راھىب، مەشھۇر تەرجىمان كومراجىۋا (414-344) تەكىتلىگەن «تەرجىمە چىن ۋە گۈزەل بولۇش» پىرىنسىپى تا ھازىرغىچە تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەشھۇر تەرجىمە ئەمەلىيەتچىسى ھەم نەزەرىيەسى يەن فۇ (1912-1854) بىر قەدەر مۇكەممەل تەرجىمە ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ: «تەرجىمىدە دۇرۇس، ئۇقۇمۇشلۇق، پاساھەتلىك بولۇش دېگەن ئۈچ ئامىل بار» دېگەن. XIX ئەسەردە ياشىغان ئىنگلىز شائىرى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى ماتىپ ئارنولد تەرجىمە مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەگەر مۇمكىن بولسا، تەرجىمىنى شۇنداق دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قىلىش كېرەككى، ئۇنى ئوقۇغان كىشى تەرجىمىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇۋاتىمەن دېگەن ھېسسىياتقا بولسۇن» دەيدۇ.
دېمەك، تەرجىمىنى ئىجادىي ئەسەرگە ئوخشاش راۋان قىلىش-ئەڭ ئالىي غايە. جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىسى، ئىنقىلابىي ئەدىب، شۇنداقلا مەشھۇر تەرجىمان لۇشۈن قادېيفنىڭ «تارمار» دېگەن ئەسىرىنى، لۇناچارىسىكىينىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەنقىد» دېگەن ئەسىرىنى، گېگېلنىڭ «ئۆلۈك جانلار» دېگەن ئەسىرىنى ۋە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ۋېنگىرىيە. . . يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىزگە قىممەتلىك ئۈلگىلەرنى يارىتىپ بەردى. لۇشۈننىڭ مۇنداق قىممەتلىك سۆزى بار: «تەرجىمىدە ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش كېرەك: بىر تەرەپتىن، چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق بولۇش كېرەك.» دېمەك، لۇشۈننىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆلچەملىرى، تەرجىمە خىزمىتىدە يارىتىپ بەرگەن ئۈلگىلىرى بىز تەرجىمانلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
قابىل تەرجىمان ياخشى ئەسەرنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ شۇ ئەسەرگە نىسبەتەن بىر خىل مەپتۇنلۇق تۇيغۇسى شەكىللەنمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ«چىن ۋە گۈزەل بولۇش» ئۆلچىمىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلسا، قىلىنغان تەرجىمە ياخشى تەرجىمە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇقۇرمەنلەرگە ئالاھىدە بەدىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلالايدۇ. تۆۋەندىكىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
仿佛是发自地层深处,发自冥冥之中,发自血肉之躯的呼唤,将一颗封闭的心唤醒了,将一种埋得太深藏得太久的情感唤醒了。
(“穆斯林的葬礼”第十三章)
يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن، سۈكۈنات ئارىسىدىن، قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن تەندىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان بىر كۈچلۈك چاقىرىق تەقىبلەنگەن مۇزدەك يۈرەكنى، ئۇزاقتىن بېرى ساقلىنىپ ياتقان نازۇك بىر ھېسسياتنى ئويغاتتى.
(«مۇسۇلمانلار ئاخىرەتتىكى» 13-باب)
يۇقىرىقى مىسالدىن «توغرا، راۋان، گۈزەل بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ تەرجىمىدە ناھايىتىمۇ ئۇستاتلىق بىلەن يۇغۇرۇلغىنى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە داڭلىق تەرجىمانلىرىمىز ياراتقان ئېسىل تەرجىمە ئەدەبىياتىمىزدىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىگە بولغان موھتاجلىقنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. يۇقىرىقى مىسالنى «يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن، جىمجىتلىقتىن، قان بىلەن گۆشتىن يۇغۇرۇلغان تەندىن چىققان ئاجايىپ بىر چاقىرىق مۇزلىغان يۈرەكنى، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆچۈپ قالغان ھېسسياتنى ئويغاتتى» دەپ تەرجىمە قىلساق، ئادەتتىكىچە تەرجىمە بولۇپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ پاساھەتلىك دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىدە تەرجىماننىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ئاز ئەمەس.
ئەدەبىي تەرجىمە بەدىئىي ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياش تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، تەرجىمە ماھارىتىنى ئىگىلىشى، ئەسلىي ئەسەرنى مەزمۇن ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن تولۇق ھەم چۈشىنىشلىك يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۇستازلىرىمىز قالدۇرغان تەرجىمە ئۆلچىمىدىن جانلىق پايدىلىنىشى، بىر-بىرىگە يات تىل ۋە مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى زۆرۈر، شۇنداقلا بۇ ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشنىڭ تەقەززاسى.
(ئاپتورى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن)
تەھرىرلىگۈچى: مۇزەپپەر پولات

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى