ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئېشەكنىڭ خىزمەت قىلىشى

ئېشەكنىڭ خىزمەت قىلىشى

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 12840 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئېشەكنىڭ خىزمەت قىلىشى
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
تۆۋەندىكى تۆت پارچە مەسەلنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىزدە بەلكىم ئۆزگىچە تەپەككۇر ئېڭى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
1. سىز پەقەت بىر خىللا خىزمەت قىلامسىز؟
ھايۋاناتلار دۇنياسىدا بىر مەيدان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپتۇ. پائالىيەتكە مەسئۇل بولغۇچى تۈلكە ئېشەككە: «سېنىڭ ئاۋازىڭ يۇقىرى، شۇڭا سەن يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتساڭ قانداق؟» دەپتۇ.
ئېشەك: «ياق، مېنىڭ ئاۋازىم بەك يېقىمسىز.» دەپتۇ.
تۈلكە: «ئەمىسە سەن رىياسەتچىلىك قىلىپ باقساڭ قانداق؟» دەپتۇ.
ئېشەك: «ياق، مېنىڭ قىياپىتىم ياخشى ئەمەس.» دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا تۈلكە: «ئەمىسە سەن نېمە ئىش قىلساڭ بولار؟» دەپ سوراپتۇ.
ئېشەك: «مەن پەقەت تۈگمەن تارتالايمەن.» دەپتۇ.
تۈلكە: «ئەمىسە بوپتۇ، سەن بېرىپ تۈگمىنىڭنى تارت!» دەپتۇ.
مەسەلدىن تەسىرات:
خىزمەت جەڭگاھىدا خۇددى ئېشەكتەك پەقەت تۈگمەن تارتىشنىلا بىلىدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شىركەتتە، پەقەت ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن باشقا خىزمەتلەرنىمۇ ئانچە-مۇنچە سىناپ بېقىش، ئاكتىپلىق بىلەن قىلىپ بېقىش جۈرئىتى بولۇشى كېرەك.
ئەگەر ھېچقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەي، خۇددى ئېشەكتەك پەقەت شۇ تۈگمەننى تارتىشنىلا بىلىپ، باشقا ھەر قانداق ئىشتىن باش تارتقانداق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل خىزمەتچىلەر پەقەت ئۆز ئورنىدا قەدەم تاشلاشتىن باشقا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
2. سىز پەقەت يەر ھەيدەشنىلا بىلىپ، تېرىشنى بىلمەيدىغانلاردىنمۇ؟
يولۋاس تۆۋەنگە چۈشۈپ ئاساسىي قاتلامنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ، ئۇ باشقا ھەممە ھايۋانلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى، پەقەت ئېشەكنىڭلا تۈگمەن تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ-دە، دەرھال ئېشەكنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ: «بۇنداق ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بولۇشى بىز ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىنىڭ بەختى!» دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا كاتىپ تۈلكە يولۋاسقا: «ئېشەكنىڭ ئىجتىھاتلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما تۈگمەندە ھېچنەرسە بولمىسىمۇ ئۇ يەنىلا تۈگمەن تارتىۋاتسا، بۇ كۆز بويامچىلىقمۇ قانداق؟» دەپتۇ.
يولۋاس قارىسا، راستىنلا تۈگمەندە ھېچنەرسە يوق، ئەمما ئېشەك يەنىلا تارتىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس ئىختىيارسىز بېشىنى چايقىغىنىچە خۇرسىنىپ قويۇپتۇ.
مەسەلدىن تەسىرات:
ئېشەكنىڭ تىرىشچانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇ خىل بېشىنى تىقىپ مىخانىك ئىش قىلىنىشنىلا بىلىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە ھاسىل قىلالمىسا، بۇ بىر خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئەمەسمۇ؟
خىزمەت جەڭگاھىدا سىز ئالدىراش بولامسىز-بولمامسىز بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى خوجايىنىڭىز سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭىزغا، خىزمىتىڭىزدىن ياخشى نەتىجە يارىتالىغان-يارىتالمىغانلىقىڭىزغا قارايدۇ.
نەتىجىسىز، بېسىمنى ئاشۇرىۋېتىدىغان خىزمەتكە زېھىن، ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن، تىنچ ئولتۇرۇپ خىزمەت ئۈنۈمىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، نەتىجە يارىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ئەۋزەل.

3. سىزدە ھەمكارلىق ئارزۇسى بارمۇ؟
ئېشەك تامدا بىر باغلام ئوت-چۆپنى كۆرۈپتۇ-دە، تولىمۇ يېگۈسى كەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭغا بويى يەتمەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئېشەك بۇلۇڭدا بىر شوتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئەمما ئېشەك شوتىنى ئەكىلىپ ئوت-چۆپنى ئالماقچى بولغاندا، قوينىڭ شوتىنى تۇتۇپ بېرىشىگە ئېھتىياج چۈشۈپتۇ، ئېشەك ئەگەر قوينى ياردەمگە چاقىرسا ئوت-چۆپتىن قويغىمۇ بىر ئۆلۈش بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، بىر نەچچىنى ھاڭراپ قويۇپلا كېتىپ قاپتۇ.
مەسەلدىن تەسىرات:
ئېشەكنىڭ ئوت-چۆپنى يېيەلمەسلىكى ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى ئېشەكتە ھەمكارلىق ئېڭى يوقلۇقتىن بولغان.
بىر ئادەمنىڭ ئەقلى ۋە كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەمكارلىشىش كېرەك. باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن، سىزدە باشقىلار بىلەن ئەمگەك مېۋىسىنى ھەمبەھرلىنىش تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھەمكارلىق خىزمەتتە ھەمكارلىشىش ۋە ھەمبەھرلىنىشتە ھەمكارلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4. سىز قىممىتى يوقالمايدىغانلاردىنمۇ؟
يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا، ئېشەك «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالىنالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېشەك كاتىپ تۈلكىنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا قاقشاپتۇ: «نېمە ئۈچۈن مەن ئەڭ ئىجتىھات بىلەن، جاپالىق خىزمەت قىلسام، ھەر يىلى مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنالمايمەن؟»
بۇ ۋاقىتتا تۈلكە كۈلگىنىچە: «شۇنداق، سېنىڭ تۈگمەن تارتىش ئىقتىدارىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ، ئەمما بىز ئاللىبۇرۇن تۈگمەننى ماشىنا ئارقىلىق ماڭدۇرىغان بولدۇق.» دەپتۇ.
مەسەلدىن تەسىرات:
زامان تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، شىركەتمۇ تەڭ ئالغا سىلجىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلمىسىڭىز، يەنىلا شۇ كونا مەۋقەدە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز، سىز ھامان بىر كۈنى شاللىنىپ كېتىشىڭىز مۇقەررەر.
قىممىتى يوقالمايدىغانلاردىن بولۇش تەس ئەمەس، پەقەت سىز بازارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە دىققەت قىلسىڭىز، شىركەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئۆزىڭىزنى ۋاقتىدا ئىسلاھ قىلىپ، مۇناسىپ ئىقتىدارلارنى ۋاقتىدا يېتىلدۈرۈپ ماڭسىڭىز، يېڭى تېخنىكىلارنى ۋاقتىدا ئۆگەنسىڭىز، ئۇنداقتا، سىز قىممىتى يوقالمايدىغانلاردىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۈزلۈكسىز قىممىتى ئاشىدىغانلاردىن بولۇپ قالالايسىز.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى