ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ

ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 6346 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش» دېگەن بۇ ئاقىللار سۆزى قاچانلاردىن باشلاپ تىلىمىزدا پەيدا بولغان بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، گەرچە تۇرمۇشتا ياغاچ قازان شۇنداقلا ياغاچ قازاندا تاماق ئېتىش ھادىسىسى مەۋجۈت بولمىسىمۇ، ئەمما تىلىمىز ئىستېمالىدا بۇ سۆز دائىم ئىش قىلىشتا پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئويلاپ، كەم ئەقىللىق بىلەن ئىش قىلىپ، كېيىنچە چوڭ پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق، ھەر قانداق ئىشتا ئىشەنچنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىدە قوللىنىدۇ. يەنى ياغاچ قازاندا تۇنجى قېتىم تاماق پىشۇرسىڭىز بۇ قازان شۇ قېتىملىق تاماق ئېتىش جەريانىدا كۆيۈپ كۈل بولغاچقا، كېلەر قېتىم تاماق ئېتىشكە توغرا كەلگەندە تاماق ئېتىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالىمىز دېگەن گەپ. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئويلاپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى چوڭ-چوڭ پۇرسەت يوللىرىنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئىشەنچسىزلىكنىڭ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

مەن ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش ھادىسىسى ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىزچىل بۇ ھەقتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى. ئەمما يېقىندا تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئىككى ئەھۋال مېنى بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشقا، تەپەككۇر نېرۋىلىرىمنى غىدىقلاشقا ئۈندەپ ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ قالدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا ھازىرغىچە ئۆزۈمگە چوڭ تەسىر قىلغان «ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش» ھادىسىسىدىن تۆت قېتىم يۈز بېرىپتۇ. بۇنىڭ بېرىنچى ۋە ئىككىنچىسى مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا يۈز بەرگەن ھەم ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان.

بۇ ھېكايەمنى باشلاش ئۈچۈن يەنىلا كونا خاماننى سورۇشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن. بۇ ھەقتە بۇرۇنقى بەزىبىر يازمىلىرىمدىمۇ ئاز-تولا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولغاچقا بۇ جايدا قايتا تەكرارلاپ گەپنى ئۇزارتىپ ئولتۇرمايمەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ مەزكۇر يازمىنىڭ تەلىپى تۈپەيلىدىن يەنە ئازراق سۆزلەش زۆرۈرىيىتى بولۇپ قالدى.

مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش مەسىلىسى مېنىڭ قاتتىق بېشىمنى ئاغرىتقان بىر مەسىلە ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىدىن بولغان. دەل مۇشۇ ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ۋە كەسىپ تاللاش مەسىلىسىدە ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنىڭ بېرىنى سادىر قىلغانمەن. ھازىر ئويلىسام ھېلىھەم ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. شۇنداق ئېغىر كۈنلەر سەۋەبىدىن ئاران دېگەندە ئالىي مەكتەپتە بارغاندىن كېيىنمۇ كېيىنكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چېكىنىشكە تاسلا قالغانمەن.

شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەن مەكتەپكە ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتىن ماڭا دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ بەردى. لېكىن دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدە «دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىغا تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا، مەكتەپ بۇ پۇلنى تۇتۇپ قالماي مېنىڭ قولۇمغا بەردى. بۇ پۇل ئادەتتە ھەر يىلى 12-ئايلاردا ھەل بولۇپ، يېڭى يىلغا توغرىلىنىپ قولىمىزغا تېگەتتى. مەكتەپ شۇ يىللىق دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قولۇمغا بېرىپ (كارتىمىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ ئادەتتە) ئۈچ كۈن بولغان كۈنى مەن بىلەن بىر شەھەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، لېكىن مەندىن 3 قارار بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان بىر دوستۇم(ئىككىمىز مەن تۇنجى يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغاندا پويىزدا تونۇشۇپ قالغان، ئۇ ۋاقىتتا بۇ دوستۇم مەن ئوقۇۋاتقان شەھەردىكى يەنە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققان يىلى، يەنى ئەڭ ئاخىرىقى يىلى ئىكەنتۇق) ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تېخى چىقمىغانلىقى، لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر بولىۋاتقانلىقى، ئۆيىدىكىلەردىن پۇل سوراشقا خىجىل بولغانلىقى، شۇڭا ئەگەر مەندە پۇل بولسا پۇل سېلىپ بېرىشىمنى، قىشلىق كىيىم سېتىۋالىدىغانلىقىنى، پۇلنى ئىش ھەققى چىققان ھامان قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى گەرچە بىر مەكتەپ بولمىساقمۇ لېكىن بىرگە بېرىش-كېلىش قىلىپ ياخشى ئۆتكەنلىكىمىز (مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق ياخشى ئىدى، ھەتتا مەن ئۇنى ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىم بىلەن ئوخشاش ئورۇندا كۆرەتتىم.) ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ كارتىسىغا 1500 يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەردىم. كۆڭلۈمدە بەرىبىر مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان پۇلغۇ، تايىنلىق دوستۇمنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، دوستۇمنىڭ ئىش ھەققى بىرەر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن چىقسا شۇ ۋاقىتتا ئاندىن مەكتەپكە ئۆتكۈزسەممۇ بولىدىغۇ دەپ ئويلىغاچقا ئۇنىڭغا پۇلنىڭ يېرىمىنى سېلىپ بەردىم.

تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپ دېسە، مەن ئۇ دوستۇمغا 1500 يۈەننى سېلىپ بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىچكىرىدىكى باشقا بىر شەھەردە ئوقۇۋاتقان، تولۇق ئوتتۇرىدىن مەندىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان ئەمما تولۇق ئوتتۇرىدا ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەن بىر دوستۇم قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر يېنىمدا پۇل بولسا ئازراق پۇل سېلىپ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ. قانچە پۇل كېرەك دېسەم قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك لازىملىقىنى، بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. 500 يۈەن يېتەمدۇ دېسەم يېتىدۇ دەيدۇ. ھە بوپتۇ دەپ ئۇنىڭغا 500 يۈەن سېلىپ بەردىم. يېنىمدا شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىن بەرگەن دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن 1000 يۈەن قالدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىكى ھېلىقى ئالدىنقى قېتىم مەن 1500 يۈەن سېلىپ بەرگەن دوستۇم يەنە ئۇچۇر يوللاپتۇ. ئۆزىنىڭ بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا يەنە 1000 يۈەن پۇل ئۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ.

ھەي… دوستلۇق، دوستلۇق دېگەن پۇلدىنمۇ مۇھىم تۇرسا، دوستلۇقنى ۋاقتى كەلگەندە پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ… ئۆزۈم بىر دوستلۇققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان (ئۆزۈم شۇنداق قارايمەن) ئادەم بولغاچقىمۇ،ھە بولىدۇ دەپ ئۇ دوستۇمغا يېنىمدا قالغان 1000 يۈەننى سېلىپ بەردىم. بەرىبىر مەن مەكتەپتە كۆپ پۇل خەجلىمىگەندىكىن، دوستۇمنىڭ ئىش ھەققى چىققاندا ئاندىن مەكتەپكە تاپشۇرساممۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن بەرگەن دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنىمۇ ئوبدانلا «خەجلەپ» تۈگەتتىم.

ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. مېنىڭ بۇ ئىككى «قەدىناس» دوستۇمنىڭ ھېچ قايسىسىدىن خەۋەر يوق. ئارىدىن قىشلىق تەتىلمۇ توشتى. چۈنكى مەن قىشلىق تەتىلدە يول كىراسىنى تىجەش ئۈچۈن ئۆيگە قايتمىغان ئىدىم. ئىككىنچى مەۋسۇمدا مەكتەپ يەنە پۇل سۈيلەشكە باشلىدى. پۇل يوق دېسەم يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئالدىنقى مەۋسۇم ئاخىرىدا بەرگەن دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىچۇ دەپ سوراپ تۇرىۋالدى. شۇڭا ئۆيگە بېرىپ كېلىشىمچە 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغانلىقى (ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنچىلىك كېتەتتى) شۇڭا تەتىلدە يۇرتقا قايتىش جەريانىدا يول كىراسىغا ئىشلەتكەنلىكىم توغرىسىدا يالغان توقۇپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنى ئاران دېگەندە تەسىرلەندۈردۈم. ئەمما مېنىڭ بۇ «قەدىناس» دوستلىرىمدا يەنىلا سادا يوق ئىدى. بەلكىم ئۇلار قىشتىكى سوغۇقتا ئۆچەككە كىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن ئۆچەكتىن چىقىشىنى كۈتتۈم. لېكىن ھېچقايسىسى ئۆچەكتىن چىقىدىغاندەك ئەمەس. كېيىن ھېلىقى باشقا بىر شەھەردىكى تولۇق ئوتتۇرىدا بىر مەكتەپتە ئوقۇغان دوستۇمغا بەرگەن پۇل توغرىسىدا يەنە بىر دوستۇم ئارىغا چۈشۈپ (چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىمنى ئوبدان چۈشىنەتتى ھەم ھېلىقى دوستۇم بىلەن بىر ياتاقداش بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى.) ئاران دېگەندە ماڭا قايتۇرغۇزۇپ بەردى. ئەمما مېنىڭ ئاۋۇ 2500 يۈەن سېلىپ بەرگەن دوستۇمدىن بولسا ھېلىھەم سادا يوق ئىدى. كېيىن تېلېفۇن قىلسام ئالمايدىغان، ئۇچۇر يوللىسام قايتۇرمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ «قەدىناس»لىقىغا دەز كېتىشكە باشلىدى. كېيىن يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمدە يەنە بىر دوستۇم ئارىغا چۈشۈپ ئاران دېگەندە 700 يۈەننى ئېلىپ بەردى. ئىشلار شۇنىڭ بىلەن شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى. مەن تېلېفۇن قىلسام بۇ «قەدىناس» دوستۇم ئالمايدۇ ياكى ئالغان تەقدىردىمۇ بىر نەچچە قېتىم ھەر خىل تۇزسىز باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى «پۇل بولسا بېرەرمەن!» دەپ مال ئېگىسىدىن ئوغرى يامان دېگەندەك ماڭا تازا ۋارقىراپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇلۇمنى يانچۇقۇمدىن تارتىۋالمىغاندىكىن، ئۆزۈم ئۆز قولۇم بىلەن ئۇنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەندىكىن ئۆزۈمگە ئاز دەپ سۈيلەشتىنمۇ زېرىكتىم.

ئارىدىن كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ دېگەندەك مەنمۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قالدىم. لېكىن ئويۇن باشلاندى. چۈنكى مەن بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولغاچقا مەكتەپ مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامەمنى ۋە ئىلمىي ئونۋان گۇۋاھنامەمنى بەرمەيدىغانلىقىنى، پەقەت پۇلنى تولۇق تاپشۇرسام ئاندىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ھېلىقى «قەدىناس» دوستۇمغا تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. بىر ئامال قىلىپ ياردەم قىلىشىنى، مېنىڭ بۇ كېيىنكى ھاياتىمغا تاقىشىدىغان ئىشقا چوقۇم ئامال قىلىپ ماڭا پۇل ھەل قىلىپ بېرىشنى ئېيتتىم. ئەمما ئۇ يەنىلا شۇ پۇل تاپسا بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى ئېيتىپ ماڭا يەنە بىر قېتىم ئوبدانلا ۋارقىراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي دەپ گۇۋاھنامىلەر بىلەن كارىم يوق (بەرىبىر مەندە پۇل بولمىسا، ئامال يوقتە.) مەكتەپتىن ئايرىلىش تەييارلىقىمنى قىلىپ، دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۈردۇم. ئەتە كېتىمىز دېگەن كۈنى فاكولتېتتىن تېلېفۇن قىلىپ مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامەم ۋە ئىلمىي ئونۋان گۇۋاھنامەمنى ئەكىلىۋېلىشنى ئېيتتى. ئۆز قولىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ قانداق مۆجىزىدۇر دەپ؟ فاكولتېتقا بارسام ھېچ گەپ قىلمايلا ئىككى گۇۋاھنامەمنى بەردى. يېتەكچى ئوقۇچۇمنىڭ يېنىغا كىرىپ سەۋەبىنى سورىسام مېنىڭ كەم قالغان ئوقۇش پۇلۇمنى مەكتەپ مالىيەسىدىن كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى، شۇڭا گۇۋاھنامەمنى قولۇمغا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مانا يۇقىرىدىكى ئىشلار باشقىلارنىڭ ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇپ مېنىڭ ھاياتىمغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان ھادىسە ئىدى.

ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش ئادەتتە مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرى قەتئىي ياخشى ئەمەس. باشقىلار شۇنچە ئىشەنسە، ئەمدى كېلىپ ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ دېگەندەك بۇنداق مۇئامىلىدە بولسىڭىز، ئىشىنىمەنكى ھامان بىر كۈنى بۇنىڭ چوڭ زىينىنى تارتىسىز. ھازىرغىچە ھېلىقى «قەدىناس» دوستۇمغا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاشۇ بىر قېتىملىق تېلېفۇنى، بىر قانچە تال قىسقا ئۇچۇرىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۇل سېلىپ بەرگەن ئەخمەقلىقىم ئۈچۈن، ئۇ «قەدىناس» دوستۇم تا ھازىرغىچە بېشىنى ئىچىگە تىقىپلا يۈرۈيدۇ. كېيىن ئاڭلىسام ئۇ 18000 يۈەنگە ئۆي سېتىۋاپتۇ، ئەمما مەندەك بىر ئەخمەق دوستىنىڭ كىچىككىنە پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەي ئۆتۈشكە رازى بوپتۇ. بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن شۇنچىلىك قۇربانلىق بېرىش ئاسانمۇ؟ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز ئۇنامدۇ؟ بۇ ئىشلار شۇ پېتى قېلىۋەردى. ئۇ «قەدىناس» دوستۇمنىڭ پۇلۇمنى بەرمىگىنىگە مەن ئاچمۇ قالمىدىم، ھەر ھالدا ھازىرقى ئەھۋالىم ئۇنىڭدىن ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمىسەمم، ئەمما يېقىندا تۇرمۇشۇمدا يەنە بۇ خىل ئىشلار قايتا تەكرارلىنىپ مېنى بۇ ھەقتە ئازراق بىر نەرسە يېزىپ ئىچىمدىكى بۇ ئىشلارنى مېنىڭ مۇشۇ ئىشلىمەس قوتۇر كاللامدىن بۇرۇنراق چىقىرىپ تاشلاشقا تۇرغان بولغاچقا، بۇ قېتىم بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

مېنىڭ يەنە بىر دوستۇم (ئەمىلىيەتتە ئىنىمنىڭ دوستى ئىدى) بولىدىغان، بىر نەچچە قېتىم ماڭا ئۆزىنىڭ بىر رەقەملىك ئاپارات سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ ياردەملىشىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، سېتىۋېلىشىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇشقا كۆڭلۈم چىدىماي ماقۇللۇق بەردىم. مەن بىر كۈنى قىزىل بايراق يولىدا تويۇقسىز بىر ئاپاراتنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. قارىسام يامان ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بۇ دوستۇم ئېسىمگە كېلىپ، تېلېفۇن قىلدىم. مۇشۇنداق ئاپارات بارلىقىنى، باھاسىنىڭ 900 يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئېلىش ئالماسلىقنى سورىدىم. ئۇ يېنىمدا پۇل بولسا ئېلىشىمنى، كەچتە يېنىمغا كېلىپ پۇلنى بېرىپ ئاپاراتنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئاخىرى باھا تالىشىپ يۈرۈپ 800 يۈەن يېنىمدىن چىقىرىپ ئۇ ئاپاراتنى سېتىۋالدىم. ئەمما ھېلىقى دوستۇم كەچلىكى كەلمىدى. ئەتىسى كېلىپ ماڭا 400 يۈەن بېرىپ، قالغىنىنى ئىككى كۈنگىچە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاپاراتنى ئېلىپ كەتتى. ئارىلىقتا بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ئەمما ئۇ پۇلنى ھېچ قايتۇرمىدى. ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم تېلېفۇن قىلغانمۇ بولدۇم، ئەمما يەنىلا چىرايلىقچە ئەھۋاللىشىپ، باشقا گەپ قىلىشمىدۇق. خىيالىمدا تېلېفۇن قىلسام ئېسىگە كېلىدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى.

ھەممەيلەن بىلسە كېرەك، ئۈرۈمچىدەك بۇ شەھەردە ھازىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي ئىزدەپ تېپىشمۇ ناھايىتى قىيىن ئەھۋال، تۇرمۇشتىمۇ ئاساسەن ئېشىنچە يوق. يېقىندا ئىش ھەققىم چىققان بولسىمۇ ئەمما ئۆينىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ قالغان بولغاچقا، ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تۆلەيدىغان بولۇپ قالدىم. يېرىم يىللىقنى بىراقلا تۆلەيدىغان بولغاچقا يېنىمدىكى بارلىق بىساتىم ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تۆلەشكە كېتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن يېنىمدا ھېچ قانداق پۇل قالمىدى. ئاخىرى يەنە تېلېفۇن قىلىپ ئۇ دوستۇمغا يېنىمدا پۇل قالمىغانلىقىنى، شۇڭا مۇمكىن بولسا پۇلنى سېلىپ بېرىشنى ئېيتتىم. مەندە نېمە ئامال؟ ئەسلىدىغۇ بۇنداق قىلمىسام بولاتتى، ئۇنىڭمۇ بەلكىم قىيىنچىلىقى بولۇشى مۇمكىن، ئەسلى ئۇ ئۆزى ئۆزلۈكىدىن بەرگەن بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى. ئەمما ماڭىمۇ ئامال يوقتە! لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بۇ دوستۇم مېنىڭ ئاۋۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن «قەدىناس» دوستۇمدىن ياخشى، ھەر ھالدا كۆپ ساقلاتمايلا بېرىۋەتتى. ئاللاھ دوستلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولۇشىغا نىسىپ قىلغاي.

يەنە بىرسى بولىدىغان، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن بىر قانچە تال تېلېفۇن باتارىيەسى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن بىر تونۇشۇمنىڭ بارلىقىنى ئيېتىپ قويۇپتىمەن. ئارىلىقتا ھەمىشە خىزمەت ۋاقتىدا كۆپ تېلېفۇن قىلىپ كەتتى. تونۇشۇم بار دەپ قويغانغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم. بىر نەچچە قېتىم دەم ئالغان ۋاقتىمدا تېلېفۇن قىلسام ئۆزىنىڭ ۋاقتى يوقلىقىنى ئېيتتى. بولىدۇ دەپ يەنە ئۆز ئىشىم بىلەن ئۆتسەم يەنە شۇ خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئارىلىقتا بىر ئايدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئاخىرى ئۇ ئالىدىغان باتارىيەلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ، مۇمكىن بولسا مېنىڭ ئۇ باتارىيەلەرنى ئىزدەپ بېقىشىمنى ئېيتتى. ئۆزى بىر قېتىم مېنىڭ ۋاقتىم بولمىغاچ جوڭشەن تېلېفۇن بازىرىدىن ئىزدەپ، ھەر بىرىنىڭ باھاسىنىڭ 60 يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ جەمئىي ئۈچ خىل باتارىيە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭ ھېلىقى تونۇشۇم ئادەتتە ماڭا توپ باھادا بېرەتتى. ئۇنىڭ ئالماقچى بولغان باتارىيەلىرى ئاز تېپىلىدىغان تىپتىكى باتارىيەلەر ئىكەن. مەن ئاخىرى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئىككىنى يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالدىم. (بىرسى يوق ئىكەن.) ئىككى باتارىيەنى 80 يۈەنگە سېتىۋالدىم. ئەمما ھېلىقى دوستۇم ئودا ئىككى ئاي دائىم ماڭا تېلېفۇن قىلىپ مەندىن باتارىيە ئېلىشقا ياردەملىشىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، مانا ئەمدى مەن باتارىيەنى ئۆزۈمنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقا بولسىمۇ ھازىرغا كەلگەندە بىرەر پارچە ئۇچۇرمۇ يوللىمايدۇ. تېخى كېلىپ باتارىيەرىڭنى ئېلىپ كەتكىن دېسەم، ۋاقتىم يوق. ئەھۋالغا قاراپ باقاي دەپلا بولدى قىلىدۇ. گەرچە مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ باتارىيە سېتىۋېلىشقا خەجلىگەن پۇلۇم 80 يۈەن بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ ماڭا باتارىيە سېتىۋالغان پۇلنى سېلىپ بېرىپ، ئاندىن باتارىيەنى ۋاقتىم چىققاندا بىر گەپ بولسۇن دەپ قويۇپ ئەكىتەمدۇ ئەكەتمەمدۇ نېمە قىلسا بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئېلىشتىن بۇرۇن ھە دېسە تېلېفۇن قىلىپ، ئادەمنى بىكار قويمايدۇ. مەنمۇ يادەملىشەي دەپ لەۋزە قىلىپ قويغاندىكىن لەۋزىمنى يەردە قويماي دەپ ئۇنىڭ ۋاقتى چىقمىسىمۇ ئۆزۈم ئالاھىتەن جوڭشەن تېلېفۇن بازىرىغا بېرىپ ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ باتارىيەنى سېتىۋېلىپ بولغاندا ئەمدى شۇنداق گەپ قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئېشەكمۇ جېنىدا بىر قېتىم دەسسىگەن ئورىغا ئىككىنچى قېتىم دەسسىمەيدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا يەنە ھاجىتى چۈشمەسمۇ؟ ئەگەر ھاجىتى چۈشسە مەن ئەلۋەتتە ئويلىشىپ باقىمەندە. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش ھادىسىلىرىدۇ.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن چېتىشلىق بولغاچقا، بەلكىم بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم، سېنىڭ شۇ 80 يۈەن پۇلۇڭنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانغا ئاچ قالامتىڭ؟ دەپ سۇئال قويۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە ئاساسلىق تەكىتلەنمەكچى بولغان مەسىلە ھەرگىزمۇ بۇ پۇل مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى ئىشەنچ مەسلىسى. باشقىلار ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىمۇ 1400 يۈەن پۇلنى قايتۇرمىغىنىغا ئاچ قالمىغان ئادەم، ئەمدى ئۇ 80 يۈەن ئۈچۈن ۋە ياكى 400 يۈەن ئۈچۈن ئاچ قالماسمەن. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشى پىلان بويىچە بولىدۇ. كۆپ ئادەملەر تۇرمۇشىنى پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن بولىدۇ. سىزنىڭ شۇنچىلىك ئىشەنچىنى يەردە قويۇشىڭىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇش پىلانلىرىنى تەرتىپسىز قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ، قىسقىسى ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ.

2011-يىلى 12-دىكابىر      ئۈرۈمچى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى