ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان 1-پارچە خەت (1)

جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان 1-پارچە خەت (1)

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 7704 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت بىرىنچى پارچە (1)
لى كەيفۇ
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى:ياسىنجان
تەھرىر: ئىلقۇت

بىرىنچى پارچە خەت ‏ـــــ سەمىمىيلىك ھەققىدە
بۇيىل 5-ئاينىڭ 23- كۈنى، بىل گېيتىس «ۋول كوچىسى ھەپتىلىك گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ماقالىسىدە يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك سۆھبىتىنى ۋە شۇ چاغدىكى تەسىراتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مۇنداق بىر ئويغا كېلىپ قالدىم، جوڭگودا ئۆتكەن يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە خىزمىتىمدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىنارلىق ئىش دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپتۇ. زىيارەت جەريانىدا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان كەسىپ، كەلگۈسى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈزمۇ‏-يۈز پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىللىقلىقى، ئۆگىنىشنى سۆيۈشى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەندىن ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. دۆلەت ئىچىدە قېلىشنى قارار قىلغان ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا بىر توغرا يولنى تاللىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا تىز نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئېيتىشتى. يەنە بەزى ئەمدىلا ئالى مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم باسقان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى تەجرىبە‏-ساۋاقلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندى. يېقىندىن بۇيان يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تور ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قىزىقىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق ئىگىلىك تىكلەيدىغانلىقى ۋە باي بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئېيتىشتى.
مۇنچىۋالا كۆپ ساۋاقداشلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلگەن ۋە ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىگە قاراپ، شۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ زۆرۈرىيەت جۇڭگولۇق ساۋاقداشلارغا خەت يېزىش ئىدى. يەنى ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ھاسىل بولغان بەزى ئوي خىياللىرىمنى ۋە مەسلىھەتلىرىمنى ئۇلارغا يېزىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش، خىزمەت ياكى ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىش ئىدى.
سەمىمىي تۈز بولۇش پرىنسىپى
ئالما شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىركۈنى مەن ئۆستۈرگەن بىر مۇدىر ناھايىتى مەيۈس ھالدا يېنىمغا كىرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۇنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ۋە خىزمىتىنى باشقىلار غا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن:«سىزچە سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز نېمە؟»دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا:«مەن بىر سەمىمىي تۈز ئادەم»دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭغا يەنە: «ئەينى ۋاقىتتا سىزنى مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈشۈمدىكى سەۋەب دەل سىزنىڭ بىر سەمىمىي تۈز ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ئىدى. باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە كىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كېيىنچە ئۆگىنىپ كېتىسىز. ئەمما سىزدەك سەمىمىي تۈز ئادەمنى تاپماق ئاسان ئەمەس.» دېگىنىمدە ئۇ شۇندىن كىيىن داۋاملىق ئىشلەپ قالدى. مەن قول ئاستىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش جەھەتتە ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم بەردىم. كىيىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بىر تالانتلىق باشقۇرغۇچى بۇلۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇھازىر ئىشلىرى ناھايىتى غەلبىلىك بولىۋاتقان شىركەتنىڭ بىر بىرىنچى قول تېخنىك مۇدىرى.
كيىىنكى كۈنلەردە مەن بىر خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئادەمدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغىنىمدا ئۇنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدىم. ئىمتىھان جەريانىدا، ئۇ ماڭا ئەگەر مەن ئۇنى قۇبۇل قىلسام ئۇ بۇرۇنقى شىركىتىدىكى بىر تۈرلۈك كەشپىياتىنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداق دېدىيۇ دېگەن گېپىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى پەملەپ، ئۇ كەشپىياتنى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قىلغانلىقىنى ۋە دېرىكتورنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە باشقا قابىلىيەتلىرىگە قارىماستىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلدىم. سەۋەبى ئۇنىڭدا ئەڭ ئاددى كىشىلىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپى ۋە كەسىپى ئەخلاق‏ __ سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىق يوق ئىدى. ئەگەر مەن ئۇنى قۇبۇل قىلسام، كىم ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى «ئشتىن سىرتقى كەشپىيات» قاتارىدا باشقا شىركەتلەرگە سوۋغا قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: بىر ئەخلاقى پەزىلىتى مۇكەممەل بولمىغان ئادەمنىڭ بىر ھەقىقى نەتىجە ياراتقۇچى بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئامېرىكىدا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچان ۋە ئەلاچى ئىكەنلىكىنى جىق ئادەم بىلىدۇ. ئىلگىرى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەر ۋە بەزى پروفېسسورلار بۇنىڭدىن كىيىن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلغۇسى يوقلىغىنى بىلدۈرۈشتى. سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كېلىشتى، ئەمما خىزمەت تېپىۋالغاندىن كېيىنلا مەكتەپتىن ئايرىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشقا ۋەدە قىلىپ بولغان ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇشتى. مۇنداق ئېغىزدا دېگەننى ئەمەلىيەتتە قىلمايدىغان سەمىمىيەتسىزلىك ئاز بولمىغان بىر قىسىم ئامېرىكا پروففىسورلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى مۇنداق سەمىمىيەتسىز جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئاز سانلىق، ئەمما مۇشۇ ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلار جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن پروفېسسورلار جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇش خەتلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئايان، ئۇ تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى يېزىۋالغان خەتلەر، ئاللىبۇرۇن پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقان. مانا بۇ سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى.
مەن مىكروسوفت تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بىر مەسىلىگە يۇلۇققان ئىدىم. بىر پراكتىكانت ئوقۇغۇچى ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى ياخشى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى. ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى قايتا تەجرىبە ئىشلەپ چىقارغىلى بولمىدى. كىيىن مەلۇم بولىشىچە ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى تاللىۋېلىپ باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى تاشلىۋېتىپتىكەن. مېنىڭچە بۇئوقۇغۇچى مەڭگۈ ئىلىم-پەن ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ، ھەتتا بىر لاياقەتلىك تەتقىقاتچىمۇ بولالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم ئۇششاق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر. ئۇلار مەكتەپنىڭ ياكى شىركەتنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ شەخسى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇن ئۇرىدۇ، دائىم تاكسى بېلەتلىرىنى ئاتچوت قىلدۇرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا ئاساسلىق ئوقۇش نەتىجىسى ۋە كەسپىگە قاراش كېرەك ، ئۇششاق ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇششاق ئىشلار دائىم ئادىمىيلىك پەزىلىتى ۋە سەمىمىيلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدۇ. بەزى ئۇششاق مەنپەئەتكە ئامراق، باشقىلارنى ئالدىدىم دەپ ئۆزىنى ئالدايدىغان كىشلەر مۇشۇ ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ نەپسانىيەتچى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان خۇنۈك ئوبرازىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ چوڭ ئىشتىن زىيان تارتىدۇ. مېنىڭ مۇنداق كىشىلەر گە دەيدىغىنىم: «تېرىقتەك يامان ئىش بولسىمۇ قىلىپ سالماڭ» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.

كوللېكتىپ ئىچىدە ياشاش
كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ۋە كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى بىر قەدەر كەمچىل. بۇنى بەلكىم مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۈزلۈكسىز يەرشارىلىشىۋاتقان جەمئىيەتكە يۈزلەنگىنىمىزدە، كوللېكتىپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر ئادەم بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىشىمىز ۋە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىز تولىمۇ مۇھىم.
ئىپادىلەش ۋە ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى سىز قانچىلىك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەڭ، ئەگەر سىز ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە تەڭ بەھرىمان بولىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىسىڭىز ، قىلغان ئەمگىكىڭىز ئاساسەن نۆلگەتەڭ. شۇڭلاشقا ئوقۇش مەزگىلىدە بىر ئادەم يەككە-يېگانە ياشىماسلىقىڭىز كېرەك، ئەكسىچە ئامالنىڭ بارىچە جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى، ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ھەتتا ئاممىۋى يىغىلىشلاردا سۆز قىلىپ ئىپادىلەش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك.
ئىپادىلەش ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سۆز قابىلىيىتىڭىزلا ئەمەس. خارۋارد ئۇنېۋېرىستېتىدىكى Ambady پروفېسسور يېقىندا مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن بۇلۇپ، ئۇ ئىككى گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى بىرنەچچە پروفېسسورلار نىڭ دەرس ئۆتۈش سۈپىتىنى باھالاتقۇزغان.
ئۇ پروفېسسورلارنىڭ دەرس سۆزلىگەن سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئاۋازسىز ھالدا بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بەرگەن. ئاندىن بۇ گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى بۇ پروفېسسورلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاۋاتقىلى نەچچە ئاي بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھالاش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇر غاندا نەتىجە كىشىنى ھەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە ئوخشاش چىققان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئادەم ئوي پىكىرىنى ئىپادىلىگەندە تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تىلدىن باشقا ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشاش دەرىجىدە مۇھىم. ھەتتا بەزى چاغلاردا تىلدىن باشقا ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ رولى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ رولىدىن ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇيەردە دېيىلىۋاتقان تىلدىن باشقا ۋاستە ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى سىرتقى كۆرۈنۈش، يۈرۈش-تۇرۇش، سۆزلەش تەلەپپۇز ئاھاڭى ۋە چىراي ئىپادىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر مۇشۇ تەرەپلەر ئارقىلىق سىزنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىڭىزنى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ۋە باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزنى تېخىمۇ روشەن كۆرىۋالالايدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ناھايىتى مۇھىم بولغان «تۇنجى تەسىرات» قا ئېرىشىدۇ.
بىر شىركەت، بىر گوروھ، ھەتتا بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى ناھايىتى مۇھىم . مىكروسوفت شىركىتى ئامېرىكىدا ئالاھىدە كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى بولغىنى بىلەن داڭلىق. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ windows2000 مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش جەريانىغا 3000 تەتقىقاتچى ئېنژىنىرلار ۋە سىناق قىلغۇچىلار قاتناشتى، ئەللىك مىليون قۇر كود يېزىلىپ چىقىلدى. ئەگەر ئۇلاردا يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى ۋە بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى يوشۇرۇن ماسلىشىش بولمىغان بولسا مۇنداق چوڭ قۇرۇلۇش ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانمىغان بولاتتى.
مەن باشقا شىركەتلەردە ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ئەكسىچە ئەھۋاللارنىمۇ كۆرگەن. بىر تۈرلۈك ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ھېچكىم ئېغىزدىن چىقىرىشمايدۇ. ياكى دىرېكتورغا ئېيتمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئايان، ئىشقىلىپ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىكمۇ تىرىشىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆپ ۋاقىتنى قانداق قىلغاندا بۇ ۋەزىپىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەنلىكىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا سەرپ قىلىدۇ. دەل مۇشۇنداق خىزمەتچىلەر ۋە مۇشۇنداق خىزمەت ئىستىلى شىركەتنى ھالاك بولۇش گىردابىغا سۆرەپ كېلىدۇ.
كوللېكتىپنى سۆيۈش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، مەن ساۋاقداشلارغا ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا جەمئىيەتتە كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش تەكلىپىنى بېرىمەن. پائالىيەت جەريانىدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئىشلەش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە نەتىجىسىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئارقىلىق كوللېكتىپنى سۆيۈش روھىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىلەر.
ئۆگىنىش جەريانىدا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىڭىزنى ۋە ياخشى ئامال-چارىلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالىمايدىغان خاراكتىرنى يىتىلدۇرىۋالماڭ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش نورمال پىسخىك ھالەت ئەمەس، ھەمدە بۇ خىل ئەنسىرەش ئىشىڭىزنىڭ غەلبىلىك بولىشىغا پايدىسىز. مۇنداق بىر ماقال بار «قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرسەڭ، شۇنچىلىك مېۋىگە ئېرىشىسەن.» ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر سىز باشقىلارنى «بۇ سېنىڭمۇ مېنىڭ، مېنىڭمۇ مېنىڭ دەيدىغان ئادەمكەن.» دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويسىڭىز، كېيىنچە سىز ياردەمگە موھتاج بولغاندا سىزگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟ ئەكسىچە سىز دائىم باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، ئەجىبا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشمەمسىز؟
كوللېكتىپ ئىچىدە دادىللىق بىلەن باشقىلارنىڭ تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىڭ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئىشلەتسىڭىز چوقۇم ئەسكەرتىپ ئۆتۈڭ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشسىڭىز چوقۇم رەھمەت ئېيتىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كوللېكتىپنى سۆيۈش روھىنىڭ ئەڭ ئاددى ئىپادىلىرى.

دىققىتىڭىز داۋامىدا بولسۇن ...

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى