ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دوستلۇق ھەققىدە ئىككى كەلىمە

دوستلۇق ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ۋاقتى: 2016-07-17 ئاۋاتلىقى: 6942 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دوست–قىيىنچىلىقتا قالغىنىڭىزدا سىزگە قولىنى سۇنغان ئادەمدۇر؛ دوست–تىت-تىت بولغىنىڭىزدا سەۋرچانلىق بىلەن يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلىغۇچىدۇر؛ دوست–ئۇتۇق قازانغىنىڭىزدا چىن كۆڭلىدىن سىز ئۈچۈن خۇشال بولغۇچىدۇر؛ دوست–خاتالاشقىنىڭىزدا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ قويغۇچىدۇر…

قانداق قىلغاندا ھەقىقىي دوست تۇتقىلى بولىدۇ؟

بىرىنچى، سەمىمىي، راستچىل بولۇش، ياسالمىلىق قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر دوست تۇتۇشتا سەمىمىي، راستچىل بولماي ياسالمىلىق قىلغاندا، ھامان بىر كۈنى دوستلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ-دە، بۇ ۋاقىتتا دوستلار سىز بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى سەمىمىيەتسىزلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە ھەرقانداق ئادەم سەمىمىيەتسىزلىككە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى سەمىمىيەتسىزلىك ھەر ۋاقىت ئادەمگە زىيان سېلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دېمەك ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بىكاردىن بىكار زىيانغا ئۇچىرىشىنى، ئارتۇقچە باش قېتىقچىلىقى ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا دوستلارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلماسلىق كېرەك. قىسقىسى ئاق كۆڭۈل، تۈز كۆڭۇل بولۇپ، قەلبىنى ساپ تۇتۇش كېرەك.

ئىككىنچى، مەنپەئەتنى ئاساسىي ئورۇنغا قويماسلىق، مەنپەئەت ئۈچۈن دوست تۇتماسلىق كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ دوست تۇتۇش نىشانىڭىز پۇل ئۈچۈن، باشقىلاردىن پايدىلىنىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا سىزنىڭ دوستلۇقىڭىزنىڭ مەغلۇب بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. دەسلەپتىلا مەنپەئەتنى كۆزلەپ تۇتۇلغان دوستلۇق ئۇزاق راۋاجلانمايدۇ. چۈنكى سىز پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈنلا باشقىلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقان بولغاچقا، ئەگەر باشقىلاردىن سىزگە كۆڭلىڭىزدىكىدەك مەنپەئەت تەگمىسە ئۇ ھالدا سىز ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا باشلايسىز-دە، بىلىپ-بىلمەي مۇئامىلىڭىزدە باشقىلارغا سوغۇقلۇق قىلىپ قويىسىز. شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم سىزنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، سىز بىلەن ياخشى بولغان دوستلۇق ئورناتماي تۇرۇپ سىزگە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشى ناتايىن. شۇڭا دوستلۇق دەسلەپتىلا مەنپەئەتنى ئاساس قىلماسلىقى، پۇلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىۋالماسلىقى كېرەك. دوستلۇق پەرۋىشكە، قوغداشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج. دوست تۇتۇشتا ئاۋۋال ئىشنى دوستلۇقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىش، بۇ دېگەنلىك باشقىلار بىلەن مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش جەريانىدا باشقىلارنى كۆزىتىش، شۇ جەرياندا بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ. دۇستلۇقىڭىز تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا، ئاندىن دوستلۇقنى ئىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىز قارىشى تەرەپ بىلەن ياخشى بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرگە ئىش قىلىش ئارقىلىق ھەمكارلىقنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سىز جىددىي ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا دوستىڭىزدىن پۇل سورىسىڭىزمۇ ئۇ سىزدىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن پۇل بېرىپ تۇرۇشقا رازى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر دوستىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا سىزمۇ ھەرگىز قاراپ تۇرمايدىغانسىز؟ ئەگەر دوستىڭىز سىزدىن ياردەم سورىسا سىزمۇ ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىڭىزنى سۇنىسىزغۇ دەيمەن؟ شۇڭا، ئەڭ مۇھىمى ياخشى بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمما شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى دوستىڭىزدىن پۇل سوراشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىڭىز، دوستىڭىزنىڭ پۇلىنى چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن دوستلۇقىڭىزنىڭ ئۇلىغا دەز كېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

ئۈچىنچى، كەمتەر، كىچىك پىئىل بولۇش كېرەك. دوستلۇقتا كەمتەرلىك ۋە كىچىك پىئىللىق كەم بولماسلىقى كېرەك. پەقەت باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغاندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز دوستىڭىزغا كىبىرىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز، ئۇنى ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنىڭ بۇ دوستىڭىز داۋاملىق سىز بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس. ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج نەزەرىيەسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى بولىدۇ. دوستلۇق ھېچقاچان سەدىقە بويۇمى ئەمەس. دوستلۇق پەقەت باراۋەر، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىنىش بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ. دوستلۇق ناھايىتى نازۇك قەلب ئەينىكىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى، ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئاسرىشى، پەرۋىش قىلىش، قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق. دوستلۇق خۇددى ئىككى خىل خىمىيەلىك ماددىنىڭ رىئاكسىيەسىگە ئوخشايدۇ. ئىككى خىل خىمىيەلىك ماددا رىئاكسىيەلەشسە ھەر ئىككى ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىر خىل ماددىدا خۇسۇسىيەت جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ يەنە بىر خىل ماددىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغان رىئاكسىيە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك دوستلۇق ئورنىتىلغان ئىكەن، چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش-ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى كېرەك. بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىپ يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقارمايدىغان دوستلۇق تەرەققىي قىلمايدۇ. شۇڭا دوستلۇقتا چوقۇم سەمىمىيلىك، كەمتەرلىك بولۇشى كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلماسلىق كېرەك. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى گېپىنى قىلسىڭىز بولىدۇكى، ھەرگىز ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلماسلىقىڭىز كېرەك. بۇ دوستلۇقتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

ئادەم ئۆمرىدە قانچىلىك دوست تۇتالايدۇ؟

ئىجتىمائىي پىسخىئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم ئۆمرىدە 10، 30 ۋە 60 دوست تۇتالايدىكەن. بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان سانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەنىسى بولۇپ، 10 بىز ھەر ۋاقىت پۇل سورىساق قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىزگە پۇل قەرز بېرىپ تۇرالايدىغان دوستلار بولۇپ، بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئىشەنچلىك دوستلاردىن ئىبارەت. سىز پۇلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا سىزگە پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغانلار 10 دىن ئاشمايدۇ. بۇ 10 نىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزمۇ بار. سىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىز جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىزدا سىزگە پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلار پەقەت مۇشۇ 10 نىڭ ئىچىدە بولىدۇ. 30 بۇ ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان، بەزىدە بىرگە تاماق يەپ، ھەپتىدە بىر ياكى ئايدا بىر ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ياكى تېلېفوندا ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغانلار بولۇپ، بۇ خىل دوستلۇق خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى دوستلار دېيىلىدۇ. گەرچە سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما دىققەت قىلىپ باقسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، سىز ئالىي مەكتەپتە گەرچە شۇنچە كۆپ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇپ چىققان بولسىڭىزمۇ، ئەمما ھازىر ھەقىقىي تۈردە ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلار يەنىلا شۇ بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىكلا بولىدۇ. ساناپ بېقىڭ قانچە ئىكەن؟ ئومۇمەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان دوستلارنىڭ سانى 30 دىن ئاشمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىقى 60 بولسا، دائىم ئالاقە قىلمايدىغان، ئەمما تويۇقسىز تېلېفون قىلىپ قالسا تېلېفوننى ئېلىپلا ھەيران قالىدىغان دوستلار بولۇپ، بۇ خىل دوستلار ئاساسەن ئىش-ھاجىتى بولمىسا ئۆز-ئارا ئىزدەشمەيدۇ. پەقەت ھاجىتى چۈشكەندىلا باشقىلار ئېسىگە كېلىدىغان، بولمىسا باشقا ۋاقىتتا ئۇلار ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان دوستلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىدىكىلەردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئۆمرىدە تۇتقان دوستلىرى 100 دىن ئاشمايدۇ. ھەرگىزمۇ تېلېفون خاتىرىڭىزدە 3000 ئادەمنىڭ تېلېفون نومۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ 3000 دوستۇم بار دېيەلمەيسىز.

ھازىرقى دەۋردە دوستنىڭ رولى نېمە؟

بىرىنچىدىن، ھېسسىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. ئادەم ھايات بولغان ئىكەن باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە مۇھتاج. ئادەم كۆڭلى غەش بولغاندا، قايغۇرغاندا، بېشىغا كۈن چۈشكەندە دوستلىرىغا قەلب سۆزلىرىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئىچىنى بوشىتىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەشكە مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما ئادەم خالىغان كىشىگە دەردىنى تۆكۈپ، ئىچ سىرىنى ئېيتىپ يۈرەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا چوقۇم سىرداش دوستقا ئېھتىياج چۈشىدۇ. شۇڭا ياخشى دوست تۇتۇشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. دوستسىز تۇرمۇش تۇزسىز تاماققا ئوخشايدۇ. ئادەم دوست بىلەن كۆكلەيدۇ ھەم دوست بىلەن كۆڭلى يايرايدۇ.

ئىككىنچىدىن، بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. ئادەم قىيىنچىلىقتا قالغاندا دوستلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئادەم قىيىنچىلىقتا قالغاندا ھەقىقىي قول سۇنۇپ قىيىنچىلىقتىن ھالقىشقا ياردەم بەرگۈچىلەر يەنىلا ئاشۇ بىر تۈركۈم 10 نىڭ ئىچىدىكى دوستلاردۇر. ئەلۋەتتە 30 نىڭ ئىچىدىكى دوستلارنىڭمۇ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئادەم بەزىدە يەنە روھى جەھەتتىن مەدەتكە، قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

قىسقىسى، ئۇچۇر دەۋرىدە دوستلۇقنىڭ ئەڭ زور رولى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش. مەسىلەن: مەن دائىم ماتېرىيال تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانسام، ھەمدە مېنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە دوستلۇرۇم بولسا، شۇ ساھەدە ماڭا ئېھتىياجلىق ئۇچۇر بولسا، يەنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولغان ماتېرىيال بولسا مېنىڭ ئاشۇ دوستلىرىم ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئۇچۇرنى ماڭا يەتكۈزىدۇ. ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە بۇنداق ئىچكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش بەزىدە ئادەم ئويلاپ باقمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى دەۋردىكى دوستلۇقنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قىسقىسى دوستلۇق مەنپەئەتنى ئاساس قىلماسلىقى كېرەك. ئەمما دوستلۇق تەرەققىي قىلىپ يېتەرلىك دەرىجىگە بارغاندا، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تەبئىي بولىدۇ.

قانداق ئەھۋالدا ھەقىقىي دوست بىلەن يالغان دوستنى ئايرىغىلى بولىدۇ؟

ھەقىقىي دوست بىلەن يالغان دوستنى ئايرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بېشىغا كۈن چۈشكەندە بولىدۇ. مەسىلەن: كەسىپتە مەغلۇب بولغاندا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەقىقىي دوستلار ئۆزىنى تارتماستىن بەلكى چىن قەلبىدىن يادەم قولىنى سۇنىدۇ. ئەمما يالغان دوستلارنى بولسا بۇۋاقىتتا چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. سىز جىددىي ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىزدا، ئومۇمەن ھەقىقىي دوستلار سىزدىن پۇل ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئايىمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا بىر ئامال قىلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما يالغان دوستلار بولسا ھە دېسىلا باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. مانا بۇ دوستلۇقنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك پەيت ۋە ئۇسۇلدۇر.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى