شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
بىز 200 ياشقىچە ياشىيالامدۇق؟
-
بىز 200 ياشقىچە ياشىيالامدۇق؟
ۋاقتى: 2016-09-25 ئاۋاتلىقى: 13008 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىز 200 ياشقىچە ياشىيالامدۇق؟مەنبەسى: «قامۇس بىلىملىرى» ژۇرنىلىتەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتكىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى، قېرىماسلىقنى، ئەڭ مۇھىمى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەمما مەڭگۈلۈك ھاياتلىق مۇمكىن بولمايدىغان خىيالدۇر خالاس. لېكىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. ياخشى ئۇخلاش ۋە پاكىزە مۇھىتتىن باشلاپ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ۋە ئاكتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بولغان نۇرغۇن ئامىللار بىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
1797-يىلى، گېرمانىيە ژېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پىروفېسسورى كرىستوفېر ۋىلىئام خۇ فلەندېرس بىر پارچە «ھاياتلىقنى ئۇزارتىش سەنئىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇ ئىنسانلار ھاياتىنى سەككىز يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. خۇ فلەندېرس نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىش ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئىلمىي بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى (سەي-كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، گۆش ۋە تاتلىق-تۈرۈملەرنى ئاز يېيىش)، ئاكتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلى، چىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر ھەپتىدە تېمپىراتۇرىسى نورمال سۇدا يۇيۇنۇش، ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتى، پاكىزە ھاۋا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى قاتارلىق ئامىللار.
گەرچە خۇ فلەندېرس ياشىغان ئۇ دەۋردە، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك بالىلارنىڭ ھاياتى 10 ياشقىمۇ بارمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن: ئەگەر ياۋا چېچەك (ئادەم بەدىنىگە چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلىك ۋىرۇسلۇق قاپارتما)، قىزىل، يەلتاشما قاتارلىقلار بالىلىق دەۋردىكى كېسەللىكلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەندە، بىر ئادەمنىڭ 35 ياشقىچە ياشاش ئىمكانىيىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك شارائىتتا بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ 200 ياشقا بارىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
18-ئەسىردە ياشىغان بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇ فلەندېرسنىڭ «ئادەم 200 ياشقىچە ياشىيالايدۇ» دېگەن بۇ پەرىزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىيالمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.
گېرمانىيە ماكىس پىلانك نوپۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ ھاياتلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى جامېس ۋات پېئارل: كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئۆتمۈشتىكى 100 يىلدا ئىزچىل ھالدا تۆۋەنلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن ئىلگىرى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۇزارتىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن، 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. يېقىندا، 80 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كىشلەرنىڭ ئۆمۈرى 10 يىلدا 2.5 ياش، ھەر 100 يىلدا 25 ياش ئاشىدۇ دەيدۇ.
كۆپ خىل ئامىللار ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيا دائىرىسىدە 100 ياشتىن يۇقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنىنىڭ سانى 2010~2050-يىلىغىچە 10 ھەسسە ئاشىدىكەن. گەرچە گېن ئۆمۈرنىڭ مۇھىم ئامىلى بولسىمۇ، ئەمما 100 ياشلىق ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى پەقەت گېن ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ گېنىدا نەچچە يۈز يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە ئۆزگىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ھەقىقىي تۆھپىكارى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشلىنىشىدۇر. مەسىلەن: ياخشى بولغان داۋالاش ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋىي سەھىيە ئەسلىھەلىرى، تېخىمۇ پاكىزە ئىچىملىك سۇ ۋە ھاۋا، تەربىيە سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، ئىللىق تۇرالغۇ مۇھىتى قاتارلىقلار.
كىشىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى ئىزدەپ تاپماقتا. بىر خىل مودا بولغان ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى بولسا ئىسسىقلىقنى چەكلەشتۇر. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، تەتقىقاتچىلار يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق چەكلىگەندە، ئاساسەن ئاچ ھالەتتە تۇرغان چاشقان ئۆمۈرىنىڭ تويۇنۇپ ياشىغان چاشقاندىن ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن ماكاكا مايمۇنى ئۈستىدە ئوخشاش تەجرىبە ئېلىپ بارغاندىمۇ بۇ نۇقتا قايتا ئىسپاتلانغان.
ئەمما ئامېرىكا دۆلەتلىك قېرىلىشىش تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك 20 يىل داۋاملاشقان تەتقىقاتىدا بولسا ئوخشىمىغان يەكۈن چىقىرىلغان. تەتقىقاتچىلار، گەرچە يېمەك-ئىچمىكى قاتتىق چەكلەنگەن ماكاكا مايمۈنىنىڭ قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇ نىسبىتى باشقا ماكاكا مايمۇنىدىن كېچىككەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى باشقا ماكاكا مايمۇنىدىن ئۇزۇن بولمىغان. تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاپتۇرى: گەرچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ھايۋانغا ئىسسىقلىقنى چەكلەش مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ پايدىلىق تەرەپلەر گېن، ئوزۇقلۇق ۋە مۇھىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بولغان دەپ قارايدۇ.
ئاق لويا ئالكوگولى يەنە بىر ئۈمىد باغلانغان ماددا بولۇپ، بۇ خىل خىمىيەلىك ماددا ئۆسۈملۈكتىن ئاجرىتىپ ئالغىلى بولىدىغان تەبئىي ماددا بولۇپ، بولۇپمۇ ئۈزۈم پوستىدا مول بولىدۇ. «ياشلىق بولىقى» ئۈزۈمزارلىققا يۇشۇرۇنغانمۇ؟ ھازىرچە بۇنىڭغا توغرا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. ئاق لويا ئالكوگولىدىن ئىسسىقلىقنى چەكلەشكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ساغلاملىققا پايدىلىق تەرەپلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۈگۈنگە قەدەر بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەتقىقاتتا ئاق لويا ئالكوگولىنى ئىشلىتىپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقانلىق بايقىشى ۋۇجۇدقا كەلمىدى.
كەلگۈسى 25 يىلدا قېرىش مەسىلىسى بەلكىم مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن
پۈتۈن يەر شارىدا ھەر كۈنى 150 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ قېرىشىدىكى سەۋەب، ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى زەخمىسى ھۈجەيرە قەۋىتىدە مۇكەممەل ئەسلىگە كېلىشكە ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىگە كەلمىگەن زەخمىلىنىش كۈنسېرى توپلىنىپ، بىر قاتار قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق بولمايدۇ. پولىپلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار ئۇچرىغان زەخمە ئاساسەن تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئەسلىگە كېلىش مۇمكىن بولمىغان ھۈجەيرىلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىدە بولسا، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھۈجەيرىلەر بەزىدە راك ھۈجەيرىسىگە تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئادەملەرمۇ پولىپلاردىن ھاياتلىق تەدبىرلىرىنى ئۆگەنسە، يەنى كۆپىيىشنى ئاساس قىلماستىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساسى تەدبىر قىلسا، ئەگەر زەخمىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، زەخمىلەرنىڭ توپلىنىپ قېلىشى چەكلەنسە، ئۇ ھالدا بىز قېرىش مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولىدۇ، ئۇ ھالدا ئۆمۈرىمىز زور دەرىجىدە ئۇزىرىشى مۇمكىن.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش جەھەتتە، ئالىملارنىڭ مۇداخىلە تېخنىكىلىق فوكىس نۇقتىسى تېلومېر بولۇپ، تېلومېر خروموسوم (بويالغۇچى تەنچە)نىڭ يۇقىرىسىدىكى يىپلانغۇچى نۇقتىسى بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ قىسقىرايدۇ-دە، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش قېتىم سانىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تېلومېر قىسقىراش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، پولىپلار دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. لېكىن بۇ خىل يۇقىرى چېكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ بار ئەلۋەتتە. قىسمەن ئۆزگىرىپ كېتىشلەر ھۈجەيرىدە تېلومېر قىسقىرىمىغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان بولۇپ، «قېرىماس ھۈجەيرە»لەر سانىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما، قېرىشقا مۇداخىلە قىلىش تېخنىكىسى چوقۇم قاتتىق كونترول قىلىنغان شەرت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى، «قېرىماس ھۈجەيرە»لەرنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.
ئالىملار ئۈمىدۋارلىق بىلەن: كەلگۈسى 25 يىلدا قېرىش مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش نىسبىتى %50 كە بارىدۇ، يەنى بىز ھاياتلىق سەپىرىمىزدە ئاشۇ كۈننىڭ كېلىشىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
ئەمما بىز ھەرگىزمۇ ئاشۇ كۈننى ساقلاپ تۇرماسلىقىمىز، بەلكى دەرھال ساغلام بولغان تۇرمۇش سەپىرىمىزنى باشلىشىمىز ئەڭ مۇھىمدۇر.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«باھادىرنامە» 3-قىسىمدىن تەسىرات
2015-06-07 14:55:047662بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟
2015-11-25 13:36:2720797بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
2015-07-04 13:40:3710196قەھرىماننىڭ ئاھ-زارى (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆ
2015-05-18 22:16:489540لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 16:40:337513ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (3)
2015-06-24 10:08:4519753[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى
2015-06-07 14:51:148469ھايات چاقچىقى (4)
2015-06-23 12:37:367015
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-