ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىتاب−مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى

كىتاب−مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 7170 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن نەچچىمىز دېھقان ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىگە جەم بولدۇق. يىغىلغانلار ئىچىدە ھەر كەسىپتىكىلەر بار ئىدى. بىز تۈرلۈك تېمىدا پاراڭلاشتۇق، پارىڭىمىز قىزغىن ۋە كۆڭۈللۈك بولۇۋاتقاندا:

− سەن دېھقان بولساڭمۇ نۇرغۇن كىتاب ساقلاپسەن. مېنىڭدە يوق كىتابلار سەندە باركەن، − دېدى دوختۇر ساۋاقدىشىمىز «ئانا يۇرت» رومانىنى ۋاراقلىغاچ. شۇنىڭ بىلەن پارىڭىمىز كىتاب ئوقۇشقا يۆتكەلدى.

− شۇنداق، بىلىسىلەر، قول قىسقىلىقتىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىدىم. ئەمما، ئاتامدىن سىڭگەن كىتابخۇمارلىقىم سەۋەبلىك ھەر خىل تېما-ساھەگە دائىر كىتابلارنى يىغدىم، ئوقۇدۇم. بۇ ئۇدۇم بالىلىرىمغىمۇ مىراس بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇلارمۇ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق. راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ باي بولۇشۇمدا كىتابنىڭ ياردىمى چوڭ بولدى. كىتاب ئاتا قىلغان بىلىم بىلەن «ئاگرونوم»، «دېھقان زىيالىي» بولۇپ قالدىم.

1

دېھقان ساۋاقدىشىمىز كىتابنىڭ خاسىيىتىدىن يېتىكلەنگەنلىرىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن كارخانىچى ساۋاقدىشىمىز سۆز قىستۇرۇپ:

− ھەقىقەتەن شۇنداق. مەن ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن بىلىم، تەجرىبە، ئەقىل-پاراسەت ئۆگىنىپ شىركەت قۇرۇپ، نەچچە ئون ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىم، مانا بۇلار كىتابنىڭ خاسىيىتى.

− تامامەن شۇنداق بولۇشى ناتايىن، − دېدى كادىر ساۋاقدىشىمىز، − مانا مەن كىتاب ئوقۇمايمۇ خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىمەن. مېنىڭچە كىتاب دېگەن بىكارچىلىقتا ئوقۇيدىغان نېمە.

− مەنمۇ كىتاب ئوقۇمىدىم دېسەم يالغان بولار، دەرسلىك كىتابلارنى ئانچە-مۇنچە ئوقۇپ قويىمەن. ئەتىدىن كەچكىچە بالىلار بىلەن ھەپىلىشىپ چارچىغاندا كىتاب ئوقۇش خۇش ياقامدۇ كىشىگە؟! − دېدى ئوقۇتقۇچى ساۋاقدىشىمىز.

ئىككىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. «توۋا، مۇنۇلارنىڭ گېپىنى» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بىز ساۋاتسىزلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟ بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرلاشقان، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت يۈكسەلگەن دەۋردە ياشاۋېتىپمۇ كۈنلىرىمىزنى كىتابسىز ئۆتكۈزسەك قانداق بولىدۇ؟ كىتاب ئوقۇماسلىق مەنىۋى گادايلىقتۇر. ماكسىم گوركىي «كىتاب-بەخت ۋە قۇدرەتلىك ئىستىقبال يولىدا ئادىمىزات ياراتقان كەڭ، مۇرەككەپ مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىدۇر» دېگەن. كىتاب بىلىم خەزىنىسى ۋە تۈگىمەس بايلىق، مەنىۋى كۈچ، روھىي ئوزۇق ۋە قاناتتۇر. سەرخىل كىتاب ئادەمنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنى نۇرلاندۇرىدۇ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدۇ، ئادىمىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.

كىتاب ئوقۇش-بىلىم ئۆگىنىش، بىلىمنى تولۇقلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. ئادەم كىتاب ئوقۇپ دۇنيانى، تەبىئەت سىرلىرىنى، قايناق ۋە مۇرەككەپ تۇرمۇش پەلسەپىسىنى، پىكىر قىلىش يولىنى، چىنلىق بىلەن ساختىلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنىڭ پەرقىنى ئايرىيدۇ. كىتاب ئوقۇپ پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتىشىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئاساسىنى تۇرغۇزالايدۇ. كىتاب ئوقۇپ بىلىمىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كۈچەيتكەنلەر ھايات يولىدا كۈندىن-كۈنگە كۆكلىيەلەيدۇ. بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھىرى. ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. كىتاب كىشى قەلبىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ، ياشاش ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ. چۈشكۈنلەشكەندە، ئىچىمىز پۇشقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا كىتاب ئوقۇساق قەلبىمىز ئۈمىد، ئىشەنچكە تولىدۇ. غەيرىتىمىز ئاشىدۇ.

كىتاب ئوقۇش-ئوقۇماسلىق مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغانلار بىلەن كىتاب ئوقۇمايدىغانلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەنىۋى ساپا پەرقى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغانلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى ئېچىلىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنىڭ تەپەككۇرى قاتمال، پىكرى تېيىز، چېچىلاڭغۇ، تۇراقسىز بولىدۇ. ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىيالمايدۇ. كىتاب ئوقۇش-ئوقۇماسلىق ئادەمنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئادەمدە ئىلغار پىسخىك ئامىللار كۆپ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مىللەتنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا ناچار ئامىللار-نادانلىق، قالاقلىق، خۇراپاتلىق، بېكىنمىچىلىك، قاششاقلىق، دورامچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك ئېغىر بولىدۇ. كىتاب-مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى، كىتاب-تەرەققىيات كۆۋرۈكى، كىتاب-قاراڭغۇ دىلنى يورۇتقۇچى مەشئەل. ھەممىمىز كىتابنى دوست تۇتۇپ، ئۇنى ئالتۇن ئاچقۇچ بىلىپ قەدىرلەيلى!

———————————

مەنبە: http://uyghur.cntv.cn/20120323/118729.shtml

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى